UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرتانزانىيە

تانزانىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا تانگانىكا ۋە زانزىباردىن تەركىب تاپقان ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ شىمالى كېنىيە، ئۇگاندا، غەربىي شىمالنىڭ غەربىي تەرەپلىرى رۋاندا، بۇرۇندى، زايىر بىلەن، غەربىي جەنۇبنىڭ جەنۇب تەرەپلىرى زامبىيە، مۇزامبېكلار بىلەن چېگرالىنىدۇ. شەرقىي تەرىپى ھىندى ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. تانزانىيىنىڭ يەر مەيدانى 939 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. تانزانىيە ئەسلى تانگانىسكا ۋە زانزىباردىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت بولۇپ، 1964 - يىلى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ تانگانىكا - زانزىبار بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1964 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى دۆلەت نامىنى تانزانىيىگە ئۆزگەتكەن. تانزانىيىنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرى تۈزلەڭلىك، ئىچكى قىسىملىرى ئېگىز تەكشىلىكتىن ئىبارەت ئوخشاش بولمىغان ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈزلەڭلىكلەر دېڭىز قىرغاق رايونىدا شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ سوزۇلغان بولۇپ، كەڭلىكى 15-60 كىلومېتر كېلىدۇ. ئىچكى قىسمىدىكى ئېگىزلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1200 مېتر بولۇپ، شەرقىي ئافرىقا ئۈزۈلمىسىنىڭ شەرقىي تارمىقى ئۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. تانزانىيە تروپىك بەلباغقا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرى ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق كېلىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃22-℃30، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000 مىللىمتېردىن ئاشىدۇ. ئىچكى قۇرۇقلۇق قىسمىلىرىنىڭ ھاۋاسى سالقىنراق كېلىدۇ. تانزانىيىنىڭ ئاھالىسى 19 مىليون 230 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982)، بۇنىڭ ئىچىدە زانزىبارنىڭ ئاھالىسى 460 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئاھالىنىڭ كۆپى بانتو تىل سىستېمىسىدىكى نېگىرلاردىن ئىبارەت بولۇپ، 130 دىن ئوشۇق مىللەت قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەرلىك خەلقلەردىن باشقا ھىندىستان بىلەن پاكىستانلىقلار 100 مىڭدىن، ئەرەبلەر 30 مىڭدىن ئاشىدۇ. يېزا ئاھالىسىنىڭ كۆپى ئىپتىدائىي دىنلارغا، دېڭىز قىرغاق رايوندىكى خەلقلەرنىڭ كۆپى ئىسلام دىنىغا، شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆپى خرىستىئان ۋە كاتولىك دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. زانزىبار ئاھالىسىنىڭ %95 ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. سىۋاخىل تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ، ئەرەب تىلى بىلەن ئىنگلىز تىللىرىنىمۇ ئورتاق قوللىنىدۇ. تانزانىيە يېزا ئىگىلىك دۆلەت، ئاھالىنڭ% 90 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 70% نى تەشكىل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە كوفې، كېۋەز، تالالىق ئاگاۋى، قەلەمپۇر، چاي، شېكەر قۇمۇشى قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ سالمىقى چوڭ. قەلەمپۇر مۇھىم پۇراقلىق ماتېرىيال. ئۇ زانزىبار ئاراللىرىدا كۆپلەپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ مەھسۇلاتى پۈتۈن دۇنيادىكى قەلەمپۇر مەھسۇلاتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. قەلەمپۇردىن ئېسىل پۇراقلىق ماي ئالىدۇ. مېدىتسىنا، يېمەك - ئىچمەك، پەرداز بۇيۇملىرى ساھەلىرىدە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. تانزانىيە دۇنيادا تالالىق ئاگاۋى ئۆستۈرۈش بىلەن ئالاھىدە ئىشلىتىلىدۇ. تانزانىيە دۇنيادا تالالىق ئاگاۋى ئۆستۈرۈش بىلەن ئالاھىدە مەشھۇر. ئۇنى توقۇمىچىلىق سانائىتى ساھەسىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. تاغار، ئارقان توقۇيدۇ، ئۇنىڭدىن توقۇلغان تاغار، ئارقانلار چىداملىق بولۇپ، سۇدا چىرىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. تانزانىيە ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن كۆممىقوناق، قوناق، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. سانائەتتە يېنىك سانائەت بىلەن توقۇمىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ جايدا توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، شېكەر، تاماكا قاتارلىق يېنىك سانائەت ئورۇنلىرى ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان پولات - تۆمۈر، نېفىت ئايرىش، نېفىت، خىمىيە، ماشىنىسازلىق ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق ئېغىر سانائەت ئورۇنلىرى بار. تانزانىيە سانائىتىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك دار - ئېس - سالام شەھىرىگە، ئۇنىڭدىن قالسا تانگا، ئارۇشا، مورۇگورو قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن. تانزانيە سىرتقى سودىسىدا پاختا، كوفې، تالالىق ئاگاۋى، قەلەمپۇر، ئالماس قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ. ماشىنا ئۈسكۈنە، ئاپتوموبىل، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، نېفىت ئىمپورت قىلىنىدۇ. تانزانىيىنىڭ تولۇق نامى <تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، ھىندى ئوكيانغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ جۇمھۇرىيەت تانگانىكا ۋە زانزىباردىن ئىبارەت ئىككى قىىسمدىن تەركىب تاپقان، تانگانىكا نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچى، تانگانىكا كۆلىدىن ئېلىنغان. 1858 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ رىچارد، بوتىتون بۇ جايغا كېلىپ، كۆل نامىنى بانتۇ تىلى Koutanganyika دىن پەيدا بولغان (مەنىسى <قوشۇلماق> ياكى <يىغىلماق> بولۇپ، سانسىر ئىرقلارنىڭ بۇ جايدا يىغىلغانلىقى ياكى نۇرغۇن قەبىلىلەرنىڭ كۆل بويىدا يىغىلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ) دەپ ھېسابلىغان. لېكىن ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىسى ستانلى ( 1841 1904) كۆل نامى tonga (ئارال) ۋە nika (تۈزلەڭلىك) سۆزلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان دەپ قارايدۇ؛ ئىككىنچى، <تونكا> (يەلكەن) ۋە <نىكا> (يايلاق، چاتقاللىق) دېگەن شىۋاھلى سۆزلىرىدىن بىرىككەن، چۈنكى بۇ رايوننىڭ ئۈچ تەرىپىنى كۆل ئوراپ، يەنە بىر تەرىپى دېڭىزغا يۈزلىنىپ تۇرغان بولۇپ، دېڭىزدا ئاق يەلكەنلەر لەپىلدەپ، زېمىنىنىڭ % 70تىن كۆپرەكى ئوتلاق ۋە چاتقال ئورمانلىرى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ئەنگلىيە، گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئىلگىرى - كېيىن بېسىپ كىرىپ، 1886 - يىلى تانگانىكا گېرمانىيىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە قوشۇۋېلىنغان. 1920 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى <تانگانىكا> نامى ئەنگلىيىلىك بىر مۇستەملىكىچىسى تەرىپىدىن قوللىنىلغان. 20 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، تانگانىكادا <ماجماج قوزغىلىڭى> ( 1905 - 1907)پارتلاپ، 1961 - يىلى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، تانگانىكا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. زانزىبار -- زانزىبار ۋە پېمبا ئارىلىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، نامىنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچى، زانزىبار سۆزى پارس تىلىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، <زەنگى> نىڭ مەنىسى <قارا تەنلىك>، <بار> نىڭ مەنىسى <دۆلەت> بولۇپ، <زەنگىبار> نىڭ مەنىسى <قارا تەنلىكلەرنىڭ زېمىنى> ياكى <قارا تەنلىكلەرنىڭ دۆلىتى>، <زەنگىبار> ئەرەبچە < zanjedar زانزىبار> دەپ ئوقۇلۇپ، 1503 - يىلى پورتۇگالىيە بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئەرەبچە نامى پورتۇگال تىلىدا خاتا تەلەپپۇز قىلىنىپ، ھازىرقى نامى پەيدا بولغان؛ ئىككىنچى، <زانزىبار> سۆزى پارس تىلىدىكى <زەنگى> سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <قارا تەنلىكلەرنىڭ دۆلىتى>، زانزىبار ئارىلى 11 - ئەسىردىن باشلاپ ئەرەبلەرنىڭ قۇل سودىسى مەركىزى بولۇپ، <زانزىبار> سۆزى پارىسلاشقان ئەرەب تىلىدا <قۇل شەھىرى> دېگەنلىك بولىدۇ. <زەنگى> نىڭ مەنىسى <قۇل>، <بار> بولسا <بازار، شەھەر> بولىدۇ. 1890 - يىلى زانزىبار ئەنگلىيىنىڭ <ھامىلىقىدىكى رايون> بولغان، 1963 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، زانزىبار پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. 1964 - يىلى 1 - ئايدا زانزىبار خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تانگانىكا بىلەن بىرلىشىپ، تانگانىكا ۋە زانزىبار بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنى ھاسىل قىلغان، شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى دۆلەت نامىنى <تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى> قىلىپ بېكىتكەن. تانزانىيىنىڭ يەر مەيدانى 945 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 27 مىليون 400 مىڭ. بانتۇ تىل سىستېمىسىدىكى قېرىنداش مىللەتلەر % 98 ئاھالىنى تەشكىل قىلىدۇ. شىۋاھلى تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت ھېسابلىنىدۇ. ئىپتىدائىي دىنلار، خرسىتىئان ۋە ئىسلام دىنى ھەر بىرى 30% ئاھالە ئېتىقاد قىلىدىغان دىنلاردۇر. پايتەختى دار - ئېس - سالام، پۇل بىرلىكى تانزانىيە شىللىڭى. تانزانىيە تانگانىكا ۋە زانزىباردىن ئىبارەت ئىككى بۆلەمدىن تەركىب تاپقان. ئالدىنقىسى گېرمانىيىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە ئىدى، كېيىنكىسى بىر مەھەل ئەنگلىيىنىڭ < ھىمايە> ئاستىدىكى تېررىتورىيسى بولۇپ قالغان. ئەڭ بۇرۇنقى تانگانىكا بايرىقى ئىككى كەڭ يېشىل بەلدەمنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر قارا بەلدەم قىستۇرۇلۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن. يېشىل رەڭ - بىر قىسىم ئاھالىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتقادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئانا زېمىننىڭ رەڭگىمۇ سىمۋول قىلىنغان؛ قارا رەڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىرقىنى كۆرسەتكەن. 1961 - يىلى دېكابىردا تانگانىكا مۇستەقىل بولغاندا، دۆلەتنىڭ مول قېزىلما بايلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت بايرىقىغا ئىككى سىېرىق بەلدەمنى كىرگۈزگەن. 1963 - يىلى دېكابىردا مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلغان زانزىبار كۆك، قارا ۋە يېشىل رەڭلىك بايراقنى ئىشلەتكەن. 1964 - يىلى ئاپرېلدا بۇ ئىككى ئورۇن بىرلىشىپ بىر يېڭى دۆلەت بولغاندا، ئۇلارنىڭ بايراقلىرىمۇ بىرلىشىپ يېڭى دۆلەت بايرىقى بارلىققا كەلگەن، يەنى ئىلگىرىكى تانگانىكا دۆلەت بايرىقىغا دەريا - ئېقىن، كۆل ۋە دېڭىز - ئوكياننىڭ سىمۋولى بولغان كۆك رەڭنى قوشقان. تانزانىيە دۆلەت گېربى 1964 - يىلى تانگانىكا دۆلەت گېربى ئاساسىدا ئازراق تۈزىتىش كىرگۈزۈز ئارقىلىق تۈزۈلگەن. ئوتتۇرسىدىكى قالقان تۆت بۆلەككە ئايرىلىپ، ئەڭ ئۈستىدە لاۋىلداپ كۆيۈۋاتقان مەشئەل تاڭ ئالدىدىكى زۇلمەت قاراڭغۇنى بۇزۇپ، ئەركىنلىك ۋە ئۈمىد ئوتىنى ياندۇرغان؛ ئۇنىڭ ئاستىغا تانزانىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى سىزىلغان؛ قىزىل جايغا ئىككى پالتا بىلەن بىر نەيزە گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان؛ ئۇنىڭ ئاستىغا ھىندى ئوكياننىڭ سۈيى ۋە تەۋەلىكىدىكى كۆللەر سىزىلغان. قالقاننىڭ ئاستىغا ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئەڭ ئېىز چوققا- كېلمانجارو تېغى سىزىلغان؛ مۇزلۇق چوققىدىكى قارلار ئېرىپ كەڭ زېمىننى نەملەتكەن. تاغنىڭ ئىككى يېنى قەھۋە بىلەن پاختىغا تولغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياشناۋاتقان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى بىلدۈرگەن. بىر جۈپ يەرلىك ئەر - ئايال پىل چىشىنى تۇتقان ھالدا قالقاننى ھىمايەقىلىپ ئىككى يېنىدا تۇرغان. تاغ ئېتىكىدىن ھالقىپ ئۆتكەن ئاق لېنتىغا تانزانىيىلىكلەرنىڭ سۋاخېرې تىلىدا يېزىلغان < ئەركىنلىك ۋە بىرلىك > دېگەن ئارزۇسى ئىزھار قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر