UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەركوستارىكا

كوستارىكا

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا مۇنبەت دېڭىز قىرغىقى ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىغا، پاناما بىلەن نىكاراگۇئانىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 50 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ جايدا تاغلىقلار ناھايىتى كۆپ، ئوتتۇرا قىسمىدىكى بوئاس يانار تېغى دۇنيادا ئەڭ چوڭ ھەرىكەتتىكى يانار تاغ ھېسابلىنىدۇ. كوستارىكانىڭ ئىقلىمى مۆىتدىل ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃16-℃19 قا يېتىدۇ. ئۇنىڭ كارىب دېڭىز دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ ئىقلىمى نەم كېلىدۇ. يىللىق ھل - يېغىن مىقدارى 3000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، غەربىدىكى تىنچ ئوكيان، قىرغاق تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃23-℃25 قا يېتىدۇ. يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 1500 مىللىمېتىر، غەربىي شىمال قىسىملىرىنىڭ 1000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئورمانلىقلار پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ% 58 نى ئىگىلەيدۇ، كوستارىكانىڭ ئاھالىسى 2 مىليون 460 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇنىڭ %97.6 نى ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئىندىئانلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، قالغىنىنى نېگىرلار (%3)، ئىندىئانلار (%2) تەشكىل قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ% 95 ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى ھېسابلىنىدۇ. كوستارىكا 16 - ئەسىردىن باشلاپ، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1821 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن. كوستارىكا ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق كوفى، بانان، شېكەر قۇمۇشى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ ئۈچ خىل زىرائەت ئۇنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا تاماكا، كاكائو، كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، پۇرچاق قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، چوشقا، ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. ئېكسپورتىنىڭ% 50 نى كوفى، قالغىنىنى بانان، كاكائو، شېكەر ئىگىلەيدۇ. ئاشلىق بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. سانائىتى ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئىچىدە خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، شېكەر، تاماكا، كۆن - خۇرۇم قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. كوستارىكانىڭ تولۇق نامى <كوستارىكا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچى، 1502 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە كولومبو تۆتىنچى قېتىملىق ئامېرىكا سەپىرىدە بۈگۈنكى كوستارىكانىڭ غەربىي قىرغىقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ مۇلاھىم، چىرايلىق ئىكەنلىكى، ھەر خىل ئالتۇن زىننەت بويۇملىرى ئېسىۋالغانلىقىنى بايقاپ، بۇ جاينىڭ بايلىقى مول، ھەممىلا يېرىدە ئالتۇن باركەن دەپ ئويلاپ، پېتولمېي رىۋايەتلىرىدىكى مولوككا ئالتۇن يېرىم ئارىلىنى تېپىۋالدۇق، دەپ قارىغان ۋە بۇ جاينى Costa deloro دەپ ئاتىغان. بۇنىڭ مەنىسى <ئالتۇن قىرغاق> بولۇپ، كېيىن كوستارىكا (ئىسپانچە مەنىسى <باياشات، مۇنبەت قىرغاق> دەپ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاتالغان؛ ئىككىنچى، 1524 - يىلى ئىسپانىيە باسمىچىسى كوردوۋا نېكيا يېرىم ئارىلىغا كېلىپ، بۇ جاينىڭ دەل - دەرەخلىرىنىڭ بۈك - باراقسان، تۇپرىقىنىڭ مۇنبەت، بايلىقى مول ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، 1539 - يىلى بۇ جاينى <باياشات دېڭىز قىرغىقى> دەپ ئاتىغان. كوستارىكا 16 - ئەسىردە ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، 1821 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1838 - يىلى فېدېراتسىيە پارچىلانغاندىن كېيىن، 1848 - يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرغان. كوستارىكانىڭ يەر مەيدانى 51.1 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 3 مىليون 267 مىڭ، مۇتلەق كۆپچىلىكى شالغۇت كىشلەر. پايتەختى سان جوسې. پۇل بىرلىكى كوستارىكا كولونى. ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئامېرىكا بىرلەشمىسىدىكى بەش دۆلەتتىن پەقەت كوستارىكالا دۆلەت بايرىقىنى بىرلەشمە دۆلەت چاغدىكى دۆلەت بايرىقى ئاساسىدا بىر قەدەر چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، بىرلەشمە دۆلەت بايرىقىنىڭ دەسلەپكى شەكىىدىن ئايرىلغان. كوستارىكا 1838 - يىلى بىرلەشمىدىن باشلامچى بولۇپ چىقىپ كەتكەن. 1848 - يىلى دۆلەت بايرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر قىزىل توغرا بەلدەم قوشقان، دۆلەت بايرىقى ئۈستىدىن ئاستىغىچە كۆك، ئاق، قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭدىكى بەش پاراللېل تىك تۆتبۇلۇڭدىن تەركىب تاپقان. قىزىل بەلدەمنىڭ كەڭلىكى كۆك ۋە ئاق بەلدەملەردىن بىر ھەسسە كەڭ بولغان، بايراق سېپى تەرەپكە دۆلەت گېربى سىزلغان بۇ رەڭلىك بەش توغرا بەلدەم كوستارىكانىڭ شۇ چاغدىكى بەش ئۆلكىسىنى كۆرسەتكەن. كۆك رەڭ ئوتتۇرا دىكى ئوكيان بىلەن ئاسماننى بىلدۈرگەن، ئاق رەڭدىن تىنىچلىق مىلودىيىسى تاشقىنلاپ تۇرغان، قىزىل رەڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكەن باتۇر - ئەزىمەتلەرگە بېغىشلانغان. كوسارىكا دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىدا < ئوتتۇرا ئامېرىكى قىتئەسى > دېگەن خەت يېزىلغان بىر كۆك لېنتا بولۇپ، كوستارىكىلىقلارنىڭ ئەسلىدىكى بىرلەشمىگە بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىگەن. يېشىل يوپۇرماقلار بىلەن بېزەلگەن ئاق لېنتىغا جۇمھۇرىيەتنىڭ دۆلەت نامى يېزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنىدىكى كۆممقۇناق تېرىشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۈچ قىزىل يانار تاغ چوققىسى تىنىچ ئوكيان بىلەن كارىب دېڭىزىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان باربا، سۇراسۇ ۋە بوئاس تاغلىرىنى بىلدۈرگەن، تاغ باغرىدىكى يېشىل ئېگىزلىكتە قەھۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىىدىغان كوستارىكانىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئاھالىسى ئولتۇراقلاشقان. كۆك ئاسماندىكى بەش بۇرجەكلىك يەتتە ئاق يۇلتۇز كوستارىكانىڭ ھازىرقى يەتتە ئۆلكىسىنى بىلدۈرگەن. ئالدىدىكى كارىب دېڭىزى بىلەن تاغ ئارقىسىدىكى تىنىچ ئوكياندا بىردىن قەدىمكى ئاق يەلكەنلىك كېمە كوستارىكانىڭ دېڭىز سودىسىنى بىراقلا گەۋدىلەندۈرگەن. ئەتگەنلىك قۇياش دېڭىز يۈزىدىن كۆتۈرلۈپ، يېڭى ئەسىرنىڭ تاڭ نۇرى بۇ دۆلەتنىڭ نۇرلۇق ئىستىقبالىنى يۇرۇتقان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر