UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەركىرىباتى

كىرىباتى

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئوكيانىيە ئەنگلىيە ئېكسپىدىتسىيىچىسىنىڭ ئىسمى غەربىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت، بۇ ئورۇن 1979 - يىلى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن. ئىلگىرى گېللبېرت تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتالغان. كىرىباس تروپىك بەلبېغىغا (شىمالىي كەڭلىك 4°40′ بىلەن جەنۇبىي كەڭلىك 11°25′ ئارىلىقىغا) جايلاشقانلىقتىن، ھاۋا تمپېراتۇرىسى ℃26 دىن ℃32 قىچە بولىدۇ. ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. كىرىباسنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 684 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ گىلبېرت تاقىم ئاراللىرىنى، چوڭ ئوكيان ئارىلىنى، فىنكس ئاراللىرىنىڭ بۇرۇن ئەنگلىيىگە تەۋە قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسى 63 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982)، ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنى گىلبېرت خەلقلىرى بىلەن پولىنېزىيە خەلقلىرى ئىگىلەيدۇ. گىلبېرت تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. كىرىباس ئاراللىرىنى 1606 - يىلى ئىسپانىيىلىكلەر تاپقان. 18 - ئەسىرنڭى ئاخىرى ئەنگلىيىلىكلەر بۇ ئاراللار ئىچىدىكى رۇجىستىۋا ئارىلىنى ئىگىلەشكە باشلىغان. 1892 - يىلى ئەنگلىيە ئۇنى ئۆز كونتروللۇقىدىكى ئورۇن دەپ ئېلان قىلغان، 1900 - يىلى چوڭ ئوكيان ئارىلىنى ئىگىلىگەن. 1916 - يىلى ئېللىس ئاراللىرى بىلەن قوشۇپ ئەنگلىيىلىگە قاراشلىق گىلبېرت - ئېللىس مۇستەملىكىسىنى قۇرغان، 1937 - يىلى فىنكىس ئاراللىرىنىمۇ بىرلەشتۈرگەن، 1972 - يىلى جەنۇبىي لەيىن تاقىم ئاراللىرى گىلبېرت - ئېللىسنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، 1975 - يىلى 10 - ئايدا ئېلىس تاقىم ئاراللىرى مۇستەقىل بولۇپ، دۆلەت نامىنى <تۇۋالو> دەپ ئۆزگەرتكەن. 1979 - يىلى گىلبېرت مۇستەقىل بولۇپ، دۆلەت نامىنى <كىرىباس جۇمھۇرىيىتى> غا ئۆزگەرتكەن. كىرىباس مەمۇرى جەھەتتىن ئالتە رايونغا ئايرىلىدۇ. كىرىباس ئاراللىرىدا پالما، بولكا دەرىخى، بانان قاتارلىق مېۋىلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چوڭ ئوكيان ئارىلىدىن فوسفات تۇزى ئېلىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ خېلى بىر قىسمى بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، چەت ئەللەرگە پالما قۇرۇقى، فوسفات تۇزى، مېۋە، بېلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىدۇ، فوسفات تۇزى كىرىمى ئۇنىڭ ئاساسىي مالىيە كىرىم مەنبەسى ھېسابىلىدۇ. گىلبېرتنىڭ تولۇق نامى <گىلبېرت جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا غەربى، مىكرونېزىيە تاقىم ئاراللىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، زېمىنى 300 دىن ئارتۇق ئارالدىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت 33 ئارالدىلا ئادەم ئولتۇراقلاشقان. بۇ دۆلەت دۇنيادىكى بىرىدنبىر زېمىنى ئېكۋاتوردىن ھالقىغان، خەلقئارالىق چىسىلا ئۆزگىرىش سىزىقىنى كېسىپ ئۆتكەن دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت نامى 1788 - يىلى بۇ جايغا كەلگەن ئەنگلىيە ئېكسپىدىتسىيىچىسى كىربوتنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن، 1892 - يىلى ئارال ئەنگلىيىگە تەۋە بولغان، 1976 - يىلى 11 - ئايدا كىربوت تاقىم ئاراللىرى ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. 1979 - يىلى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مۇستەقىل بولغان چاغدا كىربوت نامى يەرلىك خەلقلەرنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە <گىلبېرت> غا ئۆزگەرتىلىپ، گىلبېرت جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. گىلبېرتنىڭ يەر مەيدانى 684 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 75 مىڭ. 90%ى گىلبېرتلار، قالغىنى ياۋروپالىق كۆچمەنلەر. ھەممىسى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئنگلىز ۋە گىلبېرت تىللىرى قوللىنىلىدۇ. پايتەختى تاراۋا، پۇل بىرلىكى ئاۋسترالىيە دوللىرى. كىرىباتىنىڭ ئەسلى نامى گىلبېرت تاقىم ئاراللىرى بولۇپ، ئەنگلىيە تەۋەككۈلچىسى گىلبېرت بايقىغان ھەم ئۇنىڭ نامىدا ئاتالغان 1979 - يىلى ئىيۇل مۇستەقىل بولغاندا، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە كىرىباتى دەپ ئاتىلىپ، مىللىي تۈسكە ئىگە قىلنغان. كىرىباتى جەنۇبىي تىنچ ئوكياندا يېڭيدىن مۇستەقىل بولغان 10 - دۆلەتتۇر. دۆلەت بايرىقى يارقىن تۈس ۋە ئالاھىدە ئوسلۇبقا، مول ھەرىكەت تۇيغۇسى ۋە ۋەزىنلىككە ئىگە بولۇپ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن دۆلەتنىڭ جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلغان. بەخىت - سائادەتنىڭ سىمۋولى بولغان قىزىل بايرقنىڭ ئاستى قىسىمىدىكى كۆك ۋەئاق دولقۇنسىمان بەلدەملەر دېڭىزىنڭ دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان كۆركەم مەنزىرىسىنى ھاسىل قىغان. ئالتۇن نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش دېڭىز يۈزىدىن كۆتۈرلۈپ، چەكسىز جۇشقۇنلۇق ئۈمىدىنى نامايان قىلغان. كۆكتە پەرۋاز قىلغان دېڭىز قۇشى، يېڭىدىن كۆتۈرلىۋاتقان ئارال دۆلىتى - كىرىباتنىڭ جۇش ئۇرۇپ گۈللىنىشىگە سىمۋول قىلىنغان ۋە كېلەچەك ھەم ئىستىقبالى گۈزەل ئارزۇ بىلەن تولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىرىباتى دۆلەت گېربى دۆلەت بايرىقىنىڭ نۇسخسىغا ئوخشاش بولۇپ، ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا كىرىباتى يېزىقىدا < ھاياتلىق، تىنىچلىق، گۈللىنىش > دېگەن سۆز يېزىلغان، بۇ كىرىباتى خەلقىنىڭ يۈكسەك نىشانىدۇر.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر