UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرمولدوۋا

مولدوۋا

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا مىللەت نامىدىن پەيدا بولغان مولداۋىينىڭ تولۇق نامى <مولداۋىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، دۆلەت نامى مىللەت نامى Moldavians تىن پەيدا بولغان. بۇ نام ئېھتىمال molid (قارىغاي) سۆزىدىن كەلگەن بولسا كېرەك ياكى سلاۋيان تىلىدىكى mol (ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىدا بولسا mel مەنىسى قارا تۇپراق) سۆزىدىن كەلگەن بولۇشىمۇ ئېھتىمال. مولداۋىيىلىكلەر مىلادى يەتتىنچى ئەسىردىن 13 - ئەسىرگىچە سېرىز قەبىلىلىرى بىلەن شەرقىي سلاۋيانلارنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى مولداۋىن ( Mo??BeH?) دەپ ئاتايدۇ، رومان تىلدا بولسا Moldova دەپ ئاتىلىدۇ. 14 - ئەسىردە ۋالاگىيە ئەتراپىدا قۇرۇلغان مولداۋىيە كېنەزلىكى ۋە مولداۋىيە دەرياسىنى بۇ مىللەتنىڭ نامىدا ئاتىغان. مولداۋىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنى تارىختا بېسسارابىيە ]بۇ نام يەرلىك ھۆكۈمران بىسسارا ( Bessara) ياكى ۋالاگىيە كېنەزلىكىدىكى بىسسارۇپ ( Basarob) سۇلالىسىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئىككىلىسى مىلادى يەتتىنچى ئەسىردە بۇ يەرنى ئىگىلىگەن سېرىزلارنىڭ ئىچىدىكى بىسسى ( Bessi) قەبىلىسىنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر