UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەربىرما

بىرما

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا يىراقتىكى تاغ جىلغىسى ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 670 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى دۆتلەر ئىچىدە يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىسى 36 مىليون 390 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ ئىچىدە بىرما مىللىتى ئومۇمىي ئاھالىنىڭ % 65 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا دەن، كىكەن، كىلون، دوكەي قاتارلىق 50 نەچچە مىللەت بار، يەنە جۇڭگولۇقلارمۇ بار. ئاھالىسىنىڭ % 80 دى بۇددا دىنىغا، % 8 ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، دۆلەت تىلى بىرما تىلى ھېسابلىنىدۇ. بىرما يەر شەكلى جەھەتتىن تاغلىق، نېگىز تەكشىلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭ شىمالىي ئېگىز بولۇپ، جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي ئېگىز بولۇپ، جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي قىسمىدا كونا دەنباڭ ئېگىزلىكى بار. تاغلىق، ئېگىز تەكشىلىكلەرنى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئاققان دەرياللار نۇرغۇن دەريا ۋادىلىرىغا ئايرىپ تۇرىدۇ. بىرما ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان، ئاھالىسى ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت. بىرمىنىڭ ئىقلىمى تروپىك مۇسسونلۇق ئىقلىمىغا خاس بولۇپ، يازلىقى ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ، ئۇنىڭ دېڭىز ئىېقىملىرىغا يۈزلەنگەن دەننا سالىن قىرغاقلىرى بىلەن ئاراكان تېغىنىڭ ھۆل - يېغىنى كۆپ بولۇپ، 3000 مىللىمتېردىن ئاشىدۇ. ئىچكى قىسمىدىكى ئىراۋادى دەريا قىرغاقلىرىدا 400-1000 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. بىرمىنىڭ ھاۋاسى يىل بويى يىللىق، يامغۇرى كۆپ بولغانلىقتىن، دۆلەتنىڭ % 60 نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ، ئورمان مۇھىم ئېكسپورت ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. بىرما دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمىي قوشنا دۆلەتلىرىدىن بىرى، مىلادى 9 - ئەسىردىن باشلاپلا دۆلىتىمىز بىلەن بىرما ئوتتۇرىسىدا بېرىش - كېلىش باشلانغان. بىرما 19 - ئەسىرگە كەلگەندە ئەنگلىيە بىلەن ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان، 1879 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلانغان، 1937 - يىلى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، بىۋاسىتە ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن. 1942 - يىلدىن 1945 - يىلغىچە ياپونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1948 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن. بىرما يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان دۆلەت. ئاھالىنىڭ تەخمىنەن % 70 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن شال ئۆستۈرۈلىدۇ. شال ئۆستۈرۈلىدىغان يەر پۈتۈن تېرىلغۇ يېرىنىڭ % 70 نى ئىگىلەيدۇ. بىرما تارىختىن بۇيان سىرتقا گۈرۈچ مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىش بىلەن داڭلىق، ئۇنىڭ گۈرۈچ ئېكسپورتى ھازىرمۇ پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ % 40- %50 , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , , نى ئىگىلەيدۇ. شالدىن باشقا خاسىڭ، كېۋەز، كۈنجۈت، شېكەر قۇمۇشى، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. بىرمىنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلمىغان، گۈرۈچ ئاقلاش بىلەن ياغاچ ماتېرىياللىرى سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلاردىن قالسا توقۇمىچىلىق، خىمىيىۋى ئوغۇت، پولات پروكاتلاش، شېكەر، ياغ چىقىرىش، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەتلىرى بار، بۇ خىل سانائەت ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىراۋدى ۋە چىتاڭ دەريا بويلىرىدىكى رانگون، ماندالاي، ماۋدەنميەن قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن ميەنمارنىڭ تولۇق نامى <ميەنمار فېدېراتسىيىسى> بولۇپ، ئوتتۇرا جەنۇبىي ئاسىيا يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. دلالەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل چۈشەنچە بار: بىرىنچى، جۇڭگو سۇڭ دەۋرىنىڭ بۇ دۆلەتكە بولغان ئاتىشى. قەدىمكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، خەن سۇلالىسى بۇ دۆلەتنى <دەن> دەپ، تاڭ سۇلالىسى بولسا <پياۋ دۆلىتى> دەپ ئاتىغان. تاڭ دېزۇڭنىڭ جىنيۈەن يىللىرى، پياۋ دۆلىتى شاھى يۇڭچياڭ جۇڭگوغا بىر مەدەنىيەت ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ناخشا - ئۇسۇل ئورۇنداشقا ئەۋەتكەن. شائىر بەيجۈيى ئۇلارنىڭ ئېسىل ئويۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن <پياۋ دۆلىتى مۇزىكىسى>ناملىق تەسىرلىك شېئىر يازغان. سۇڭ دەۋرىدە ميەنمارنى <پۇگەن> دەپ ئاتاش بىلەن بىللە يەنە ميەنبار دەپ ئاتاشقا باشلىغان. 1160 - يىلى، ميەنمار ئەلچىسى دالى ئەلچىلىرىگە ئەگىشىپ، سۇڭ خاندانلىقىغا زىيارەتكە كەلگەن ۋە پىل سوۋغا قىلغان. سۇڭ ئوردىسى مىيەنمارنىڭ تاغ ـ دەريالىرىنىڭ تولىمۇ يىراق، يوللىرىنىڭ قىيىنلىقىغا سۈپەت قىلىپ،<ميەن>(يىراق مەنىسىدە)دەپ ئاتىغان؛ يەنە جۇڭگۇ ميەنمار چېگراسى ئەتراپلىرىدا تاغ جىلغىسىنى <ما> دەپ ئاتىغاچقا، بىرلەشتۈرۈپ <ميەنمار>(يىراقتىكى تاغ جىلغىسى) دەپ ئاتىغان؛ ئىككىنچى، مىللەت نامىدىن پايدا بولۇپ، كېيىن دۆلەت نامىغا ئۆزگەرگەن. قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز نامىنى <مىيەن> سۆزىگە ھۆرمەتنى بىلدۈرىدىغان ئارقا قوشۇلغۇچى <مار>نى قوشۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن دەپ تونۇيدۇ. بۇنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى <چاققان>، <قاۋۇل> مەنىسىدە بولۇپ، سۆز مەنبەسى سانسكرىت يېزىقى <بىراھمان> بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بۇددا دىنىدا بۇ سۆز <بۇ يەردە ئەڭ بۇرۇن ئولتۇراقلاشقۇچى> مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ميەنمارلىقلار ئۆز دۆلىتىنى يەنە ئومۇميۈزلۈك <باما>(كۈچلۈك مەنىسىدە)دەپمۇ ئاتايدۇ. مىيەنمار 1044 - يىلى بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن كىيىن، پۈگەن، دۇڭۋۇ ۋە گۇڭباڭ قاتارلىق ئۈچ فېئوداللىق سۇلالىنى باشتىن كەچۈرگەن. 1824 - يىلىدىن 1885 - يىلىغىچە ئەنگلىيە ئۈچ قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئارقلىق ميەنمارنى تەدرىجىي بېسىۋېلىپ، ميەنمارنى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىۋالغان. 1942 - يىلى 5 - ئايدا ياپونىيە بېسىۋالغان، 1945 - ئەنگىلىيە قايتىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1948 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ميەنمار فېدېراتسىيىسىنى قۇرغان. 1974 - يىلى 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى نامىنى <ميەنمار فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتكەن، 1988 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى نامىنى يەنە <ميەنمار فېدىراتسىيسى> گە ئۆزگەرتكەن. ميەنمارنىڭ يەر مەيدانى 676.581 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 43مىليون، بۇنىڭ ئىچىدە %65 تى ميەنمار مىللىتى بولۇپ، قالغان مىللەتلەردىن كېلون، دەن قاتارلىقلار بار، مەملىكەت بويىچە 7 ئاز سانلىق ئاپتونوم شىتات بولۇپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ% 55ىنى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى رانگون، پۇل بىرلىكى كىيات. بىرما 1044- يىلى بىرلىككە كەلگەن دۆلەت. 1948- يىلى ئەنگىليە مۇستەملىكچىلىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغان. پۈتۈن مەملىكەتنى يەتتە ئۆلكە ۋە يەتتە ئىتپاقداشقا ئايرىغان. بۇ ئالاھىدىلىك بىرمىنىڭ 1974- يىلى قايتا تۈزۈلگەن دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گېربىدە تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بىرما ئىتپاقداش دۆلتىنىڭ بايرىقى قىزىل رەڭنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بايراقنىڭ سول ئۈستىگە بىر ئۇزۇن كۆك چاسا سىزىلىپ. ئۈستىگە ئاق گۈللەر سىزىلغان. قىزىل رەك بىرما خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشلەر داۋامىدا ئىپادىلەنگەن باتۇرلۇقى ۋە كەسكىنلىكى سىمۋۇل قىلىنغان. ئاق رەڭ بىرمىلىقلارنىڭ پاك تۇغما خۇسۇسىيتى ۋە گۈزەل ئەخلاقىنى نامايەن قىلغان. كۆك رەڭ تىنچلىق ۋە بىرلىكنىڭ سىمۋۇلى بولغان. بايراق ئۈستىدىكى رەسىم شال ۋە چىشلىق چاق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. شال باشىقى بىرمىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى كۆپ سانىنى ئىگىلەيدىغان يېزا ئىگىلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 14چىشلىق چاق يېڭىدىن گۈللەنگەن سانەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىنغان. چىشلىق چاق بىلەن ئۇدۇل تۇرغان 14بەش بۈرجەكلىك كىچىك يۇلتۇز بىرما ئىتتىپاقىنىڭ 14ئۆلكە ۋە ئىتتپاقداشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىنىپ، دۆلەنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى كۆرسەتكەن. دۆلەت گېرىبىدىكى چىشلىق چاق بىلەن ئالتۇن رەڭلىك شال باشاقلىرىنىڭ مەنبەسى دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش. چىشلىق چاقنىڭ دەل ئوتتۇرسىغا بىرمىنىڭ خەرىتىسى سىزىلغان بۇلۇپ، دۆلەت چىگىرسى ۋە چېگرا رايونلىرنى بىلدۈرگەن. بىرما بۇتقا ئېتقاد قىلىدىغان دۆلەت، دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنىدىكى بۇلۇتسىمان بېزەك لىنتىسى بېھىش جەننەتىنىڭ بەلگىسى. ئىككى تەرپىدە سىرىتقا قاراپ تۇرغان بىردىن شىر بۇددا دىنىدا قۇتلۇلىنىدىغان مۇقەددەس شىر بولۇپ، مۇھاپزەتچى ئىلاھىغا ئوخشىتىپ،بۇ دۆلەتنى قوغدايدىغان قەيسەر كۈچىگەسىمۋول قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرمىنىڭ دىنىي ئالاھىدىلىكمۇ شۇ ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى ئالتۇن رەڭلىك لېنتىغا بىرما يېزىقىدا دۆلەت نامى يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر