كوتې دې ئىۋوئىر
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى گۋېنىيە قولتۇق بويىغا جايلاشقا ندۆلەت. يەر مەيدانى 332 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 9 مىليون 300 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، تەخمىنەن 60 دىن ئوشۇق قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ جايدا ئاگونى، بائورى، كىرومەن، كۇئا، دەنگورو، سىنوپى قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدۇ. ئاھالىنىڭ% 60 تى ئىپتىدائىي دىنلارغا،% 23 تى ئىسلام دىنىغا، 14% تى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇر تىلىنى قوللىنىدۇ. پايتەختى ئابىدژان ش ەھىرى، كوتې دې ئىۋوئىر قىرغىقىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز بولۇپ، گۋېنىيە ئېگىزلىكىنىڭ بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، جەنۇبقا بارغانچە پەسلەپ، گۋېنىيە قولتۇق بويى تۈزلەڭلىكلىرى بىلەن تىشىدۇ. بۇ جايلارنىڭ يېرى تۈز، ھاۋاسى نەم، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃25-℃ 27قا يېتىدۇ، قىش بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسىملىرىنى چاتقال تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. جەنۇبقا قارىغاندا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ھۆل - يېغىنى ئازراق، قۇرغاق ۋە ھۆلچىلىك پەسلى ئېنىق كۆرۈلىدۇ. دۆلەتنىڭ % 50 يېرىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ جايلاردا قەدىمدىن تارتىپ پىل، بېكىموت ئادەمسىمان مايمۇنلار كۆپ ياشىغان. كوتې دې ئىۋوئىر قىرغىقى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەت. ئاھالىسىنىڭ 2/3قىسمى دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ خەلق ئىگىلىكى 1960 - يىلدىن بۇيان خېلى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. ئاساسلىق كوفې، كاكائو، ياغلىق پالما ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا ئاناناس، كېۋەز، كاۋچۇك، شېكەر قومۇش ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن مانىخوت، شال، كۆممىقوناق، تېرىق، قوناق قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. توتې دې ئېۋوئىر قىرغىقىدا جەمئىي 727 زاۋۇت - فابرىكا بار (1983). بۇنىڭ ئىچىدە 25 نىڭ كۆلىمى خېلى چوڭ، سانائىتىنىڭ كۆپى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، شېكەر، تاماكا، خىمىيە، ياغاچچىلىق، مېتالچىلىق سانائەتلىرىدىن ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توقۇمىچىلىق، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى قۇرۇلدى. توتې دې ئىۋوئىر قىرغىقى ئېكسپورتىنىڭ %70 تىنى ياغاچ ماتېرىياللىرى، كوفې، كاكائۇ ئىگىلەيدۇ. بۇ ئۈچ خىل مەھسۇلات كوتې دې ئىۋوئىر قىرغىقىنىڭ مۇھىم ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، بانانمۇ خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، سىرتتىن ئاشلىق، ماشىنا، ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ، ئېكسپورت سودىسىدا فرانسىيە ئاساسىي ئورۇن تۇتىدۇ.
كوتې دې ئىۋوئىر غەربىي ئافرىقىدىكى گۋېنىيە قولتۇقىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان، ئەسلى نامى پىلچىشى قىرغىقى ئىدى. 1842 - يىلى فرانسىيىنىڭ < ھىمايە ئاستىدىكى جايى> غا ئايلىنىپ قالغان؛ 1958 - يىلى فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بىر < ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيىتى> گە ئايلانغان. 1960 - يىلى ئاۋغۇسىتتا پىلچىشى قىرغىقى جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ھەم ئېتراپ قىلىنغان. 1986 - يىلى ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرتىلگەن. كوتې دې ئىۋوئىر فرانسىيىنىڭ ئۈچ رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنى ئەندىزە قىلىپ، قىزغۇچ سېرىق، ئاق، يېشىل رەڭدىكى تىڭ يوللۇق بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان. قىزغۇچ سېرىق رەڭ شىمالدىكى بىپايان كەڭ ئىسسىق بەلۋاغ ئوتلىقىنى، يېشىل رەڭ جەنۇبتىكى ئىپتىدائى ئورمانلقتا ساقلانغان مول تەبىئىي بايلقىنى بىلدۈرگەن. تېخىمۇ چوڭقۇر مەنسى شۇكى، قىزغۇچ سېرىق رەڭ دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى بىلدۈرگەن، يېشىل رەڭ خەلقنىڭ كېلەچەككە بولغان ئۈمۈدىنى، ئاق رەڭ تىنچلىق ۋە ئىتتىپاقىلق ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. كوتې دې ئىۋوئىر خەلقى سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈك بولۇپ، مېھىربانلىق ۋەئىنسانپەرۋەرلىكىنى غايە قىلىپ، بارلىق ۋەتەنداشلار قېرىنداشلاردۇر دېگەن ئەقىدىسىنى كۆڭۈلدىن چىقارمىغان.
ئۇلارنىڭ دۆلەت گېربى 1960 - يىلى تۈزۈلگەن، يېشىل قالقاننىڭ ئۈستىدىكى ئاق پىل بېشى دۆلەت گېربىنىڭ ئاساسلىق كۆرۈنۈشى بولۇپ، < پىلچىشى قىرغىقى> دېگەن نام شۇنىڭدىن كەلگەن. يېشىل قالقان ئىسسىق بەلۋاغدىكى قويۇق ئورمانزارلىققا ۋە بىپايان كەڭ ئوتلاققاسىمۋول قىلىنغان. قالقاننىڭ ئىككى يېنىغا شۇ جايدىكى ئاساسلق ئىقتىسادىنى زىرائەت - ياغلىق پالما دەرىخى سىزىلغان. قالقاننىڭ ئۈسىدىكى كۆتۈرلىۋاتقان قۇياش كويې دې ئىۋوئىرنىڭ قايتا گۈللىنىدىغانلىقىنى ۋە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە قۇياشتەك پارلاق كېلەچەككە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بىشارەت قىلغان. قالقاننىڭ ئاستىدىكى لېنتىغا فرانسۇزچە < كوتې دې ئىۋوئىر جۇمھۇرىيىتى > دېگەن خەت يېزىلغان.