ئۇرۇگۋاي
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئامېرىكا
رەڭلىك قۇش ياشايدىغان دەريا
جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبى بىلەن ئۇرۇگۋاي دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ شەرقىي ياقىسىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 186 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنى دولقۇنسىمان ھالەتتىكى تۈزلەڭلىكلەر ئىگىلەيدۇ. شىمالىي، شەرقىي قىسمىدىكى ئېدىرلىقلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 600 مېتىرغا يەتمەيدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يازلىق (بىرىنچى ئايلىق) ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃22، قىشلىق (7 - ئايلىق) ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃10 بولىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 950-1250 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئۇرۇگۋاينىڭ ھاۋاسى مۆتىدىل، ھۆل - يېغىنى مول بولغانلىقتىن، كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنى ئوت - چۆپلەر، ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ، ئۇ جايدا چارۋا بېقىشقا قولاي بولغان ئوتلاقلار ناھايىتى كۆپ. ئۇرۇگۋاينىڭ ئاھالىسى 2 مىليون 970 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ % 90نى ئاق تەنلىكلەر، قالغىنىنى ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، نىگېرلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ % 8ى شەھەرلەرگە ئولتۇراقلاشقان، ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇگۋاي 17 - ئەسىردىن باشلاپ ئىسپانىيە، پورتۇگالىيىلىكلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، 1778 - يىلدىن باشلاپ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1825 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئسىپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. ئۇرۇگۋاي ئىقتىسادتا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ % 60نى چارۋىچىلىق مەيدانلىرى تەشكىل قىلىدۇ. چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ %85 نى تەشكىل قىلىدۇ (1983)، چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق قوي بېقىلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا كالا، ئات، چوشقا بېقىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا ئاساسلىق بۇغداي، ئۇنىڭدىن قالسا كۆممىقوناق، شال ۋە ياغلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامداپ ئازراق ئېكسپورت قىلىدۇ. سانائىتىدە گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، كۆن - خۇرۇم، ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائەت، پولات - تۆمۈر، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئۇنىڭ خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كىشى بېشىغا تەقسىم قىلىنىشى 3000 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
ئۇرۇگۋاينىڭ تولۇق نامى <ئۇرۇگۋاي شەرقىي قىرغاق جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، ئۇرۇگۋاي دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىنچى، ئۇرۇگۋاي دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغقىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. ئىندىئان قەدىمكى گۇئانرا تىلىدا <ئۇرۇ> (uru) سۆزى بىر خىل گۈزەل، بەش خىل رەڭلىك كىچىك قۇش، <گۋاي> (guay) سۆزى قۇيرۇق دېگەن مەنىلەردە. لېكىن ئېھتىمال جەنۇبىي ئامېرىكا يەر ناملىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان guay (مەنىىس <دەريا>) سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن بولۇپ، <ئۇرۇگۋاي> نىڭ مەنىسى <رەڭلىك قۇش ياشايدىغان دەريا>؛ ئىككىنچى، ئۇرۇگۋاي دەرياسىنىڭ مەنبەسى يېقىن ئەتراپتىكى شارقىراتمىدىن كەلگەن بولۇپ، شەكلى كېرىلىپ تۇرغان قۇش قۇيرۇقىغا بەك ئوخشاپ كەتكەچكە شۇنداق ئاتالغان. يەنە بەزىلەر <قۇلۇلە قېپى> دېگەن مەنىدە دېيىشىدۇ. ئۇرۇگۋاينى 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسپانىيىلىكلەر بايقىغان بولۇپ، 17 - ئەسىردە ئىسپانىيە، پورتۇگالىيىلەر بېسىپ كىرگەن. 1776 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1825 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئۇرۇگۋاي شەرقىي قىرغاق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.
ئۇرۇگۋاينىڭ يەر مەيدانى 176.125مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 3 مىليون 200 مىڭ. ئاق تەنلىكلەر % 90نى ئىگىلەيدۇ. كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلپ، ئىسپان تىلىنى ئىشلىتىدۇ. پايتەختى مونتېۋىدېئو، پۇل بىرلىكى ئۇرۇگۋاي يېڭى پېسوسى.
ئۇرۇگۋاي ئۇزاق مۇددەت ئارگېنتىنا بىلەن باغلىنىپ كەلگەنىدى. ئۇرۇگۋاينىڭ دۆلەت بايرىقىدىكى رەڭ بىلەن سۈرىتى بۇ مۇناسىۋەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. 1828 - يىلى ئۇرۇگۋاي شەرقىي قىرغاق جۇمھۇرىيىتى ئارگېنتىنادىن ئايرىلىپ چىققان. دۆلەت بايرىقى 1830 - يىلى تۈزۈلگەن، بايراق يۈزىگە بەش ئاق بەلدەم بىلەن تۆت كۆك بەلدەم پاراللېل تارتىلغان. سول تەرەپنىڭ ئۈستى بۇرجىكىگە < ماي قۇياشى > سىزىلغان. كۆك رەڭ بىلەن ئاق رەڭ ۋە < ماي قۇياشى > ئارگېنتىنانىڭ دۆلەت بايرىقىغا ناھايتى ئوخشاش بولۇپ، ئۇرۇگۋاينىڭ ئارگېنتىنا بىلەن بولغان چوڭقۇر تارىخى مۇناسىۋىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. كۆك ۋە ئاق رەڭلىك توققۇز توغرا بەلدەم ئۇرۇگۋاينىڭ توققۇز رايونىنى، كۆك رەڭ ئەركنلىكنى، ئاق رەڭ تىنىچلىقنى بىلدۈرگەن. شەكىلى قەدىمكى ئىنگا مەدەنىيىتىدىكى قۇياش ئىلاھىغا ئوخشاش ئالتۇن رەڭلىك < ماي قۇياشى > سەككىز تۈز سىزىقلىق ۋە سەككىز دولقۇنسىمان سىزىقلىق نۇر چېچىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن مۇستەقىللىقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇرۇگۋاي دۆلەت گېربى دۆلەت تۆت خىل سۈرەتتىن تەركىب تاپقان: كۆك جايدىكى تارازا ھەقىقەت بىلەن ئادالەتنى، ئاق جايدىكى ئاتلانتىك ئوكيان ساھىلىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇنتېۋىد تېغى دۆلەتنىڭ كۈچىنى، چېچىپ يۈرگەن ئاتلار ئەركىنلىكىنى، سېرىق بۇقا بايلىنى كۆرسەتكەن. تىنىچلىق بىلەن غەلبىنىڭ سىمۋولى بولغان ياپيېشىل زەيتۇن شېخى بىلەن لاۋىر شېخى تۆت خىل سۈرەتلىك بۇ قالقانسىمان گېربىنى چەمبەرسىمان ئوراپ تۇرغان، چوققىدا نۇر چېچىپ تۇرغان < ماي قۇياشى > مۇستەقىل، ئەركىن ئۇرۇگۋاي شەرقىي قىرغاق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇياشتەك كۆتۈرلۈۋاتقانلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان.