ئېرىترېيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
قىزىل رەڭلىك دېڭىز
ئېرىترېيە قىزىل دېڭىزنىڭ بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋرۇپا قىتئەلىرىنىڭ دېڭىز قاتنىشى كېكىرتىكى -- ماندى بوغۇزىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ نامى گرېكچە eritros سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <قىزىل رەڭلىك>. بۇ قىزىل دېڭىزنىڭ رەڭگى ياكى شۇ جايدىكى تۇپراقنىڭ رەڭگىگە قارىتا ئېيتىلغان ۋە ياكى گرېكچە Mare Erytraeum (قىزىل دېڭىز) سۆزىدىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. 1890 - يىلى ئىتالىيە بۇ جاينى مۇستەملىكە قىلىپ تۇرغان چېغىدا يۇقۇرىقى نامنى ئىشلەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئېرىترېيىنى ئەنگلىيە بېسىۋالغان، 1950 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 390 - نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، ئېرىترېيىنىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنى ئىكەنلىكى، ئېفىئوپىيە بىلەن بىرلىشىپ فېدېراتسىيە تەشكىللەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆز ئاساسىي قانۇنى، پارلامېنتى ۋەھۆكۈمىتى بولۇشقا يول قويۇش كېرەكلىكى قارار قىلىنغان. لېكىن ئېفىئوپىيە ھۆكۈمىتى ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە پارلامېنتىنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ توختىتىپ قويغان، 1962 ئېفىئوپىيە ھۆكۈمىتى قارار ماقۇللاپ، ئېرىترېيىنى ئېفىئوپىيىنىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىپ قوشۇۋالغان. 30 يىللىق مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئارقىلىق ئېرىترىيە 1993 - يىلى 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئاخىرى يېڭىدىن ھاياتلىققا ئېرىشكەن.
ئېرىترېيىنىڭ يەر مەيدانى 125 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 3 مىليون 500 مىڭ. پايتەختى ئاسمارا. تىگلېر، ئالفا ۋە سالېر قاتارلىق 9 مىللەت بار، تىگلېر، ئەرەب ۋە ئىنگلىزتىللىرىنى ئىشلىتىدۇ، ئاھالىسى خرىستىئان ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئېرتېرىيە ئەسلى ئىتالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى، 1952 - يىلى ئۆز ئالدىغا ئىدارە قىلغان ھەمدە ئېفىئوپىيە بىلەن بىرلەشكەن، كېيىن يەنە بىر ئۆلكە قاتارىدا ئېفىئوپىيىگە قوشۇۋېتىلەەن. 1960 - يىلى، ئېرتېرىيە ئازادلىق فرونتى قۇرۇپ، قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلغان. 1993 - يىلى ئاپرېلدا ئېرتېرىيە ئۇمۇمىي خەلقىنىڭ قارار قىلىشىغا قويۇپ، ئېفىئوپىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. داغدۇغىلىق دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىدا ئېرتېرىيىنىڭ تۇنجى دۆلەت بايرىقى ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلگەن.
ئېرتېرىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئازادلىق فرونتىنىڭ بايرىقنى ئاساس قىلىپ لايھىلەنگەن بولۇپ، بايراق ئۈستىدىن ئاستىغىچە يېشىل، قىزىل ۋەكۆك رەڭدىكى ئۈچ ئۈچبۇلۇڭدىن تەركىب تاپقان، بايراق سېپى تەرەپتىكى قىزىل ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چەمبرەكسىمان سېرىق زەيتۇن شېخى ئوتتۇرىسىغا بىر تۈپ زەيتۇن شېخى تىك تۇرغۇزۇلغان. يېشىل رەڭ ئېرتېرىيىنىڭ دېھقانچىلىقى بىلەن چارۋىچىلىقىغا سىمۋول قىلىنغان؛ قىزىل رەڭ خەلقنىڭ مۇستەقىللق ۋە ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنىڭ سىمۋولى بولغان، كۆك رەڭ مول دېڭىز - ئوكيان بايلىقى ۋە مال - مۈلۈكنىڭ، سېرىق رەڭ قېزىلما بايلىقى ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس يەر ئاستى بايلىقنىڭ سىمۋولىدۇر، زەيتۇن شېخى بولسا ئېرتېرىيە خەلقىنىڭ تىنچلققا بولغان ئارزۇسى ۋە ئىنتىلىشىنى نامايان قىلغان.
دۆلەت گېربىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئېرتېرىيىگە خاس بىر نار تۆگە كەڭ ۋە مۇنبەت زېمىنىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئېرتېرىيىنىڭ سىمۋولى بولغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنى ۋە ئۈستى تىنچىلىقنىڭ سىمۋولى بولغان زەيتۇن شېخى بىلەن بېزەلگەن، ئاستىدىكى لېنتىغا ئىنگىلىزچە < ئېرتېرىيە دۆلىتى> دېگەن خەت يېزىلغان.