UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرپارگۋاي

پارگۋاي

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا چوڭ بىر دەريا بار جاي جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت، يەر مەيدانى 406 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، پاراگۋاي دەرياسى دۆلەتنى شەرق، غەرب دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. شەرقىي تەرىپىدە ئېدىرلىق، سازلىق، دولقۇنسىمان ھالەتتە جايلاشقان تۈزلەڭلىكلەر كۆپرەك بولۇپ، بۇ جايلارنىڭ ھاۋاسى ياخشى، تۇپرىقى مۇنبەت بولۇپ، پاراگۋاي ئاھالىسىنىڭ 90% تى مۇشۇ ئورۇنلارغا ئولتۇراقلاشقان. پاراگۋاي دەرياسىنىڭ غەربىگە گراپخاكو چوڭ ئوتلىقىنىڭ بىر قىسمى جايلاشقان بولۇپ، قەدىمىي ئورمانلىق ۋە ئوت - چۆپلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. پاراگۋاينىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا، شىمالىي سۇبتروپىك ئوتلاق ئىقلىم تىپىغا، جەنۇبى سۇبتروپىك ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يازلىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ( 10 - ئايدىن ئىككىنچى يىلى 3 - ئايغىچە) ℃25 تىن ℃40 قا، قىشلىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ( 3 - ئايدىن 9 - ئايغىچە) ℃ 20 تىن ℃20 قا يېتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى شەرقىي تەرەپتە 800 مىللىمېتردىن غەربىدە 1200 مىللىمېتر بولىدۇ. پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ % 54 تىنى ھەرخىل قىممەتلىك ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. پاراگۋاينىڭ ئاھالىسى 3 مىليون 470 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ % 95 تى ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلاردىن باشقا يەنە ئاق تەنلىكلەر، ئىندىئانلار (%5) بار. ئاھالىنىڭ % 95 ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى، پايتەختى ئاسۇنسىئون شەھىرى. پاراگۋاي 1535 - يىلىدىن باشلاپ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1811 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. ئۇ ئىقتىسادىيتا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ئورمانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا شال، كۆممىقوناق، كېۋەز، دادۇر، بۇغداي، تاماكا، كوفې، شېكەر قومۇشى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلەيدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسەن كالا، ئۇنىڭدىن قالسا قوي بېقىلىدۇ. سانائىتىدە گۆش ۋە ياغاچ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ياغاچ چىقىرىش، شېكەر، توقۇمىچىلىق، سېمونت، تاماكا، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. برازېلىيە بىلەن پاراگۋاي ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم بويىچە قۇرۇلۇۋاتقان 12 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلوۋات سائەت توك تارقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىمۇ 1983 - يىلى پۈتۈپ تارقىتىشقا باشلىدى. پاراگۋاينڭ تولۇق نامى <پاراگۋاي جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىنچى، نامى پاراگۋاي دەرياسىنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان، ئىندىئان قەدىمكى گۇالانى تىلىدا <پارا> نىڭ مەنىسى <خىلمۇ خىل>، <گىۋا> غا سۆز قۇيرۇقى <لا> قوشۇلسا <دەريا> دېگەن مەنىدە بولۇپ، <پاراگۋاي> (Paraguay) نىڭ مەنىسى <ئاجايىپ - غارايىپ گۈل - گىياھلار بىلەن زىننەتلەنگەن دەريا>. بۇ دەريانىڭ ئىككى قىرغىقى ئاجايىپ - غارايىپ پۈركەنگەن بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشچە قەدىمكى زامانلاردا كەلكۈن كەلگەندە، ئىككى قىرغاقتىكى تۇپراقنى دائىم كەلكۈن ئېتىقىتىپ كىتىپ، دەريا يۈزىدە بىر قەۋەت رەڭگا - رەڭ گۈل - گىياھ ئېقىپ، ئاجايىپ بىر كۆرۈنۈش پەيدا قىلغاچقا، ئىندىئانلار ئۇنىڭغا بۇ ئىنتايىن ئوبرازلىق، تەسىرلىك ئىسىمنى قويغان؛ ئىككىنچى، نامى شۇ يەردىكى بىر ئىندىئان قەبىلىسىنىڭ ئىسمى <پاراگۇئا> (Paragua) دىن پەيدا بولغان، قەبىلە نامى بولسا ئىندىئان تىلىدىكى Para سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <سۇ> ياكى يەرلىك بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ ئىسمى Paragua دىن ئېلىنغان بولۇپ، سۆز قۇيرۇقى <لا> نىڭ مەنىسى <دەريا>. 1525 - يىلى پورتۇگالىيىلىك ئاللىخو گارسىيە ئېكىسپىدىتسىيە قىلىۋېتىپ، پاراگۋاي تەۋەسىگە تۇنجى قېتىم كىرگەن، 1535 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان، 1811 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى مۇستەقىل بولغاندا، <پاراگۋاي> سۆزى رەسمىي ھالدا دۆلەت نامى قىلىپ بېكىتىلگەن. پاراگۋاينىڭ يەر مەيدانى 406.752 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 4 مىليون 760 مىڭ. بۇنىڭ % 95ى شالغۇت نەسىللىك كىشلەر، ساپ ئىندىئانلار 1%نى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ يېرىمى گۋالانى تىلى دېيىلىدىغان ئىندىئان تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئىسپان تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. پايتەختى ئاسۇنسىئون. پۇل بىرلىكى پاراگۋاي گۇئارانىسى. پارگۋاي دۆلەت باىرىقى شەكىل جەھەتتىن قارىغاندا باشقا دۆلەتلەرنڭ تىك تۆت تەرەپلىك دۆلەت بايرىقى بىلەن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ ناھايىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. قىزىل، ئاق، ۋە كۆك رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان بەلگە ئوڭ ۋە تەتۈر تەرىپى ئوخشىمايدىغان بەلگە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قانداق دۆلەت بايرىقىغا ئوخشىمايدۇ. بەلگىنىڭ ئوڭ تەرىپى پاراگۋاينڭ دۆلەت گېربى. تەتۈر تەرىپى دۆلەت خەزىنىسىنىڭ بەلگىسىدۇر. دۆلەت بايرىقىدىكى قىزىل رەڭ ئادالەتكە، ئاق رەڭ تىنىچلىققا، كۆك رەڭ ئەركىنلىككە سىمۋول قىلىنغان. پاراگۋاى دۆلەت گېربىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى ئالتۇن نۇر چېچىپ تۇرغان < ماي يۇلتۇزى > بارلىق پاراگۋايلىقلارنى ئىپتىخارلاندۇردىغان < 11 - ماي مۇستەقىل كۈنى > نى ھەمدە پاراگۋاينىڭ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردىغان بەلگىدۇر. قىزىل، ئاق ۋە كۆك لېنتا بىلەن باغلانغان تىنىچلىقنىڭ سىمۋولى بولغان زەيتۇن شېخى بىلەن غەلبىنىڭ سىمۋولى بولغان پالما شېخى گىرەلەشتۈرۈلۈپ، ئالتۇن يۇلتۇزنىڭ ئەتراپىغا چەمبەرسىمان ئورالغان،يېشىل چەمبىرەكنىڭ ئىككى يېنىغا < پاراگۋاي جۇمھۇرىيىتى > دېگەن ئىسپانىيىچە خەت يېزىلغان دۆلەت گېربىنىڭ سرتقى ئايلانمىسى دۆلەت بايرىقىنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭدىكى ئۈچ چەمبىرەكتىن تەركىب تاپقان. پاراگۋاي دۆلەت خەزىنىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بىر پارچە ئوتلاق بولۇپ، مەيىن شامال يېشىل دولقۇن ھاسىل قىلغان، بۇ پاراگۋانىڭ گۈزەل ۋە مۇنبەت زېمىننى نامايان قىلغان، ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ سىمۋولى بولغان بىر شىر < ئەركىنلىك تۇمىقى > نى قوغداپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى < تىنىچلىق ۋەئادالەت> دېگەن پاراگۋاينڭ ھېكىمەتلىك سۆزى بۇ بەلگىنىڭ ئاساسىي تېمىسنى ئومۇملاشتۇرغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر