توگو
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
سۇ بويى دۆلىتى
ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى گۋېنىيە قولتۇق بويىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 56 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇن سوزۇلغان، ئۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغاقلىرىدا تۈزلەڭلىك، سازلىقلار، ئوتتۇرا قىسمىدا دېڭىز يۈزىدىن 200-500 مېترغىچە ئېگىزلىكتىكى ئېگىزلىكلەر بار. بۇ جايدىكى ئەڭ ئېگىز باۋمەن چوققىسى 986 مېتر كېلىدۇ. ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمى بىلەن تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 800-1800 مىللىمېترغا يېتىدۇ. يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى دېڭىز قىرغاقلىرىدا ℃27، شىمالىي قىسىملىرىدا ℃30 قا يېتىدۇ. ئاھالىسى 2 مىليون 760 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى بانتوتىل سىستېمىسىدىكى كابىرى، ئېۋى، مىنا قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى ئىپتىدائىي دىنلارغا، ئاز قىسمى كاتولىك دىنى، ئىسلام دىنى، خرېستىئان دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئېۋى تىلى بىلەن داگومبا تىلى كۆپ قوللىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. قەدىمكى دەۋرلەردىكى توگو يېرىدە نۇرغۇن مۇستەقىل بولغان قەبىلىلەر بىلەن كىچىك كىنەزلىكلەر قۇرۇلغان. 15 - ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيىلىكلەر بېسىپ كىرىپ قەبىھ قۇل سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇڭا بۇ جاي بىر مەزگىل <قۇل قىرغىقى> دەپمۇ ئاتالغان. 1856 - يىلى گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1884 - يىلى گېرمانىيىنىڭ رەسمىي مۇستەملىكىسى بولغان. 1957 - يىلى توگونىڭ غەربىي قىسمى گانا بىلەن بىرلەشكەن. 1960 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، توگو جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1972 - يىلى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. توگو يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، ئاھالىسىنىڭ % 80 تى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. مانىخوت، ياڭيۇ تىپىدىكى زىرائەتلەر، كۆممىقوناق، تېرىق، قوناق، شال ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن كاكائو، كوفې ئۆستۈرۈش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا خاسىڭ، ياغلىق پالما قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلەپ كېتەلمەيدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسەن قوي، كالا بېقىلىدۇ. سانائەتتە كان سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ جايدا 40 نەچچە كان سانائەت ئورنى بار. سانائەت مەھسۇلات قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 30 تىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ فوسفور كېنى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەتلىرىدىن توقۇمىچىلىق، يېمەك ـ ئىچمەك، پولات - تۆمۈر، نېفىت ئايرىش، ئېلېكتر، سېمونت قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
توگونىڭ تولۇق نامى <توگو جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، جەنۇبىي گۋىنىيە قولتۇقىغا يۈزلىنىدۇ. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىنچى، رىۋايەت قىلىنىشچە،بۇندىن 600 يىل مۇقەددەم، ئېرۋىللار غەربىي ئافرىقىدىكى نېگىر دەريا جىلغىسىدىن بۇ دۆلەتتىكى دېڭىز بويىغا كۆچۈپ كېلىپ، چوڭ بىر لاگۇنا كۆلىنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن كەنتلەرنى قۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كەنتنىڭ نامى <توگو> بولۇپ، يەرلىك ئېرۋىل تىلىدا to نىڭ مەنىسى <سۇ>، go نىڭ مەنىسى <قىرغاق> بولۇپ، لاگۇنا كۆلى بويلىرى ياكى گۋىنىيە قولتۇقىنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 19 - ئەسىردە بۇ جاينى گېرمانىيىلىكلەر بېسىۋالغاندىن كېيىن، togo نامىنى پۈتكۈل رايونغا كېڭەيتكەن؛ ئىككىنچى، پايتەخت لومېنىڭ شەرقىدىكى Togo كۆلى نامىدا ئاتالغان، كۆل نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئېنىق ئەمەس. قەدىمكى دەۋرلەردە توگو زېمىنىدا نۇرغۇنلىغان مۇستەقىل قەبىلە ۋە كىچىك پادىشاھلىقلار بولغان. 15 - ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر ئىز بېسىپى تاجاۋۇز قىلىپ، دېڭىز بويلىرىدا قۇل توشۇغان. 1884 - يىلى گىرمانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. بىرىنچى دۇنيائۇرۇشىدىن كېيىن، توگونىڭ غەربى ۋە شەرقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا بۆلۈپ بېرىلگەن، 1957 - يىلى 3 - ئايدا گانا مۇستەقىل بولغاندا غەربىي توگو گاناغا قوشۇۋېتىلگەن. 1960 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى شەرقىي توگو مۇستەقىل بولۇپ، نامىنى توگو جۇمھۇرىيىتى قىلىپ بېكىتكەن.
توگونىڭ يەر مەيدانى 56.6 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 4 مىليون. فرانسۇز تىلى ھۆكۈمەت تىلى قىلىنغان. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى ئىپتىدائى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى لومې، پۇل بىرلىكى ئافرىقا پۇل مۇئامىلە ئورتاق گەۋدىسى فرانكى.
توگو ئافرىقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي گۋىنىيە قولتۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ. < تو > سۇ دېگەن مەنىنى، < گو > قىرغاق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. توگو 1884 - يىلى گىرمانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيىنىڭ < ۋاكالتەن باشقۇرۇلدىغان رايونى > غا ئايلانغان. لېكىن، زوراۋانلىق كۈچلىرىنىڭ زورلۇق - زومبۇلۇقى بولغان تەقدىردىمۇ توگو خەلقى يەنىلا ئەركىنلىككە ئىنتىلىپ، سانسىز كۈرەشلەر ۋە غەلبىلەر ئارقىلىق 1960 - يىلى ئاپرېلدا مۇستەقىل بولغان. تۈزۈلگەن دۆلەت بايرىقى ئۈچ يېشىل بەلدەم، ئىككى سېرىق بەلدەمدىن تەركىب تاپقان، سول تەرەپنىڭ ئۈستى بۇلۇڭغا بىر ئاق بەش بۇرجەكىلىك يۇلتۇز چاقنىغان قىزىل رەڭلىك كىۋادرات سىزىلغان. يېشىل رەڭ - توگو خەلقى، يېزا ئىگىلىك ۋە ئۈمىدىنى بىلدۈرگەن. سېرىق رەڭ - خەلقىنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى قۇرۇش ئىرادىسى ۋە مول تەبىئىي قېزىلما بايلىقنى بىلدۈرگەن، قىزىل، رەڭدە ئىنسانلارنىڭ سەمىمىيلىكى، مېھىربانلىقى ۋە پىداكارلىق روھى مۇجەسسەملەشكەن، ئاق رەڭ - پاكلىق ۋە ئەقىل - پاراسەت ئىچىدە يايرىغان.
توگونىڭ قالقانسىمان يېشىل دۆلەت گېربى ئېللىپىسىمان شەكىلدىكى ئاق رەڭلىك بەلگىنى ئاساسىي كۆرۈنۈش قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە توگو جۇمھۇرىيەتنىڭ دۆلەت نامى قىسقارتىلىپ يېزىلغان < RT > ئوردېنى سىزىلغان. ئىككى دۆلەت بايرىقىنى ئوردېنغا قادالغان. ۋەتەنپەرەسلىك روھى شۇنىڭ بىلەن تارقالغان. ئۆرە تۇرغان ئىككى قىزىل شىر قەتئىيلىك ۋە باتۇرلۇققا سىمۋول قىلىنغان. ئۇنىڭ قولدىكى ئوقيا توگو خەلقىنىڭ ۋەتەننىڭ مەنپئەتىنى قوغداپ، چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشى تۇرىدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت بايرىقى ئۈستىدە بىر ئاق لېنتا بولۇپ، ئۈستىگە توگو خەلقىنىڭ < ئىشچان، ئەركىن، ۋەتەن> دېگەن سۆزى يېزىلغان.