UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرگۋىئانا

گۋىئانا

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا سۇ ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ شىمال تەرىپى ئاتلانتىك ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 214 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەتنىڭ شىمالىغا دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكىرى، ئوتتۇرا قىسمىغا ئېدىرلىقلار، جەنۇبىغا گۋىئانا ئېگىزلىكى جايلاشقان، ئۇنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى رولەيما چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2180 مېتىرغا يېتىدۇ. گۋىئانا ئاھالىسىنىڭ% 90ۋە ئاساسىي شەھەرلىرى شىمالدىكى دېڭىز قىرغاق رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن. گۋىئانانىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمىغا، غەربىي جەنۇب تەرىپى تروپىك ئوتلاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24-℃32 بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1550-2000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. گۋىئانانىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىلبويى يۇقىرى، ھۆل - يېغىنى مول، بولغانلىقتىن، پۈتۈن دۆلەت يەر مەيدانىنىڭ %85 نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ جايدا ھەرخىل قىممەت باھالىق ئورمانلار بار، گۋىئانا ئاليۇمىن توپىسىنىڭ كۆپلۈكى، مەھسۇلاتىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن دۇنيادا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. گۋىئانانىڭ ئاھالىسى 8 مىليون 800 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982)، بۇنىڭ% 50 نى ھىندىستانلىقلار،% 30 نى نېگىرلار، قالغىنىنى ئىندىئان، پورتوگال، خەنزۇ، فرانسۇز، ئىنگلىز قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. كاتولىك، ھىندى، ئىسلام دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى ئىنگلىز تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى جورجتون شەھىرى. جەنبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان گۋىئانا رايونى 15 - ئەسىردىن باشلاپ پورتوگالىيىلىكلەرنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرىغان، 17 - ئەسىردىن باشلاپ فرانسىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بېسىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى گۋىئانا رايونلىرىنى تەشكىل قىلىنغان، ئۇلار بۇ جايدىكى مول يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىدىن كئكپلەپ پايدىلىنىش ئۈچۈن 1840 - يىلدىن بشۆپ ھىندىستاندىن ئادەم يۆتكىگەن، ھازىر بۇ رايوندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھىندىستانلىقلار شۇ ۋاقىتلاردا يۆتكەلگەن ھىندىستانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھېسابلىنىدۇ. گۋىئانا ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ% 80 تى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شېكەر قومۇشى، شال، ئاليۇمىن توپىسى، ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى بولۇپ، پۈتۈن ئېكسپورت قىممىتىنىڭ% 80 نى تەشكىل قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياغاچ ماتېرىياللىرى ئېكسپورتى تېز ئاشماقتا. گۋىئانا ئاليۇمىن توپىسى ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادا 4 - ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائەتتە شېكەر سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت توقۇمىچىلىق، ئەينەك، رادىئو، يېمەك - ئىچمەك، ياغاچچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. گۋىئانانىڭ تولۇق نامى <گۋىئانا بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل چۈشەندۈرۈش مەۋجۇت: بىرىنچى، ئالۋاك تىلىدىكى wini ياكى waina سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <سۇ ماكانى> <كۆپ سۇ يۇرتى>. چۈنكى بۇ دۆلەت زېمىنىدا تۆت چوڭ دەريا ۋە 20 دىن ئارتۇق شارقىراتما بار؛ دەريالىرىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى دېڭىز بويى ئەتراپلىرى، پەس تۈزلەڭلىك بولۇپ، ئاسانلا دېڭىز دولقۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ، دېڭىزغا يېقىن رايونلاردا سازلىق سۇلىرى يامراپ تاشقان بولۇپ، بىر پارچە سۇلۇق مەنزىرە بىلەن بېزىلىپ تۇرىدۇ. ئىككىنچى، بۇ نام دەسلەپ تېخىمۇ كەڭ رايونلارغا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئامازۇن دەرياسىدىن تارتىپ ئورنوك دەرياسىغىچە بولغان رايونلارنى كۆرسەتكەن. بۇ ئېھتىمال گۋىئانا دەرياسى ياكى ئورنوك دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بىر ئىندىئان قەبىلىسىنىڭ ئىسمىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى Guaya دەپ ئاتىغان، مەنىسى <ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم>؛ ياكى na - Guaya دەپ ئاتىغان بولۇپ، مەنىسى <بىز ھۆرمەتكە سازاۋەر>، <زېھنى ئۆتكۈر خەلق>. مىلادى توققۇزىنچى ئەسردىن باشلاپ ئىندىئانلار بۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان. 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىسپانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە قاتارلىق مۇستەملىكىچى دۆلەتلەر ئىز بېسىپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، 1814 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، 1831 - يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيىگە قاراشلىق گۋىئانا دەپ ئاتالغان. 1953 - يىلى ئىچكى ئاپتونومىيىە يۈرگۈزۈلگەن. 1966 - يىلى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، نامىنى <گۋىئانا> قىلىپ بېكىتكەن. 1970 - يىلى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى <گۋىئانا بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى> قۇرۇلغان. گۋىئانانىڭ يەر مەيدانى 214.97 مىڭ كۋادرت كىلومېتىر، ئاھالىسى 810 مىڭ. ھىندىلار % 51نى، نېگىرلار % 30نى، ئىندىئانلار % 5نى ئىگىلەيدۇ. قالغىنى ياۋرۇپا ۋە ئاسىيالىق كۆچمەنلەر. ئاھالىسى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. % 57ى خرىستىئان دىنىغا، % 33ى ھىندى دىنىغا، % 9ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى جورجتون. پۇل بىرلىكى گۋىئانا دوللىرى. گۋىئانا دۆلەت بايرىقىنى 1966 - يىلى دۆلەت مۇستەقىل بولغاندا ئامېرىكىنىڭ داڭلىق دۆلەت بايرىقى مۇتەخەسىسى ۋتنىشمىس لايھىلىگەن. تىك تۆتبۇلۇڭلۇق بايراقنى روشەن سېلشتۇرمىلى رەڭلىك بۆلەكلەر بىر قانچە ئۈچبۇلۇڭلۇق شەكىلگە ئايرىغان بولۇپ، كۈچلۈك ھەرىكەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان، زامانىۋى تۈسى تولۇپ تاشقان بولۇپ، رەڭلەرگە جانلىق مەنىلەر ئاتا قىلغان: يېشل رەڭ دەل ئورمان بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى، ئاق رەڭ گىرەلىشىپ كەتكەن دەريا - ئېقنلارنى، سېرىق رەڭ بايلىق ۋە مول قېزىلمىلارنى، قارا رەڭ قىزىل ئۈچبۇلۇڭ گۋىئانا خەلقىنىڭ يېڭى دۆلەتنى قۇرۇش قىزغانلىقى بىلەن كۈچىنى، سېرىق ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۇچى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتىنى بىلدۈرگەن. گۋىئانا 15 - ئەسىردىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىسپانىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغان، 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. 1966 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، 1970 - يىلى ھەمكارلىق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا بۇ بايراقنى رەسمىي ئىشلەتكەن. گۋىئانا دۆلەت گېربىدە بۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت گۈلى - ياتما نىلۇپەر بولۇپ، چوڭ يېشىل ياپراق دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. سېرىق ساپاقلىق ئاق گۈل خۇددى ياپراقنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى پەرىشتىدەك ئۇنىڭ ئىككى يېنىغا يېيىلغان. دولقۇنسىمان ئۈچ كۆك سىزىق ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتىشىپ تۇرىدىغان گۋىئانا چىگىرىسى ئىچىدىكى گىرەلىشىپ كەتكەن دەريا - ئېقىنلارنى بىلدۈرگەن. دولقۇنسىمان كۆك سىزىقنىڭ ئاستىغا ئالاھىدە ئەتىۋارلىق قۇشى ئاق پوكانلىق قىزىل قىرغاۋۇل سىزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىغا سېرىق، ئاق ۋە كۆك پەي بېزەلگەن ئىندىئان قەبىلە باشلىقىنىڭ دۇبۇلغىسى قويۇلغان بولۇپ، ئىندىئانلارنىڭ گۋىئانادىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، دولفىنىڭ ئىككى يېنىدىكى چوڭ برىلىيانىت گۋىئانانىڭ برىليانىت قېزىمچىلىقىنى كۆرسەتكەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنىغا بىردىن ئامېرىكا قاپلىنى سىزىلغان، ئۇلارنىڭ بىرى تۆمۈر قازغۇچى، بىرى شېكەر قۇمۇشىنى تۇتۇپ تۇرغان بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا كانچىلىق بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۆرسەتكەن. قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك لېنتىغا ئىنگىلىزچە < بىر مىللەت، بىر دۆلەت، بىر تەقدىر> دېگەن سۆز يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر