UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرچاۋشىيەن

چاۋشىيەن

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا پارلاق سۈبھى دۆلىتى ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى جەنۇبىغا ئۆسۈپ چىققان يېرىم ئارالغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇ شىمالدىن يالۇجياڭ، تۇمىنجياڭ دەريالىرى ئارقىلىق دۆلىتىمىز بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى 220 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئوشۇق (بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ يەرمەيدانى 98 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئاشىدۇ) بولۇپ، ئەتراپىدىكى 3300 دىن ئوشۇق چوڭ - كىچىك ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېرىم ئارال قىسمى پۈتۈن چاۋشيەن يەر مەيدانىنىڭ% 97 تىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاراللار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال جىجۇ ئارىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چاۋشيەننىڭ شىمالدىن جەنۇبقا بولغان ئۇزۇنلۇقى 840 كىلومېتر، غەربتىن شەرققە بولغان كەڭلىكى 360 كىلومېتر، دېڭىز قىرغاق لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 17 مىڭ 269 كىلومېتر (ئاراللارنىڭ دېڭىز قىرغاق سىزىقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كېلىدۇ. چاۋشيەننىڭ كۆپ قىسمى تاغلىق بولۇپ، تاغلىقلار بىلەن ئېگىز تەكشىلىكلەر پۈتۈن چاۋشيەن يېرىنىڭ 4/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. يەر ۋەزىيىتى شىمالدىن جەنۇبقا، شەرقتىن غەربكە قاراپ پەسىيىپ دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىغا جايلاشقان كائېما ئېگىز تەكشىلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000-1500 مېترغىچە كېلىدۇ. دۆلىتىنىڭ غەربىي، جەنۇبىي تەرەپلىرىدە تۈزلەڭلىكلەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە داتۇڭجىياڭ، خەنجىڭ، لورۇڭجىياڭ دەريا بويى تۈزلەڭلىكلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. چاۋشيەننىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل، دېڭىز - ئوكيان خاراكتېرلىك ئىقلىمدىن قۇرۇقلۇق خاراكتېرلىك ئىقلىم ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي قىسمى بىلەن جەنۇبىي قىسمىنىڭ تاغلىقلىرى بىلەن تۈزلەڭلىكلىرىنىڭ ئىقلىم پەرقى چوڭ بولىدۇ. قىش پەسلى دۆلەتنىڭ شىمالىي ئوتتۇرا قىسملىرىدا بىر ئايدىن بەش ئايغىچە مۇز قاتىدۇ. جەنۇبىي تەرەپلىرىدە يىل بويى مۇز توڭلىمايدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىنى مول. شەرقىي جەنۇب تەرەپلىرىدە 1500 مىللىمتېر، ئوتتۇرا قىسىملىرىدا 1000 مىللىمتېر، شىمالدىكى قۇرۇقلۇق ئىچكى قىسىملىرىدا 650 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ 73% تىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. چاۋشيەننىڭ يېرى تاغلىق، يامغۇر ئىقتىدارى مول بولغانلىقتىن سۇ ئېنېرگىيىسىگە باي. چاۋشيەننىڭ ئاھالىسى 61 مىليون 865 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي چاۋشيەن ئاھالىسى 41 مىليون 783 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى چاۋشيەن مىللىتى تەشكىل قىلىدۇ، چاشيەن تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. چاۋشيەن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمىي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 7 - ئەسىردە مەركەزلەشتۈرگەن فېئوداللىق دۆلەت قۇرۇلغان. 10 - ئەسىردە گاۋلى دۆلىتى قۇرۇلغان. 14 - ئەسىردە لى چىڭگۇي پادىشاھلىقى گاۋلى پادىشاھلىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ دۆلەت نامىنى چاۋشيەنگە ئۆزگەرتكەن. چاۋشيەننى 1910 - يىلى ياپونىيە بېسىۋالغان، 1945 - يىلى 8 - ئايدا شىمالىي چاۋشيەن ئازاد بولۇپ، 1948 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1950 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئامېرىكا جاھانگىرلىكى شىمالىي چاۋشيەنگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1953 - يىلى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئامېرىكا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر بولغان. چاۋشيەننىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى خېلى تەرەققىي قىلغان. سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 4/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ پولات - تۆمۈر، ماشىنىسازلىق، رەڭلىك مېتاللۇرگىيە، توقۇمىچىلىقنى ئاساس قىلغان سانائەت سىستېمىسىنى بارلىققا كەلگەن. ھەرخىل سانائەت مەھسۇلاتلىرى جەھەتتىن ئۆز ئېھتىياجىنى قامداش دەرىىسىگە يەتتى. يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىنشائاتلاشتۇرۇش، ئېلېكترلەشتۈرۈش، ماشىنىلاشتۇرۇش، خىمىيىۋى ئوغۇتلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىشلەپچىقارغان ئاشلىق كىشى بېشىغا 1000 جىڭدىن ئېشىپ، ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان بولدى. چاۋشيەن يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق شال ئۆستۈرۈلىدۇ. گۈرۈچ چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئاساسىي يېمەكلىكى، ئۇنىڭدىن قالسا كۆممىقوناق، بۇغداي، دادۇر، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چاۋشيەننىڭ بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق گۆشلۈك كالا، قوي بېقىلىدۇ. باغۋەنچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، مېۋە بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەپ ئېكسپورت قىلىدۇ. چاۋشيەن بۇرۇندىن تارتىپ پىلچىلىك تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. چاۋشيەن ترانسپورت جەھەتتىن تۆمۈريولىنى ئاساس قىلىدۇ، تۆمۈريول ئارقىلىق توشۇلىدىغان يۈك% 90، يۆتكىلىدىغان ئادەم% 70 بولۇپ، تۆمۈريوللىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4000 كىلومتېردىن ئوشۇق، بۇنىڭ% 30 تى ئېلېكترلەشكەن تۆمۈريوللاردىن ئىبارەت. چاۋشىيەننىڭ تۇلۇق نامى <چاۋشىيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. ئەمىنىيە دەۋرىدە خاتىرلىنىشچە، تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1122 - يىلى ئەتراپىدا، چاۋشىيەندە تۇنجى دۆلەت گەۋدىسى - قەدىمكى چاۋشىيەن دۆلىتى قورۇلغان. مىلادىدىن بورۇنقى 7 - ئەسىردە چاۋشىيەن دىگەن نام تارىخنامىلەردە كۆرۈلگەن، لېكىن كونكرېت مەنە ئېيتىلمىغان. جۇڭگونىڭ <تارىخنامە>، <خەننامە>لىرىدە: <ۋۇ پادىشاھى جىزىگە (ئادەم ئىسمى) چاۋشىيەننى سويۇرغال قىلدى> دەپ خاتىرىلەنگەن. چاۋشىيەننىڭ <شەرق ئېلى مەنزىرسى>دە يەنە: چاۋشىيەن <شەرق مەملىكىتى، سۈبھى نۇرىدىن ئەڭ ئاۋال بەھر ئالىدۇ، شۇڭا چاۋشىيەن ئاتالغان> دەپ خاتىرىلەنگەن. چاۋشىيەننىڭ جى جەمەتى سۇلالىسى ۋە ئۇندىن كىيىنكى ۋېي جەمەتى سۇلالىسى (مىلادىدىن بورۇنقى 194 - يىلى قورۇلغان)چاۋشىيەن دىگەن نامنى قوللانغان. مىلادى 1 - ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدە چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىدا گاۋجۇلى، بەيچى ۋە شىنلو قاتارلىق ئۈچ دۆلەت قۇرۇلغان، 7 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى شىنلو سۇلالىسى چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 918 - يىلى چاۋشىيەن شۇڭيۆ ۋىلايىتىدىن ۋاڭ جيەن پادىشاھ بولۇپ، گاۋجۈلى سۇلالىسىنى شىنلونىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، نامىنى <گاۋلى>غا ئۆزگەرتكەن (بۇ <ئېگىز تاغ، سۈزۈك سۇ>دېگەن مەنىدە). چاۋشىيەن تارىخىدا <گاۋلى> دۆلەت نامى سۈپىتىدە 500 يىلغا يېقىن ساقلانغان. 1392 - يىلى گاۋلىدىكى ئۈچ قوشۇن (سۇ، پىيادە ۋە ئاتلىق)نىڭ باش سەركەردىسى لى چېڭگۈي گاۋلى ھاكىمىيتىنى تارتىۋېلىپ، يېڭى پادىشاھلىق قۇرغان، ئەينى چاغدا چاۋشىيەن - جۇڭگو پادىشاھلىرى ئوتتۇرسىدا فېئوداللىق بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى بولغاچقا، لى چېڭگۈي مىڭتەيزۇ جۇيۈەنجىڭغا دۆلەت نامىنى ئۆزگەرتىشنى مەلۇم قىلىپ، ئىككى خىل چارىنى ئوردىنىڭ تاللىشىغا سۇنىدۇ، بۇنىڭ بىرى <چاۋشىيەن>، يەنە بىرى <خېنىڭ> ئىدى. <چاۋشىيەن> دېگەنلىك <سۈبھى پارلاق ئەل> دېگەنلىك بولۇپ ،جۇيۈەنجاڭ <چاۋشىيەن> دېگەن نامنى تاللىغان. شۇندىن كىيىن، چاۋشىيەن نامى <گاۋلى>نامىنىڭ ئورنىنى ئالغان.قەدىمكى زاماندىكى چاۋشىيەننى كونا نامىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، تارىخ كىتابلىرىدا لى چېڭگۈي قۇرغان چاۋشىيەننى لى جەمەتى چاۋشىيەنى، قىسقىچە لى سۇلالىسى دەپ ئاتايدۇ. جۇڭگو ـ ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى پارتلاپ چىڭ سۇلالىسى مەغلۇپ بولۇپ ،<سىمولنىسكى شەرتنامىسى> ئىمزالىنىپ، چاۋشىيەننىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىپ، چاۋشىيەننىڭ چىڭ سۇلالىسىغا بولغان بېقىندىلىقى بىكار قىلىنىدۇ. 1897 - يىلى 10 - ئايدا، لى شى تەختكە ئولتۇرۇپ ئۆزىنى ئىمپېراتۇر جاكارلاپ، دۆلەت نامىنى <بۈيۈك كورىيە ئىمپېرىيىسى>، قىسقىچە <بۈيۈك كورىيە> ياكى <كورىيە>گە ئۆزگەرتىدۇ، لېكىن ئىشلىتىلگەن ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، 1910 - يىلى 8 - ئايدا چاۋشىيەن ياپونىينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىدۇ. 1910 - يىلىدىن 1945 - يىلى 8 - ئايدا شىمالىي چاۋشىيەن مۇستەقىل بولىدۇ. 1948 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، چاۋشىيەن ئالىي خەلق كېڭىشى بىرىنچى قېتىملىق يىغىندا ئاساسىي قانۇن ماقۇللىنىپ، چاۋشىيەن خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىدۇ. چاۋشىيەننىڭ يەر كۆلىمى 123.2مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 23مىليون 50مىڭ% 99.9ى كورىئان مىللىتى. پايتەختى پيوڭياڭ، پۇل بىرلىكى ۋون. چاۋشىيەن دېموراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي يېرىمىغا جايلاشقان، قەدىمدە جوسۇن دەپ ئاتالغان. شەرققە جايلاشقانلقى، ئەتىگەنلىك قۇياش نۇرىنى بۇرۇن كۆرىدىغانلىقى ئۈچۈن چاۋشىيەن دەپ ئاتالغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى شىمالىي كەڭلىك 38 گرادۇس سىزىقىنى بويلاپ، جەنۇب بىلەن شىمال ئايرىلىپ ئىدارە قىلىنغان. دۆلەت زېمىنى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، جەنۇبىي يېرىمدا كورىيە دۆلىتى، شىمالىي يېرىمىداچاۋشىيەن دېموكراتك خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغان. چاۋشىيەننىڭ دۆلەت بايرىقى 1948-يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، بايرقتىكى قىزىل بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز چاۋشىيەن خەلقىنىڭ باتۇرانە كۈرەش قىلغان شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىسى ۋە كوممۇنىستىك غايىسى سىمۋول قىلىنغان، قىزىل بايراق چاۋشىيەن خەلقىنىڭ ۋەتەننى ئازاد قىلىش، خەلقنى ئەركىنلىككە ئېرشتۈرۈش يولىد ئېلىپ بېرلغان قانلىق، كۈرەش داۋامىدا ئىبادىلەنگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى يېڭىلمەس كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىنغان؛ ئىنچكە ئىككى ئاق بەلدەم بىلەن بەش بۇرجەكلىك قىزىل يۇلتۇزنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرغان ئاق رەڭ چاۋشىيەننىڭ بىرلا مىللەت ئىكەنلىكىنى ، مىللەتنىڭ چوقۇم جەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئىككى كۆك بەلدەم چاۋشىيەن خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاققىچە تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت قىزغىن ئارزۇسى ئىپادلەنگەن. دۆلەت گېربىدە بىر ھەيۋەتلىك توسما بىلەن بىر ئېلېكتىر ئىستانىسىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بىر- بىرگە تۇتاشقان سۇس ھاۋارەڭ تاغلار تىپتىنىچ كۆلنى ئوراپ تۇرغان. كۆل سۈيى توسمىدىن شارقىراپ چۈشۈپ، كۆركەم شارقىراتما ھاسىل قىلغان. توسما ئاستىدىكى يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان. گېربىنىڭ دەل ئۈستدىكى بەش بۇرجەكلىك قىزىل يۇلتۇز نۇر چاقناپ، كۈچ يالقۇنلىرنى چاچراتقان. سۇ ئېلىكتىر ئىستانىسىسى ئېغىر سانائەت ئاساس قىلىنغان زامانىۋى سانائەت ۋە ئىشچىلار سىنىپىغا ۋەكىللىك قىلىنغان. ئىككى يېنىدىكى قىزىل لېنتىغا ئورالغان ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي ۋە شال باشاقلىرى يېزا ئىگىلىك ۋە دېھقانلارغا ۋەكىللىك قىلىنغان، تۇتاش تاغلار ۋە كۆللەر چاۋشىيەننىڭ < ئۈچ مىڭ چاقىرىملىق گۈزەل تاغ- دەريالىرى > نىڭ سىمۋولى بولغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر