سۋېزىلاند
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
سۋازلارنىڭ دۆلىتى
ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان ئەڭ كىچىك ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. ئۇنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي، غەربىي تەرىپى جەنۇبىي ئافرىقا (ئازانىيە) بىلەن، شەرقىي تەرىپى موزامبېك بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان ئۈچ دەرىجىلىك پەلەمپەي تۈزۈلۈشىدىكى ئېگىز تەكشىلىكتىن ئىبارەت. ئېگىز تەكشىلىك غەربتىن شەرققە قاراپ دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتىر ئېگىز بولغان ئېگىز تەكشىلىكتىن پەسلەپ دېڭىز يۈزىدىن 300 مېتىر ئەتراپىدىكى ئورۇنلارغا قەدەر تۆۋەنلەيدۇ. دۆلەتنىڭ شەرقىي چېگرىسىدا دىراكون تاغلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى ئورۇن ئالغان. دۆلەتنىڭ شىمالىدا كوماتى، مىبوروجى دەريالىرى، ئوتتۇرا قىسمدىا ئوسوتو دەرياسى، جەنۇبىدا ئىنگوۋائوما قاتارلىق دەريالار بار. سۋازىلاندىنىڭ ئىقلىمى سۇبتروپىك ئىقلىمغا خاس بولۇپ، ھۆل - يېغىنى مول، يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى خېلى يۇقىرى، دۆلەتنىڭ غەربىي قىسىملىرىنىڭ ئىقلىمى نەم، سالقىن بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېقىن مىقدارى 1400 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. شەرقىي قىسمىنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق - ئىسسىق بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىنى 500 مىللىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. سۋازىلاندنىڭ يەر مەيدانى 17 مىڭ
400 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 610 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، ئاھالىسىنىڭ كۆپى بانتوتىل سىستېمىسىدىكى سۋازى خەلقلىرىدىن ئىبارەت. ئۇلاردىن قالسا زۇلۇ، تۇنگا، سەنگەن قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن % 2ئەتراپىدا ياۋروپالىقلار بار. ئاھالىسىنىڭ % 60ى خرىستىئان دىنىغا، ئاز بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا، قالغىنى ئەنئەنىۋى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاھالىسى سۋازى تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. پايتەختى مىبابانې شەھرى. سۋازىلاندقا ياۋروپالىقلار بېسىپ كىرىشتىن ئىلگىرى بۇ جايلاردا يەرلىك سۋازى خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان. 1879 - يىلى بۇ جايدا ئالتۇن تېپىلغاندىن كېيىن ياۋروپالىقلار ئارقا - ئارقىدىن بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1906 - يىلى ئەنگلىيە ئۆز باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنغا ئايلاندۇرۇۋالغان. 1968 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. بىراق ئۇ يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. سۋازىلاندنىڭ تۇپرىقى ئۈنۈملۈك، ئورمان ۋە كان بايلىقى مول، ئىقتىسادتا دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا كانچىلىق بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى تۇرىدۇ. ئاھالىنىڭ 70% ى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا كۆممىقوناق، قوناق، شال، شېكەر قومۇشى، مېۋە - چېۋە، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانى پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 4/3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا بىلەن ئۆچكە ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇ جايدا بېقىلىۋاتقان كالا 630 مىڭدىن، ئۆچكە 377 مىڭدىن، قوي 34 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئېكسپورتنىڭ% 80 ى شېكەر، تۆمۈر رۇدىسى، قەغەز، تاشپاختا قاتارلىقلار ئىگىلەيدۇ. سانائەتتە ئاساسەن كان سانائىتى بىلەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا توقۇمىچىلىق، ئېلېكتر، تېلېۋىزور قۇراشتۇرۇش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. سۋازىلاندنىڭ پايتەختى تۆمۈر يول ئارقىلىق موزامبېكنىڭ پايتەختى ماپوتو بىلەن تۇتىشىدۇ. سۋازىلاندنىڭ ئېكسپورت، ئىمپورت قىلىدىغان ماللىرىنىڭ كۆپ قىسمى ماپوتو پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
سۋېزىلاندنىڭ تولۇق نامى <سۋېزلاند پادىشاھلىقى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان. <سۋېزىلاند> ئىنگلىزچە نام Swaziland تىن تەرجىمە قىلىنغان. يەرلىك ئافرىقىلىقلار سۋېزىلاندنى <ئىنگىۋانى دەپ ئاتايدۇ. بۇ نام 1750 - يىلنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۆتكەن پادىشاھ ئىنگىۋانى Ⅲ نىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى، سۋازلار بانتۇ كۆچمەنلەر گوروھىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، 19 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە مۇستەقىل قەبىلە بولۇپ شەكىللەنگەن، ئۇلارنىڭ يولباشچىسى موسىۋات بۇ قەبىلىنى >سۋاز قەبىلىسى< دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ ئەسلى مەنىسى ئېھتىمال >بادرا< ياكى >توقماق< بولۇشى مۇمكىن، ئۇ يەنە ئۆز دۆلىتىنى >سۋېزىلاند< دەپ ئاتىغان، مەنىسى >سۋازلارنىڭ دۆلىتى<. 1902 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، كېيىن ئەنگلىيىنىڭ >ھامىلىقىدىكى يەر< بولغان، 1968 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، نامىنى >سۋېزىلاند پادىشاھلىقى< قىلىپ بېكىتكەن.
سۋېزىلاندنىڭ يەر مەيدانى 17.363 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 890 مىڭ. سۋازلار % 90نى ئىگىلەيدۇ. كۆپ قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى مبابانې. پۇل بىرلىكى لىلانگېنى.
سۋېزلاند ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بىر كىچىك ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. 1897 - يىلى ئالتۇن بايلىقى بايقالغاندىن كېيىن ياۋروپا مۇستەملكىچىلىرى تۈركۈملەپ بۇ يەرگە بېسىپ كىرگەن. 1907 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ >ھىمايە< ئاستىدىكى تېررىتورىيىسى بولۇپ قالغان. 1954 - يىلى پادىشاھ جەمەتىدىن ئېلمې شاۋىنگېۋى لايھىلىگەن دۆلەت بايرىقى نۇسخىسىنى پادىشاھ ئوردىسى ئېتراپ قىلغان. 1968 - يىلى سىنتەبىردە سۋېزلاند مۇستەقىل بولۇپ، مۇشۇ بايراقنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. دۆلەت بايرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بېغىررەڭ توغرا بەلدەم گويا ئۇرۇش جاراھەتلىرىدىن قالغان يارا ئىزىغا ئوخشايدۇ، بېغىررەك كەك بەلدەمنىڭ ئۈستىدىكى ۋە ئاستىدىكى ئىككى سېرىق سىزىق دۆلەتنىڭ تاشپاختا، تۆمۈركان ۋە ئالتۇندىن ئىبارەت مول بايلىقىنى كۆسەتكەن؛ سېرىق سىزىقنىڭ ئۈستى ۋەئاستىدىكى كۆك بەلدەملەر مۇسبەتلىك ھەم سالماقلىق بولۇپ، مىڭ جاپادا قولغا كەلگەن تىنىچلىققا سىمۋول قىلىنغان؛ بېغىررەڭ بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخسى كىرگۈزۈلگەن.
قالقانسىمان دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قارا، ئاق رەڭدىكى بىر قالقان، ئىككى نەيزە ۋە پۆپۈكلۈك بىر ھوقۇق تايىغى سىزىلغان. قۇشلارنىڭ پېيىدىن ياسالغان پۆپۈك خان ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ئالاھىدە زىننەت بۇيۇمىدۇر. قالقاننىڭ چوققىسىدىكى پادىشاھنىڭ باش ياغلىقى سۇغۇر تېرىسىدىن ياسالغان ھەمدە جاڭگا قۇشنىڭ پېيى بىلەن زىننەتلەنگەن. قالقاننىڭ ئىككى يېنىغا بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ياۋا ھايۋاناتى شىر بىلەن پىل تۇرغۇزلۇپ، شىر پادىشاھنىڭ ۋە سىمۋولى بولغان، سۋېزلاندىيىلىكلەر پادىشاھىنى > ئېنگېۋېنياما< ، يەنى : شىر دەپ ئاتايدۇ؛ پىل خانىشىنىڭ سىمۋولى بولغان. سۋېزلاندىيلىكلەر ئۆز ۋەتىنى ۋە تاغ - دەريالىرىنى قىزغىن سۆيگەندەك ئۆزىنىڭ پادىشاھى ۋە پادىشاھ جەمەتلىرىنى قىزغىن سۆيىدۇ. شىر بىلەن پىل دۆلەتنىڭ كۈچى ۋە ئىتتىپاقلىقىغىمۇ سىمۋول قىلىنىدۇ. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى لېنتىغا سۋېزلاندىيىلىكلەرنىڭ : بىز يېڭىلمەس قورغان> دېگەن سۆزى بېسىلغان.