UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرسىككىم

سىككىم

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا يېڭى يەر ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى ھىمالايا تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي يانباغرىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. شىمالىدا دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ رايونى بىلەن، شەرقتە بۇتان، غەربتە نېپال، جەنۇبتا ھىندىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى 7100 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 320 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981)، ئاھالىنىڭ كۆپى سىككىمگە ئولتۇراقلاشقان نېپاللىقلاردىن ئىبارەت. ئاھالىسى لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، مەركىزى گانتوك، سىككىم تاغلىق دۆلەت بولۇپ، يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتىردىن ئېگىز بولغان تاغلىقلار ئىگىلەيدۇ. يەر ۋەزىيىتى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ پەسلەپ بارىدۇ. ئىقلىمى سۇبتروپىك بەلباغ تاغلىق مۇسسۇنلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ھۆل - يېغىنى مول، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 3000-4000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. 6 -، 9 - ئايلىرى ھۆل - يېغىن پەسلى دەپ ئاتىلىدۇ. كۆپ قىسىمى ياپيېشىل ئورمان ۋە ئوتلاقلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى% 30 دىن ئاشىدۇ. تاغلىقلاردا يىلپىز، بۇغا، تاغ ئۆچكىسى قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ياشايدۇ. سىككىم ئەسلى كېنەزلىك دۆلەت بولۇپ، 19 - ئەسىردىن باشلاپ ئەنگلىيىلىكلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1890 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ قوغداش دائىرىسىدىكى ئورۇن بولغان. 1950 - يىلى ھىندىستان ھامىيلىقىدىكى دۆلەت بولغان. 1974 - يىلى ھىندىستان بىلەن باغلىنىشلىق شتات بولغان. 1975 - يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ ھىندىستان ئۆزىنىڭ بىر شتاتى قىلىۋالغان. ئاھالىنىڭ كۆپى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شال، كۆممىقوناق، تېرىق قاتارلىق زىرائەتلەر، لىمون، ئالما قاتارلىق مېۋە - چېۋىلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە يەنە چاي ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا قوتاز، كالا قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. سانائەتتە مېۋە كونسېرۋاسى ئىشلەش، ھاراق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدە گىلەم توقۇش، قەغەز ياساش، ياغاچ ئويمىچىلىق قاتارلىقلار مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. تاشيول ئارقىلىق ھىندىستان بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. سودا - سېتىق ئىشلىرىدا پۈتۈنلەي ھىندىستاننىڭ پۇلىنى ئىشلىتىدۇ. سىككىم ئاسىيانىڭ جەنۇبى، ھىمالايا تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي يان باغرىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. سىككىم سۆزى نېپال تىلىدىن كەلگەن، ئەسلى مەنىسى <يېڭى يەر>. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نېپاللىقلار بۇ يەرگە سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەچكە يېڭى يەر دەپ ئاتىغان. غەرىبلىكلەر شۇ نامنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە <سىككىم> دەپ ئاتىغان. دۆلىتىمىز قەدىمدە سىككىمنى ئەڭ دەسلەپ <چاڭ چيۇبو دۆلىتى>، كېيىنچە <جېمىڭشيۇڭ> (تىبەت تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، <شال يۇرتى> دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغان. سىككىم خانلىقى 17 - ئەسىردە قۇرۇلغان، 19 - ئەسىردە ئەنگلىيە ھىندىستاننى تايانچ بازا قىلىپ، سىككىمگە قوراللىق تاجاۋۇز قىلغان. 1887 - يىلى ئەنگلىيە سىككىمنى مەجبۇرىي بېسىۋالغان. 1890 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى، 1958 - يىلى ھىندىستاننىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت بولۇپ، 1974 - يىلى 9 - ئايدا ھىندىستاننىڭ بىر ئالاقە فېدىراتسىيىسىگە ئايلىنىپ قالغان. سىككىمنىڭ يەر مەيدانى 7100 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 40 مىڭ 50،كۆپىنچىسىنى نىپاللىقلار تەشكىل قىلىدۇ. نېپال ۋە ئىنگىلىزتىلى قوللىنىلىدۇ. پايتەختى گانتوك، پۇل بىرلىكى ھىندىستان رۇپىيىسى. تاغلىق دۆلەت سېككىم ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي تىزىملىقىغا جايلاشقان. 17 - ئەسىردە سېككىم پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، ۋارىسلىق خانلىق دۆلىتىگە ئايلانغان. ئەنگلىيىلىكلەر بۇ يەردە ئۇزاق مۇددەت مۇستەملىكلىك ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزگەن. 1947 - يىلى ئىيۇندا، ھىندىستان ئارمىيسى سېككىمگە بېسىپ كىرىپ، تىنچلىق شەرتنامە ئىمزالاپ، سېككىم ھىندىستاننىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان، ھىندىستان سېككىمنىڭ دۆلەت مۇداپئە، دىپلۇماتىيە ۋە ئىقتىسادتىن ئىبارەت چوڭ ھوقۇقنى تىزگىنىلىۋالغان. 1975 - يىلى سېككىم ھىندىستانغا قوشۇلۇپ، ھىندىستاننىڭ بىر < شىتاتى> بولۇپ قالغان؛ 1982 - يىلى سېككىمنىڭ 13 - پادىشاھى تەخىتكە چىقىپ، ھىندىستاننىڭ سېككىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلغان. سېككىمنىڭ دۆلەت بايرىقى ئاق بولۇپ، تۆت چۆرىسى قىزىل، ئوتتۇرىسىدا دارماساكرابار. سېككىم < تاغ چوققىسىدىكى پادىشاھلىق دۆلەت> دەپ ئاتالغان. دۆلەت ئەتراپىدىكى قىزىل قىز بۇ دۆلەتنىڭ تۆت ئەتراپى ھەيۋەتلىك ۋە تۇتاش ھىمالايا تاغ تىزمىلىرى بىلەن ئورالغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ دارماساكرانى بۇددا دىنىدا مۇقەددەس بىلىدۇ، ئۇ سېككىمنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ھەم ئالەمدىكى بارلىق شەيئلەرنىڭ ئايلىنىپ، بىر - بىرىگە ئۇلىنىپ، گۈللىنىپ، ئالغا باسىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر
سىككىم | UyghurWiki | UyghurWiki