لىبېرىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
نېگىرلار ھۆرلۈككە ئېرىشكەن جاي
غەربىي ئافرىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 111 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر ۋەزىيىتى شىمالدىكى گۋېنىيە ئېگىزلىكلىرى رايونىدىن (ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 400-600 مېتىر) دېڭىز قىرغاق رايونلىرىغا قاراپ پەسلەپ بارىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ ئېگىز بولغان ۋولوگىسى چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1381 مېتىر كېلىدۇ. دېڭىز قىرغاقلىرىدا قۇملۇق ئاراللار، تېيىز كۆللەر ناھايىتى كۆپ. لىبېرىيىنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرى تروپىك موسسونلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000-3500 مىللىمېتىر بولۇپ، ئافرىقا بويىچە ھۆل - يېغىن ئەڭ كۆپ رايونلارنىڭ بىرى. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولىدۇ، پۈتۈن دۆلەتتە ئۇششاق دەريالار ناھايىتى كۆپ. پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ% 50 نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ، لىبېرىيىنىڭ ئاھالىسى 2 مىليون 100 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ% 97 نى يەرلىك لىبېرىيە خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنڭى ئىچىدە كىپر، باسا، گولا، مالىنكې، كرو، ۋائى مىللەتلىرى ئاساسىي ئورۇننى تۇتىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئا ق ش دىن يۆتكەپ كېلىنگەن ئامېرىكا نېگىرلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى 40 مىڭدىن ئاشىدۇ. يەرلىك خەلق ھەرخىل ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز قىسمى ئىسلام دىنىغا، ئا ق ش دىن يۆتكەپ كېلىنگەن نېگىرلانىڭ ئەۋلادلىرى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت دىنى خرىستىئان دىنى، دۆلەت تىلى ئىنگلىز تىلى ھېسابلىنىدۇ. مىلادىيە 9 -، 10 - ئەسىرلەردە سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ غەربىدىكى خەلقلەر ھ ازىرقى لىبېرىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 1462 - يىلىدىن باشلاپ پورتۇگالىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر بېسىپ كىرىپ، قەبىھ قۇل سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ ۋاقىتلاردا دېڭىز قىرغاقلىرىدا قارىمۇچ كۆپ چىقىدىغان بولغانلىقتىن <قارىمۇچ قىرغىقى> دەپ ئاتالغان. 1822 - يىلى <ئامېرىكا مۇستەملىكىلەر جەمئىيىتى> لىبېرىيە دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا ئامېرىكىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن بىر قىسىم نېگىرلارنى تەشكىللەپ، <ئامېرىكىپەرەس كۆچمەنلەر رايونى> نى قۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئا ق ش بۇ جايدىن پايدىلىنىپ تەدرىجىي ئىچكى رايونلارغا قاراپ كېڭىيىشكە باشلىغان. 1838 - يىلى ھەرقايسى كۆچمەنلەر رايونلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ <لىبېرىيە بىرلەشمىسى> نى قۇرغان. 1847 - يىلى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى لىبېرىيە ئافرىقا تارىخىدا بىرىنچى قېتىم مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. دۆلەت نامىنى لبېرىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىغان. لبېرىيىنىڭ ئىقتىسادىي تارماقلىرىنى چەت ئەل مونوپول كاپىتالىستلىرى كونترول قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ% 70 ى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مانىخوت، شال، كۆممىقوناق ئاساس قىلىنىدۇ. ئىقتىسادىي زىرائەتلىرىدىن كاۋچۇك (ئافرىقا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ) ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا كاكائو، كوفې، ياغلىق پالما ئۆستۈرۈلىدۇ. بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان. سانائەتتە تۆمۈر رۇدىسىنى ئاساس قىلغان كان سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ئافرىقا بويىچە ئەڭ كۆپ تۆمۈررۇدىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت. تۆمۈر رۇدا ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ% 14 نى ئىگىلەيدۇ. تۆمۈر رۇدا ئېكسپورت قىممىتى 290 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، كاۋچۇك ئېكسپورت قىممىتى 87 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. لىبېرىيە ھۆكۈمىتى لبېرىيىگە كېلىپ تىزىملانغان چەت ئەل پاراخوتلىرىدىن ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە باج ئالىدۇ، تىزىملاش خىراجىتى تۆۋەن، شۇڭا پۈتۈن دۇنيادىكى لبېرىيە دۆلەت بايرىقىنى ئاسقان پاراخوتلىرىنىڭ تونناژى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. لبېرىيە تاشقى سودىسىدا تۆمۈر رۇدىسى، كاۋچۇك، ئالماس قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ. ماشىنا ئۈسكۈنە، ئاپتوموبىل، ئىستېمال بۇيۇملىرى بىلەن ئاشلىقنى ئىمپورت قىلىدۇ.
لىبېرىيىنىڭ تۇلۇق نامى <لىبېرىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، غەربىي ئافرىقىغا جايلاشقان، ئاتلانتىك ئوكيانغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. <لىبېرىيە> لاتىنچە <ھۆرلۈك، ئەركىنلىك> مەنىسىدە بولۇپ، دۆلەت نامى بولغاندا مەنىسى <نېگىرلار ھۆرلۈككە ئېرىشكەن جاي> بولىدۇ. 15 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، بۇ جاي ياۋرۇپا مۇستەملىكچىلىرى نېگىرلارنى تالان - تاراج قىلىدىغان ۋە ساتىدىغان جايى بولغان. 1821 - يىلى ئامېرىكا قىممىتى 300 ئامېرىكا دوللىرىلىق مال بىلەن شۇ جاينىڭ قەبىلە باشلىقىدىن بىر پارچە 13 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان زېمىنى سېتىۋېلىپ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ھۆرلۈككە چىققان نىگىر قۇللارنى بۇ جايلارغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. شۇندىن كېيىن بۇ ئامېرىكا نېگىر كۆچمەنلىرى رايونى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن. 1822 - يىلى ئامېرىكا مۇستەملىكە ئۇيۇشمىسى بۇ نېگىرلار رايونىنى شۇ چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى مونرونىڭ ئىسمى بىلەن <مونروۋىيە> دەپ ئاتىغان. 1824 - يىلى بۇ ئۇيۇشمىنىڭ مەسئۇلى خار بورىت ( 1765 - 1825) بۇ نامنى لىبېرىيىگە ئۆزگەرتكەن، بۇ نام لاتىنچە Lider سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <(نېگىرلار) ھۆرلىككە ئېرىشكەن جاي>، 1838 - يىلى بارلىق كۆچمەنلەر رايونى بىرلىشىپ، لىبېرىيە فېدېراتسىيىسى دەپ ئاتالغان. 1847 - يىلى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، <لىبېرىيە جۇمھۇرىيىتى> قۇرۇلغان. ئۇ 19 - ئەسىردىكى ئافرىقىنىڭ بىردىنبىر مۇستەقىل دۆلەت ۋە ئافرىقىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى جۇمھۇرىيەت.
لىبېرىيىنىڭ يەر مەيدانى 111.37 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 2 مىليون 600 مىڭ. ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى، پايتەختى مونروۋىيە، پۇل بىرلىكى لىبېرىيە دوللىرى.
لاتىنچە لىبېرىيە < ئەركىن> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يېڭى زېمىن گويا تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئېچىلغاندەك، ئۇ ئامېرىكىدا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ھەم ئافرىقىغا تەشن نىگېر قوللارنى يۇرت - ماكان ۋە ئۈمىدكە ئىگە قىلغان. 1821 - يىلىدىن باشلاپ، نىگېر قۇللارنىڭ يېڭى ھاياتى مۇشۇ ئەركىن قارا زېمىندا باشلانغان. 1847 - يىلى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن دۆلەت لىبېرىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ < بەلدەملىك بايراق> غا ئوخشايدىغان دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان؛ قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك 11 بەلدەم ئامېركىنىڭ ئاساسىي قۇنۇنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىگە ئاساسەن، لبېرىيىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى يازغان ھەم ئۇنىڭغا قول قويغان 11 كىشىنى بىلدۈرىدۇ. قىزىل رەڭ بىلەن ئاق رەڭ غەيرەت - شىجائەت ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ سىمۋولدۇر. دۆلەت بايرىقىنىڭ سول ئۈستى بۇلۇڭىدىكى كۆك كىۋادىرات ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەش بۇرجەكلىك بىر ئاق يۇلتۇز بۇ دۆلەتنىڭ شۇ چاغدىكى مۇستەقىل بولغان بىردىنبىر قارا تەنلىكلەر دۆلىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
لىبىرىيىنىڭ دۆلەت گېربى دۆلەت بايرىقىغا ئوخشاش خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. كۆك ئاسمان، كۆك دېڭىز ۋە يېشىل چىملىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭدىن ئايرىلغان سوقچاقسىمان بەلگە دۆلەت گېربىنىڭ ئاساسىي كۆرۈنۈشى بولغان. سۇس كۆك ئاتلانتىك ئوكياندا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن نىگېر قۇللار بىلەن لىق تولغان بىر يەلكەنلىك كېمە ئاتا - بوۋىلىرنىڭ زېمىنغا قاراپ ماڭغان. ئالتۇن قۇياش ئەمدىلا دېڭىز يۈزىدىن كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇ دۆلەتنىڭ چەكسىز ئىستىقبالىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. تىنىچلىق مەكتۇپىنى ئېلىپ كۆك ئاسماندىن ئۇچۇپ كەلگەن بىر كەپتەر سائادەت خەۋىرىنى كەڭ زېمىنغا يەتكۈزگەن. يېشىل زېمىندىكى بىر تۈپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان كوكۇش دەرىخى غەربىي سەھرايى كەبىردىكى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمىنىغا ۋەكىللىك قىلىنغان. يېزا ئىگىلىك سايمانلىرى يېزا ئىگىلىك لىبېرىيىنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۈستى ۋە ئاستىدىى لېنتىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا < ئەركىنلىكنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدۇق> ، < لىبېرىيە جۇمھۇرىيىتى > دېگەن خەت يېزىلغان.