ئىسلاندىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
مۇز قۇرۇقلۇقى
ياۋروپا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمال بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. ئۇ شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىگە يېقىن تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 103 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ 4/3 قىسمىنى ئېگىزلىكلەر، 8/1 قىسمىنى مۇزلۇقلار قاپلاپ تۇرىدۇ، دېڭىز قىرغاقلىرىدا تار كەتكەن تۈزلەڭلىكلەر بار. ئارالدا ۋولكقانلار، ئىسسىق سۇلۇق بۇلاقلار، شارقىراتمىلار، كۆللەر، سۈيى تېز دەريالار ناھايىتى كۆپ. پۈتۈن ئارالنىڭ 3/1 قىسمىنى ۋولقان لاۋىلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئىسلاندىيىدىكى ئىسسىق سۇلۇق بۇلاقلار 1500 دىن ئاشىدۇ. ئىسلاندىيىنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل دېڭىز ئوكيان خاراكتېرلىك ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى جەنۇبىي قىسىملىرىدا 2000 مىللىمېتىر، شىمالىي قىسىملىرىدا 450 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىدا ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %25 گە يېتىدۇ. ئىسلاندىيىدە سازلىقلار كۆپ. دېڭىز قىرغاقلىرى بەك ئەگرى - توقاي، يەر ئىسسىقلىق بايلىقى بىلەن سۇ ئېنېرگىيىسى مول. ئىسلاندىيىنىڭ ئاھالىسى
237 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983 - يىل 12 - ئاي)، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنى نېمىس مىللىتىگە خاس بولغان ئىسلاندىيىلىكىلەر ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى خرسىتىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. نېمىس تىل سىستېمىسىغا كىرىدىغان ئىسلاندىيە تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلاندىيىگە 8 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى (874 - يىلى) ئىرلاندىيىلىكلەر بىلەن نورۋىگىيىلىكلەر كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. 13 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى نورۋېگىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1904 - يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1918 - يىلى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1944 - يىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئىسلاندىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. ئىسلاندىيە ئىقتىسادتا بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدە بېلىق مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا كېمىسازلىق، يېمەك - ئىچمەك، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، سېمونت، خىمىيىۋى ئوغۇت قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى تەرەققىي قىلغان. ئىسلاندىيە تەرەققىي قىلغان دۆلەت. ئۇنىڭ خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كىشى بېشىغا تەقسىم قىلىنىشى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا (كىشى بېشىغا 9000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ) تۇرىدۇ. ئىسلاندىيىنىڭ تېرىلغۇ يېرى پۈتۈن يېرىنىڭ ئاران %1 نى تەشكىل قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا ئاساسلىق ئوت - چۆپ، يەم - خەشەك قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق قوي، ئۇنىڭدىن قالسا كالا بېقىلىدۇ. گۆش، تۇخۇم، سۈت بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەپ ئېشىنىدۇ.
ئىسلاندىيىنىڭ تولۇق نامى <ئىسلاندىيە جومھۇرىيىتى> بولۇپ، ياۋرۇپانىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى ئاتلانتىك ئوكيان تەۋەسى، شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرى يېنىغا جايلاشقان. ئىسلاندىيە نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى قاراشلار ئوخشاش ئەمەس: بىرىنچى، دۆلەت نامى كۆچمەنلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىلادى 860 - يىلى، نورۋىگىيىلىك ناتدورىد ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، ھېچيەردىن پاناھ تاپالماي قېلىپ، ئامالسىز بىر نەچچە شېرىكى بىلەن فالوك تاقىم ئاراللىرىغا كېلىدۇ، ئۇلار شۇ يەرنى تايانچ بازا قىلىپ تۇرۇپ، بۇلاڭچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، دېڭىز قاراقچىسى بولىۋالىدۇ. بىر كۈنى، ناتدورىد تاقىم ئارالغا قايتىش يولىدا جۇدۇنغا ئۇچراپ قالىدۇ، بوران ئۇنىڭ كېمىسىنى ئۇچۇرۇپ دېڭىز يولىدىن يىراق چەتنىتىۋېتىدۇ. جۇدۇن پەسەيگەن چاغدا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا بىر پارچە قۇرۇقلۇق پەيدا بولىدۇ، ئۇلار قىرغاققا چىققاندىن كېيىن يەنە قاتتىق قار يېغىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ناتدورىد بۇ ئارالغا <قار ئارىلى> دەپ نام قويىدۇ، تەخمىنەن شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش چاغدا گاردا سىلىۋارسۇن ئىسىملىك شۋىتسىيىلىك بىر كىشىمۇ دېڭىزدا بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بۇ يەرگە كېلىپ قالىدۇ، ئۇ قىرغاققا چىققان جاينىڭ نامى شەرقىي قىرغاق بولۇپ، ناتدورىد قىرغاققا چىققان جاينىڭ تەخمىنەن 50 مىل جەنۇبىغا توغرا كىلىدۇ، ئوڭغول - دوڭغۇل گرانىت تاشلار ئارىسىغا گاردا بىر كەپە سېلىپ، قەھرىتان قىشنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككىنچى يىلى باھاردا ئاندىن يۇرتىغا قايتىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ، قايتقاندا ئالدىراشلىقتىن ئۈچ ئادەم ئارالدا قېپقالىدۇ، ئۇلاردىن بىرەيلەن ھايات قېلىپ، ئىسلاندىيىنىڭ ئاڭ دەسلەپكى ئاھالىسى بولۇپ قالىدۇ، تەخمىنەن بىر - ئىككى يىلدىن كېيىن، نورۋېگىيىلىك فىراكى ۋىرگداسون پۈتۈن ئائىلىنى ئۆي سايمانلىرى ۋە مال - ۋارانلىرى بىلەن بىللە ئىسلاندىيىگە ئېلىپ كېلىپ شۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالماقچى بولىدۇ. ئۇلار ماللىرىنى ئىختىيارىغا قويۇۋېتىپ ئۆزلىرى بېلىق تۇتىدۇ. ئۇزۇن قىش پەسلى كەلگەندە، ئۇنىڭ ماللىرى يىمەكلىك تاپالماي كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇ يەردىكى پايانسىز قار ۋە تاڭ ئاتماس ئۇزۇن كېچىلەرگە قاراپ كۈنبويى ھەسرەت چېكىدۇ. ئىككىنچى يىلى باھار كېلىشى بىلەنلا كېتىشكە ھازىرلىنىدۇ. كېتىشتىن بۇرۇن ئۇ ئىسلاندىيىنىڭ غەربىي دېڭىز قولتۇقىدا شىمالىي مۇز ئوكياندىن لەيلەپ كېلىپ قالغان مۇز پارچىلىرىنىڭ تىقىلىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئۆزىگە نۇرغۇن بەخىتسىزلىك ئېلىپ كەلگەن بۇ ئارالغا <ئىسلاندىيە> دەپ نام قويىدۇ، شۇندىن باشلاپ بۇ نام تارقىلىپ كېتىدۇ. ئىككىنچى، تەخمىنەن مىلادى 870 - يىللىرىدىكى نورۋېگىيە پادىشاھىسى خارىد فىلخائىر پۇقرالىرىغا زالىملىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، زۇلۇمغا چىدىمىغان نورۋېگيىلىكلەر ئۆي بويىچە تۈركۈملەپ يېقىندىكى كىچىك ئارال ئىسلاندىيىگە كۆچۈشكە باشلايدۇ. ئەينى ۋاقىتلارد ئىككى بۆلەڭ دېڭىز قاراقچىلىرى شىمالىي ياۋرۇپا ئەتراپلىرىدىكى دېڭىزدا زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىۋاتاتتى: بىر بۆلىكى سىكاندىنوۋىيە يېرىم ئارىلىدىن، يەنە بىر بۆلەك قاراقچىلار بولسا شىمالىي ئافرىقىدىن كەلگەن.ئۇلار ياۋۇزلۇقتا ئۇچىغا چىققان بولۇپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، مېلىنى بۇلاپ ئىسلاندىيىگە كەلگەن كۆچمەنگە ئاراملىق بەرمەيتتى، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن، ئىسلاندىيىدىكى بىر كۆچمەن مۇنداق دەيدۇ: <مىنىڭ بىر تەكلىپىم بار، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ شىمالىمىزدا بىر چوڭ ئارالنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇ يەرنى يىل بويى قار - مۇز قاپلاپ، جۇدۇن - چاپقۇن توختىمايدىغىنىنى بىلىدۇ، ئۇ چوڭ ئارال بىلەن بىزنىڭ بۇ كىچىك ئارىلىمىزنىڭ تا ھازىرغىچە تېخى رەسمى نامى يوق. بىز چوڭ ئارالنى Greenland (مەنىسى يېشىل ئارال، ئاھاڭ تەرجىمىسى گرىنلاندىيە) دەپ، بىزنىڭ بۇ كىچىك ئارلىمىزنى Iceland (مەنىسى مۇز ئارىلى، ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىسلاندىيە) دەپ ئاتىساق، دېڭىز قاراقچىلىرى بۇلاڭچىلىققا كەلگەندە ئارالنىڭ ئىسمىغا قاراپ چوقۇم ئاۋۋال يېشىل ائرال (گرىنلاندىيە)نى تاللايدۇ. ئۇلار ئۇ ئارالغا بېرىپ قار - مۇز ۋە جۇدن - چاپقۇندىن باشقا، بىپايان مۇزلۇقتا ھېچنىمىنىڭ يوقلۇقىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېشىل ئارال دېگىنى بۇنچىلىك قاقاس تۇرسا، ھېلىقى مۇز ئارال دېگىنى قاراپ قويۇشقىمۇ ئەرزىمىگۈدەك دېيىشى ئەجەپ ئەمەس>. كىشىلەر بۇ تەكلىپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ماختىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ئارالنىڭ نامى شۇنداق ئاتىلىپ قېلىپ، ھازىرغىچە تارقىلىپ كېلىپتۇ. 870 - يىلى نورۋېگىيىلىكلەر ئىسلاندىيىدە ئولتۇراقلىشىشقا باشلاپ، 930 - يىلى ئىسلاندىيە فېدېراتسىيىنى قۇرىدۇ. 1262 - يىلى ئىسلاندىيە نورۋېگىيىگە تەۋە بولىدۇ. 1380 - يىلى، ئىسلاندىيە ۋە نورۋېگىيە دانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتىدۇ. 1904 - يىلى دانىيە ئىسلاندىيىنىڭ ئىچكى ئاپتونومىيىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىسلاندىيە 1918 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، 1944 - يىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئىسلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرىدۇ.
ئىسلاندىيىنىڭ يەر مەيدانى 103 مىڭ 106 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 26 مىڭ 500، ھەممىسىلا ئىسلاندىيىلىك، شىمالىي گېرمان تىل تارمىقى ھېسابلىنىدىغان ئىسلاندىيە تىلى قوللىنىلىدۇ. پايتەختى رىيكياۋىك. پۇل بىرلىكى كرونا.
شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىگە يېقىنى ئىسلاندىيە 1262 - يىلىدىن باشلاپ نورۋېگىيە تەۋەلىكىگە ئايلانغان. نورۋېگىيىلىك فلوك دېگەن كىشى بىر پوت قولتۇقىدا توختاپ، ئاپئاق قارلىق بىر پارچە زېمىننى كۆرۈپ، بۇ يەرنى < مۇزلۇق قۇرۇقلۇقى > دەپ ئاتىغانىكەن. 14 - ئەسىردە، ئىسلاندىيە، نورېگىيە بىر مەھەل دانىيىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1944 - يىلى ئىسلاندىيە دانىيىدىن ئايرىلىپ، تولۇق مۇستەقىل بولۇپ، جومھۇرىيەت بولغان. ئىسلاندىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئاق ۋە قىزىل كرېستلىك كۆك بايراق بولۇپ، نورۋېگىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ئوخشايدۇ، پەقەت قىزىل كۆك رەڭنىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇلغان. تىپىك كرېسىتلىك قۇرۇلما بىلەن ئىسلاندىيىنىڭ سكاندىنىۋىيە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى تولۇق ئىپادىلەنگەن. قەدىمدىن بۇيان كۆك ۋە ئاق رەڭ ئىسلاندىيىنىڭ مىللىي رېڭى بولۇپ كەلگەن؛ كۆك ئاسمان ۋە ئوكياندىن ئىسلاندىيىدن ئىبارەت بۇ كۈمۈش زېمىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان، ئۇ يەر، بۇ يەردە قىزىل يانار تاغلارمۇ تارقالغان. ئىسلاندىيە دۆلەت بايرىقىدىكى كرېسىت دانىيە دۆلەت بايرىقىدىكى كرېسىت نۇسخىسىدىن كەلگەن. بىرق، تېخىمۇ كۆپ ئىسلاندىيىلىكلەر بۇ پاك كرېسىتنىڭ خرسىتىئانغا سىمۋوللۇق قىلىنغانلىقىنى شۈبھسىز ئىشىنىدۇ.
دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قالقانسىمان دۆلەت بايرىقى سىزلغان، دۆلەت بايرىقىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە دۆلەت قۇشى ئاق لاچىن بىلەن بىر يىلان سىزىلغان؛ ئاق لاچىن شىمالىي قۇتۇپتىلا بولىدىغان قۇش بولۇپ، پەيلىرى ئاق، پەۋاز قىلىشقا ئامراق. دۆلەت گېربىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىگە ھاسا تۇتۇپ تۇرغان كۆزلىرى نۇرلۇق ئاقساقال، بالا چىراي بىر مويسىپىت بىلەن قوش كالىسى سىزىلغان. ئۇلار رىۋايەتتىكى ئىلاندىيىنى قوغدىغۇچى ئىلاھىدۇر. گېربىنىڭ ئاستىدىكى تاش ئىسلاندىتىنىڭ قىيا تاشلىق ئۇزۇن دېڭىز قىرغىقىنى بىلدۈرگەن.