UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرنېگىر

نېگىر

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا دەريا ئىچىدىكى دەريا غەربىي ئافرىقىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت، مالى، لىۋىيە، ئالجىرىيە، يۇقىرى ۋولت، بىنېن، نىگېرىيە، چادلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى بىر مىليون 267 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 6 مىليون 173 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)،% 55 ىنى خاۋسا خەلقلىرى، قالغىنىنى جرما، سانگاي، فولبې، تۇئارېگ قاتارلىق خەلقلەر تەشكىل قىلىدۇ. خاۋسا، فولبې قاتارلىق تىللارنى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ.% 90 ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى نىئامېي شەھىرى. نىگېرىيىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى دېڭىز يۈزىدىن 200-500 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېگىزلىكلەر دېڭىز يۈزىدىن 700-1000 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ. ئەڭ ئېگىز جايى تەخمىنەن 2000 مېتىر كېلىدۇ. ھاۋاسى قۇرغاق ئىسسىق، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى شىمالدا 50 مىللىمېتىر، جەنۇبتا بارغانسېرى كۆپىيىپ 500 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. يېرىنىڭ 60% ىنى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ بىر قىسمى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا تار سوزۇلغان تروپىك ساۋاننا بەلبېغى جايلاشقان بولۇپ، مۇھىم تېرىقچىلىق رايونى ھېسابلىنىدۇ. 10 - ئەسىردىن باشلاپ بورنۇ پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. 1897 - يىلدىن 1900 - يىلغىچەفرانسىيە ئىگىلىگەن. 1904 - يىلدىن باشلاپ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1958 - يىلى فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى دائىرىسىدىكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشىپ، نىگېر جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. ئىككىنچى يىلى ئورتاق گەۋدىدىن چېكىنىپ چىققان. نىگېر يېزا ئىگىلىك دۆلىتى. ئاھالىنىڭ% 87 ى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تېرىلغۇ يېرى پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ %5 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. قوناق، مانىخوت، خاسىڭ، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. 10 مىليوندىن ئوشۇق قوي، كالا قاتارلىق چارۋا بېقىلىدۇ. كان بايلىقلىرىدىن ئوراندىن باشقا قەلەي، تۆمۈر، گەج، تۇز قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئېلىنىدۇ. سانائەتتە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، سېمونت قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. چەت ئەللەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى ئاساسلىق نىگېرىيىنىڭ لاگوس پورتى ئارقىلىق بولىدۇ. سىرتقا ئوران رۇدىسى، خاسىڭ، پاختا، چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىدۇ، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، ماشىنا، ئاپتوموبىل، يېقىلغۇ، يېمەكلىكلەرنى ئىمپورت قىلىدۇ. نېگرنىڭ تولۇق نامى <نېگىر جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، غەربىي ئافرىقا ئىچكى قۇرۇقلۇقىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى نېگىر دەرياسىدىن پەيدا بولغان. مىلادى بىرىنچى ئەسىردىلا نېگىر سۆزى رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئالىم داپروننىي ۋە يۇنان جۇغراپىيە ئالىمى پتولومېي تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن. ئىسپاتلىنىشچە، يىراق قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپلا، دەريا بويىدىكى ئاھالىلەر بۇ دەريانى <دەريا ئىچىدىكى دەريا> دەپ ئاتىغان، مەسىلەن، ماندېلار ئۇنى Baba دەپ ئاتىغان بولۇپ، Ba نىڭ مەنىسى <دەريا>، جېرمالار IssaBera دەپ ئاتىغان بولۇپ، Bera نىڭ سونگاي تىلىدىكى مەنىسى <چوڭ>، خائوسلار oGoulbi Baba ياكى Kworra دپ ئاتىغان بولۇپ، ھەممىسى <چوڭ دەريا> دېگەن مەنىدە. <نېگر> نامى بولسا بەربەر تىلى Neghirreu نىڭ خاتا تارقىلىشى بولۇپ، بۇنىڭ سۆز يىلتىزى ghir بولۇپ، مەنىسى <دەريا>. تۇالىغلار بۇ دەيارنى eguerew دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ مەنىسى <ئېقىۋاتقان سۇ> بولۇپ، مۇشۇ سۆزدىن نېگىر Niger نامى پەيدا بولغان. نېگىردا مىلادى 10 - ئەسىردە بورنو پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. 15 - ئەسىردە ئۇنىڭ غەربىي شىمالىدا ئاغدېز سۇلتانلىقى قۇرۇلغان. 1897 - يىلى فرانسىيە تاجاۋۇز قىلىپ، 1908 - يىلى فرانسىيىگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1958 - يىلى 12 - ئايدا فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى قارمىقىدىكى <ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت> بولغان. 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، نېگىر جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. يەر مەيدانى 1.267 مىليون، ئاھالىسى 8 مىليون 530 مىڭ. پايتەختى نىئامېي. پۇل بىرلىكى ئافرىقا پۇل مۇئامىلە ئورتاق گەۋدىسى فرانكى. نىگېر تەۋەلىكىدىكى نىگېر دەرياسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، قارا دەريا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. نىگېر 1922 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. 1960 - يىلى ئاۋغۇسىتتا مۇستەقىل بولغان. نىگېرنىڭ قىزغۇچ سېرىق، ئاق ۋە يېشىل رەڭدىكى ئۈچ توغرا بەلدەملىك بايرىقى ھىندىستاننىڭ دۆلەت بايرىقىغا ئوخشايدۇ، پەقەت ئوتتۇرىسىغا سىزىلغان سۈرەتلەر بىلەنلا پەرقىلىنىدۇ: ھىندىستان دۆلەت بايرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر دارماساكرا سىزىلغان، نىگېر بولسا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك قۇياش سىزغان. دۆلەت بايرىقىدىكى قىزغۇچ سېرىق رەڭ شىمالدىكى قۇملۇقلارنى بىلدۈرىدۇ، ئاق رەڭ ئەركىنلىك ۋە تىنىچلىقنىڭ پەرىشتىسىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، يېشىل رەڭ جەنۇبىي نىگېر دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ۋە شەرقىي - جەنۇبىي تەرەپتىكى چاد كۆلىنىڭ بويىدىكى مۇنبەت زېمىننى كۆرسەتكەن، ئوتتۇرىسىدىكى قۇياش نىگېرنىڭ قۇياش بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، مەڭگۈ نۇر ياغدۇرۇپ تۇردىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان، مۇشۇ بايراقنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نىگېر خەلقى قەدىمكى ئافرىقا قەلبىنى ئويغاتقان، يېڭدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەت ئىلاھنىڭ دىققەت نەزىرى ئاستىدا، يېڭى تەشنالىقى ۋە قايناق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتقان. نىگېر دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يېشىل قالقاندا قۇياش نۇرى جىلۋىلىنىپ تۇرغان، نىگېر دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى خەلق ئۇنىڭ نۇرىغا چۆمۈلۈپ، شىجائەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىگەن. قالقاننىڭ ئۈستىدىكى سول تەرەپكە بىر قىلىچ بىلەن نەيزە گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان، ئۇ سەھرايى كەبىردىكى كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ بەلگىسىدۇر، شۇنداقلا قەدىمكى نىگېر پادىشاھلىقىغا بولغان ئەسلىمىدۇر؛ ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى كۆممقۇناق نىگېرنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائىتى بولۇپ، خەلق تايىنىدىغان دېھقانچىلىقنى بىلدۈرگەن؛ كالا بېشى دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىشتەك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرگەن. قالقاننىڭ ئىككى يېنىدا لەپىلدەپ تۇرغان دۆلەت بايرىقى خەلقنى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، كېلەچەكنى كۈتۈۋېلىشقا چاقىرغان. قالقاننىڭ ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا فرانسۇزچە < نىگېر جۇمھۇرىيىتى > دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر