چېخ
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
باشلامچى
چېخنىڭ تولۇق نامى <چېخ جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئەسلى چېخ ۋە سلوۋاكيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە. ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن پەيدا بولغان. چېخلار ئەسلى <بولسىمىيلار> دەپ ئاتالغان؛ قەدىمكى ياۋروپا جۇغراپىيشۇناسلىرى چېخنى <بوئىلارنىڭ دۆلىتى> دېگەن مەنىدە <بوئىمۇ> دەپ ئاتاشقان؛ لاتىنچىدا بولسا <بوسمىيە> دەپ ئاتىلىدۇ. <چېخ> نىڭ مەنىسى <باشلامچى>، يەنە بىر خىل ئېيتىشتا <چېخ> سۆزى چېخ تىلىدىكى <ئادەم توپى>، <ئارمىيە> ياكى قەبىلە يولباشچىسى <چېخ> نىڭ نامىدىن كەلگەن دېيىلىدۇ. چۈنكى، چېخ كۆپچىلىكنى باشلاپ مۇشۇ جايلارغا ماكانلىشىپ، كېيىنچە مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. مىلادى 895 - يىلى دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان چېخلار مۇستەھكەم پراگا شەھەر قورغىنىنى مەركىزى تايانچ نوقتا قىلىپ تۇرۇپ، چېخلارنىڭ نامىدا ئۆز دۆلىتىنى ئاتاشقا باشلىغان. مىلادى توققۇزىنچى ئەسىردە چېخ ۋە سىلوۋاك مىللەتلىرى بۈيۈك موراۋىيە ئىمپېرىيسىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان. 10 - ئەسىردە ئېمپىرىيە پارچىلىنىپ، چېخلار ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى چېخ كېنەزلىكنى قۇرغان. 12 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئۆزگەرتىلىپ چېخ پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان. 1620 - يىلى چېخ پادىشاھلىقى < 30 يىللىق ئۇرۇش> تا مەغلۇپ بولۇپ، ھابسىبۇرگ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايون بولغان. 1867 - يىلىدىن كېيىن ئاۋىسترو - ۋېنگر ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلىقنىڭ تەلىپى ۋە سىياسىئون ماسارىخنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈشى بىلەن 1918 - يىلى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سىلوۋاكيە بىلەن بىرلىشىپ، ئورتاق بولغان مۇستەقىل دۆلەت - چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىش ئالدىدا گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ كاتتىبېشى گىتلېر ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ <بۆلۈپ ئىدارە قىلىش> تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، 1938 - يىلى چېخنى يۈتۈۋالغان، ئارقىدىن 1939 - يىلى سلوۋاكىيىنى ئاتالمىش <مۇستەقىل دۆلەت> دەپ جاكارلىغان. 1945 - يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چېخوسلوۋاكيە پۈتۈنلەي ئازاد بولۇپ، ئورتام دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1960 - يىلى 7 - ئايدا نامىنى چېخوسلوۋاكيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قىلىپ بېكىتىپ، 1990 - يىلى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى دۆلەت نامىنى چېخ ۋە سلوۋاكىيە فېدېراپ جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتكەن. 1992 - يىلى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چېخسلوۋاكيە فېدېراتىپ فارلامېنتى <چېخ ۋەسلوۋاكىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى پارچىلىنىش قانۇنى> نى ماقۇللاپ، فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت 1992 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئۆزلۈكىدىن پارچىلانغان، 1993 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تىنچلىق بىلەن ئىككى مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلانغان.
چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر مەيدانى 78.9 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 10 مىليون 383 مىڭ. بۇنىڭ% 81.3ى چېخلار، يەنە مولداۋان، پولەك، سلوۋاك ۋە گېرمانلار بار. چېخ تىلى دۆلەت تىلى ھىسابلىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى پراگا، پۇل بىرلىكى كورونا.
چېخ تارىختىكى بۇخېمىيە، موراۋىيە ۋە سىتسىلىيە رايونلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىلادىيە 895 - يىلى بۇخېمىيە قەبىللىرى مورۋاىيە ئىمپېرىيسىدىن ئايرىلىپ، بۇخېمىيە مەركەز قىلىنغان چېخ دۆلىتىنى قۇرغان؛ 10 - ئەسىردە تەرەققىي قىلىپ مۇستەقىل چېخ بەگلىكى بولغان. 12 - ئەسىردە چېخ پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتكەن. 1620 - يىلى چېخ < 30 يىللىق ئۇرۇش > تا مەغلۇپ، خابۇسبو خاندانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئايلانغان؛ 1867 - يىلى يەنە ئاۋستىرىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيسى تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان. 1918 - يىلى ئۆكتەبىردە چېخ بىلەن سلوۋاكىيە بىرلىشىپ چېخ - سلوۋاكىيە جومھۇرىيىتى قۇرغان. 1992 - يلىنىڭ ئاخىرىدا چېخ بىلەن سلوۋاكىيە بىرلەشمىسى پارچىلىنىپ، چېخ بىلەن سلوۋاكىيە ئايرىم ئىككى دۆلەت بولغان. 1993 -يىلى يانۋارداچېخ جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغان. چېخ جۇمھۇرىيىي ئىلگىرىكى فېدېراتىپ ۋاقتىدىكى كۆك، ئاق ۋە قىزىل ئۈچ خىل رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن. كۆك، ئاق ۋە قىزىل ئۈچ خىل رەڭ پان سلاۋيان تۈسىگە ئىگە رەڭ بولۇپ، بايراق سېپى تەرىپى كۆك ئۈچ بۇلۇڭ، ئوڭ ئۈستى تەرىپى ئاق، ئوڭ ئاستى تەرىپى قىزىل رەڭلىك بولغان. قەدىمكى پادىشاھلىق دۆلەت بۇخېمىيە چېخلارنىڭ يۇرتى بولۇپ، چېخلار بۇخېمىيەنىڭ سىمۋولى بولغان قىزىل ۋە ئاق رەڭنى قوللانغان. كۆك رەڭ موراۋىيىنى بىلدۈرىدۇ.
دۆلەت گېربى قەدىمكى قالقانلىق گېرب بولۇپ، ئاساسلىقى تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان: قارىمۇ قارشى بۇلۇڭلاردىكى رەسىملەر ئوخشاش بولۇپ، ئۈستى سول تەرەپتىكى قىزىل كاتەك بىلەن ئاستى ئوڭ تەرەپتىكى قىزىل كاتەكتە ئىككى قۇيرۇقلۇق ئاق شىر ئالتۇن تىلىنى چىقىرپ، ھەيۋەت بىلەن ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن، بۇ چېخ بەگلىكىنىڭ بەلگىسى؛ ئاستى سول تەرەپتىكى سېرىق كاتەكچىدە بېشىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، كۆكسىدە ئايسىمان بەلگىسى بار قانات قېقىپ تۇرغان قارا بۈركۈت موراۋىيىنى بىلدۈرگەن. ئۈستى سو تەرەپتىكى كۆك زېمىنىدا قارا بۈركۈتنىڭ شەكىلىگە ئوخشاش بىر بۈركۈت بولۇپ، بۈركۈتنىڭ ئۇچىسىدىكى قىزىل ۋە ئاق كاتەكچىلەر سىتسىلىيىگە ۋەكىللك قىلىنغان. بۇ قالقانسىمان گېرب چېخنىڭ تارىخىي مەنبەسىنى ئوبرازلىق ھالدا ئېچىپ بەرگەن.