UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەريەمەن

يەمەن

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا بەختىيار زېمىن ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبى بۆلىكىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ غەربىي تەرىپىنى قىزىل دېڭىز، جەنۇبىنى ئەرەب دېڭىز ئوراپ تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز بولۇپ، ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. بۇ تاغلىقلاردىكى ئايرىم تاغ چوققىلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3760 مېتىر كېلىدۇ. دۆلەتنىڭ يەر ۋەزىيىتى غەربتىن شەرققە قاراپ پەسىيىپ ئېدىرلىق، چۆللۈكلەر بىلەن تۇتىشىدۇ. ئەرەب دېڭىزى بىلەن قىزىل دېڭىز بويلىرىدا تار كەتكەن تۈزلەڭلىكلەر بار. يەمەننىڭ ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. بىراق يەر شەكلى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئىقلىمىدا پەرق چوڭراق، چۆل بىلەن دېڭىز قۇرغاق رايونلىرىنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق ئىسسىق كېلىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 50 مىللىمېتىردىن 100 مىللىمېتىرغىچە كېلىدۇ. ئايرىم جايلىرىنىڭ 400 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئېگىز تاغلىرى بىلەن ئېدىرلىقلارنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل كېلىدۇ. ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ھەر يىلىنىڭ 3 -، 5 - ئايلىرى بىلەن 7 -، 9 - ئايلىرى ھۆل - يېغىن پەسلى، قالغان پەسىللىرى قۇرغاق پەسلى دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرغاق پەسىللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃37، ھۆل - يېغىن پەسىللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃ 27ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى بىلەن دېموكراتىك يەمەن تارىختا ئەسلى بىر دۆلەت ئىدى، چەت ئەل مۇستەملىكىچىلىرى ۋە سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى سەۋەبىدىن، يەمەن جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1918 - يىلى شىمالىي يەمەن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن، 1962 - يىلى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى دۆلەت نامىنى ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. 1967 - يىلى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى جەنۇبىي يەمەن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1990 - يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى بىلەن يەمەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى بىرلىشىپ، يەمەن جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كېلىشىمى بويىچە يەمەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى سانا شەھىرى بولۇپ بەلگىلەنگەن. دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى، دۆلەت دىنى ئىسلام دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن. يەمەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىسى 11 مىليون 430 مىڭدىن ئاشىدۇ (1986). ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ، يەمەن ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ %70 دىن كۆپرەكى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تېرىقچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي تارمىقى ھېسابلىنىدۇ. بىراق ئاشلىق ھەم چارۋا مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. تېرىقچىلىقىدا ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن قوناق، تېرىق، بۇغداي، كۆممىقوناق، ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ، ئىقتىسادىي زىرائەتلىرىدىن كېۋەز، كوفى، تاماكا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. پاختا بىلەن كوفى مۇھىم ئېكسپورت ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. يەمەننىڭ بېلىق بايلىقى مول، بېلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەپ قالغىنىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا تۆگە، كالا ھەم قوي بېقىلىدۇ. يەمەن جۇمھۇرىيىتى سانائەتتە نېفىت ئايرىش سانائىتى بىلەن كان سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، ئادېن شەھىرى يەمەن جۇمھۇرىيىتى بويىچىلا ئەمەس، دۇنيا بويىچىمۇ مۇھىم نېفىت ئايرىش سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىقى سانائەت تارمىقىدىن باشقا يەنە قۇرۇلۇش - بىناكارلىق، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، تاماكا، ئاليۇمىن، بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. يەمەن جۇمھۇرىيىتى قاتناش ترانسىپورتىدا تاشيولىنى ئاساس قىلىدۇ، تۆمۈريول يوق، تاشيول، توپا يوللىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 530 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاسفالىت يوللىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4400 كىلومېتىر كېلىدۇ. سانا، ئادېن شەھەرلىرى ئەڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنلىرى ھېسابلىنىدۇ. يەمەننىڭ تولۇق نامى <يەمەن جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. ئەرەب تىلشۇناسلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، يەمەننىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار بولۇپ، بىرى <ئوڭ قول> ياكى <ئوڭ تەرەپ>، يەنە بىرى <بەخىت، بەختىيار>ئىكەن. <ئوڭ قول> دېگىنى ئۇنىڭ جايلاشقان جۇغراپىيىلىك ئورنىغا قاراپ ئاتالغان. قەدىمكى مىسىر جۇغراپىيشۇناسلىرى ئۆزلىرى تۇرغان جايدىن ئەرەب يېرىم ئارىلىغا قارىغاندا، يېرىم ئارال ئۇلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بولغاچقا، <ئوڭ قول> دېگەن مەنىدە <يەمەن> دەپ ئىسىم قويۇشقان. <ئوڭ تەرەپ> دېگەن مەنىسىگە نىسبىتەن بەزىلەر ئۇنى مۇقەددەس جاي مەككىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە جايلاشقاچقا شۇنداق دەپ قارىشىدۇ. <بەختىيار> مەنىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، قەدىمكى يەمەندە ئىنتايىن كۆپ بوستانلىقلار بولۇپ، يامغۇر سۈيى مول، تۇپرىقى مۇنبەت، مىۋلىك دەرەخلەر بۈك - باراقسان بولۇپ، كۆپ خىل ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم ۋە كۇفى دەرەخلىرى تىكىلگەن، شۇڭا، بۇ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى باشقا يەرلەرگە قارىغاندا باياشات شۇڭا قەدىمكى دەستۇرلاردا ئۇنى <يومىنى>، يەنى <بەختىيارزېمىن>دەپ ئاتاشقان. قەدىمكى رىملىقلار شۇ مەنە بويىچە، <يومىنى> نى <بەختىيار ئەرەبلەرنىڭ زېمىنى> ياكى <ئەرەبلەرنىڭ شاتلىق باغچىسى> دەپ تەرجىمە قىلغان. كېيىنچە <يومىنى> سۆزى ئۆزگىرىپ <يەمەن> بولغان. 7 - ئەسىردە يەمەن ئەرب ئىمپېرىيسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، 1517 - يىلى ۋە 1849 - يىللىرى تۈركلەر ئىككى قېتىم بېسىۋالغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، يەمەننىڭ غەربىي ۋە شەرقى ئىلگىرى - كېيىن مۇستەقىل بولغان. يەرلىكلەرنىڭ كۈچى كۈچلۈك بولغان غەربى قىسىم رايونلار 1918 - يىلى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، 1962 - يىلى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى (قىسقىچە يەمەن ياكى شىمالىي يەمەن دەپ ئاتىلىدۇ< نى قۇرغان. ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان شەرقىي قىسىم رايونلار 1967 - يىلى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، جەنۇبىي يەمەن خەلق جۇمھۇرىيتىگە ئۆزگەرتكەن، 1990 - يىلى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى بىلەن يەمەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى بىرلەشكەنلىكىنى جاكارلاپ، دۆلەت نامىنى >يەمەن جۇمھۇرىيىتى< گە ئۆزگەرتكەن. يەمەننىڭ يەر مەيدانى 531.869 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 14 مىليون 300 مىڭ. بۇنىڭ % 90ى ئەرەبلەر، قالغىنى چەت ئەل مۇھاجىرلىرى. ئەرەب تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى سانا، پۇل بىرلىكى دىنار. ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان يەمەن 7 - ئەسىردىلا ئمپېرىيسىنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. 1517 - ۋە 1849 - يىلى يەمەن ئىككى قېتىم تۈركىيە تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان. 1918 - يىلى يەمەن مۇستەقىل بولۇپ، مۇستاۋەككىل پادىشاھلىقى قۇرۇپ، ئەنگلىيىنىڭ ماندانلىق ھۆكۈمرانلىق يېرىگە ئايلانغان. 1962 - يىلى سېنتەبىردە بادىر خاندانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، يەمەن ئىككىگە بۆلۈنۈپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي يەمەندە ئايرىم ھالدا يەمەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1990 - يىلى مايدا، جەنۇبىي ۋە شىمالىي يەمەن قايتىدىن بىرلىشىپ، يەمەن جۇمھۇرىيتى قۇرۇلۇپ، ئەسلىدىكى ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئاساسىدا يېڭى دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان. يەمەن دۆلەت بايرىقى قىزىل، ئاق ۋە قار ئۈچ خىل رەڭلىك بايراق بولۇپ، قىزىل رەڭ ئەرەبنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى، ئاق رەڭ پاكلىق ۋە ئۈمدنى، قارا رەڭ ئەرەبلەرنىڭ ئۆتكەن يىللاردىكى باتۇرانە كۈرەشلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇڭقار يەمەننىڭ دۆلەت قۇشى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ مەنىۋى قۇشىدۇر. يەمەننىڭ دۆلەت گېربى سول تەرەپكە نەزەر سېلىپ، قانات قېقىپ تۇرغان ئېسىل سۈپەت ۋە مۇقەددەسلىكنىڭ سىمۋولى بولغان ئاق شۇڭقاردۇر. شۇڭقارنىڭ كۆكسىدە بىر قالقان بولۇپ، ئۈستىگە ھەيۋەتلىك مارىبۇ سۇ توسمىسى سىزىلغان، بۇ يەمەن خەلقى ئىپتىخارلىنىدىغان قۇرۇلۇش مۇۋەپپەىيەتلىكىدۇر. توسمىنىڭ ئۈستىدە يەمەندە كۆپ چىقىدىغان قەھۋە دەرىخى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان. شۇڭقارنىڭ قانىتى ئاستىدا ياي شەكىلدە گىرەلىشىپ تۇرغان ئىككى دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلغان، شۇڭقارنىڭ قولى ئاستىدىكى بېزەككە ئەرەبچە < يەمەن جۇمھۇرىيتى > دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر