UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرموناكو

موناكو

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا <ئىلاھ ئىبادەتخانىسى> بىلەن ئالاقىدار دۆلەت يەر ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا، فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان كىچىك دۆلەت. ئۇنىڭ ئۈچ تەرىپىنى فرانسىيە ئوراپ تۇرىدۇ، بىر تەرىپى يەر ئوتتۇرا دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 1.89 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 27 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982)، ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنى فرانسۇزلار بىلەن ئىتالىيانلار ئىگىلەيدۇ، موناكولىقلار ئاران 4481 گە يېتىدۇ (1982)، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرناسۇز تىلىدا سۆزلەيدۇ، كاتولىك دىنىي دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. موناكو ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئورۇن. 1338 - يىلى مۇستەقىل كىنەزلىك بولغان، 1911 - يىلى قانۇن ئاساسىدا بەلگىلەنگەن مۇستەقىل مۇنارخىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولغان. ئۇنىڭ فرانسىيە بىلەن تۈزگەن نۇرغۇن شەرتنامە - كېلىشىملىرى بار. 1919 - يىلى فرانسىيە بىلەن تۈزگەن شەرتامىدە <ئەگەر دۆلەت رەھبىرى ۋاپات بولۇپ، ئىز باسارى بولمىغان ھالدا موناكو فرانسىيە بىلەن بىرلىشىدۇ> دەپ بەلگىلەنگەن. موناكونىڭ ئۆز خەلقى ئاز بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى شۇلار باشقۇرىدۇ. موناكو يەر ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىدىكى مۇھىم ساياھەت رايونى، ئۇنىڭ ھاۋاسى يىللىق (1 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃10)، مەنزىرىسى گۈزەل رايون بولغانلىقتىن، ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. شۇنىڭغا ئەگىشىپ دورا ياساش، رادىئو - پىريومنىك، توقۇمىچىلىق، ئاياغ كىيىم، يېمەك - ئىچمەك، پەرداز بۇيۇملىرى ئىشلەش، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق ئىشلار زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. ساياھەتچىلىك ۋە پوچتا ماركىسى تارقىتىش ئۇنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى بولۇپ، بىر يىللىق ساياھەت كىرىمى 160 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. بۇ، دۆلەت مالىيە كىرىمىنىڭ %40 نى تەشكىل قىلىدۇ. موناكونىڭ يېرى كىچىك بولغانلىقتىن، خەلق ئاساسىي جەھەتتىن يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ. موناكونىڭ تولۇق نامى <موناكو كىنەزلىكى> بولۇپ، فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، جەنۇبتا ئوتتۇرا دېڭىزغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ، دۆلەت نامى پايتەخت نامىدىن كەلگەن. نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئۈچ خىل چۈشەندۈرۈش بار: بىرىنچى، موناكو نامى بىر خۇدالىق دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئىككىنچى، مىھماندوست، تىپتىنىچ، بىخەتەر قاتارلىق سۆز مەنىلىرى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ، پەرەز قىلىنىشچە، بۇلار فىنىكىيە ماتروسلىرىنىڭ شۇ جايدىكى تەبئىي ياخشى پورتقا بولغان ئاتىشى ئىكەن؛ ئۈچىنچى، فىنكىيە تىلى ياكى گرېك تىلىدىكى monoikos سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <زاھىد> (دەرۋىش، پىنھاندا ئىبادەت قىلىدىغان ئۆلىما مەنىسىدە)، <رۇھانىي> بولىدۇ. بۇ شۇ شەھەردە قۇرۇلغان ئىلاھ ئىبادەتخانىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىلادىدىن بۇرۇنقى 7 -- 6 - ئەسىردە، قەدىمكى رىملىقلار موناكو شەھىرى جايلاشقان تاغ باغرىغا بىر ھىراكلېس زاھىد ئىبادەتخانىسى سالغان. رىۋايەت قىلىنىشچە، موناكونى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى قەھرىمان ھېراكلىس سالغان ئىكەن. ھېراكلىس باتۇر، جەڭگە ماھىر بولۇپ، نۇرغۇن تۆھپە ياراتقان ئىكەن، بىر كۈنى ئۇ ئىسپانىيىدىن قايتىش يولىدا لېۋىردا دېڭىز قىرغىقىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، شۇ جايدا ئازراق ئارام ئېلىش نىيىتىگە كېلىدىكەن - دە، شۇ جايدىكى تىك ھاڭنىڭ چوققىسىغا بىر قەلئە سېلىپ، ئۇنىڭغا <بورتىس. ھىبراكلىس. موناكوس> دەپ نام قويغان ئىكەن. بۇنىڭدىكى <موناكوس> <جىمجىت> دېگەن مەنىدە بولۇپ، <موناكو> سۆزى ئاشۇ <موناكوس> سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە موناكو ئەسلى قەدىمكى رىم ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە مەشھۇر زەيتۇن دۆلىتى بولغان. مىلادى 13 - ئەسىردە ئىتالىيە گىنويالىق ئېسىلزادىلەر بۇ جايدا بازار قۇرۇپ، قورغان ياسىغان، كېيىن بۇ جايلار كىنەز موناكونىڭ سۇيۇرغال يېرى بولۇپ، 1338 - يىلى مۇستەقىل كىنەزلىك بولغان، شۇندىن كېيىن نەچچە يۈز يىل داۋامىدا زېمىنى نەچچە قېتىم ئۆزگەرگەن. 1911 - يىلى شاھزادە ئالبېرت Ⅰ تۇنجى قېتىم ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىپ، موناكونى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت دەپ جاكارلىغان. 1993 - يىلى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى موناكونى ئەزالىققا قوبۇل قىلغان. موناكونىڭ يەر مەيدانى 1.95 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 30 مىڭ. بۇنىڭ 50%ى فرانسىيىلىك، % 33ى ئىتالىيىلىك، مەزكۇر دۆلەت پۇقراسى 6 مىڭ. فرانسۇز تىلى ھۆكۈمەت تىلى. موناكونىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن ھىندونېزىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھەممىسى قىزىل ۋە ئاق ئىككى خىل توغرا بەلدەملىك لايھىلەنگەن. ئىككى دۆلەتنىڭ بايرىقى پەقەت چوڭ - كىچىكلىكى ۋە توغرا بەلدەمنىڭ نىسبىتىدىلا پەرقلىنىدۇ. مۇناكو 1933 - يىلى مۇستەقىل بەگلىك بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ موناكو دۆلەت بايرىقى ئىزچىل قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك تۈسىنى ساقلاپ كەلگەن. ھازىرقى پادىشاھى شاھزادە نېر 1949 - يىلى مارت بوۋىسى لوئۇئىس Ⅱ نىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا چىققاندا قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلىپ ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. قىزىل ۋە ئاق رەڭ موناكونى ئۆز ئىچىگە ئالغان پاۋروپادىكى نۇرغۇن فېئودال بەگلىكىدىكى خان جەمەتلىرىنىڭ تۈسىدۇر. موناكو گېلماردى جەمەتىنىڭ خانلىق گېربى قىلغان ، گېلماردى ئەسلى ئىتالىيىنڭ گېنويىدىكى بىر قەبىلىسى بولۇپ، 1297 - يىلىدىن باشلاپ موناكوغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىزىل ۋە ئاق كىچىك رومبىلار سىزىلغان بولۇپ، ئەتراپىغا ئۈنچە - مەرۋايىت بىلەن بېزەلگەن ئالتۇن رەڭلىك كرېسىتلىك ساينىت چارلىسنىڭ ئوردېن لېنتىسى تارتىلغان. قالقاننىڭ ئىككى يېنىدا بىردىن كاتولىك دىنى مۇرىتى بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمرانلىق ئورۇنىدا تۇرغان گېلماردى قەبىلىسىنىڭ ئەنئەنىۋى بەلگىسىدۇر؛ رىۋايەت قىلىنىشىچە بۇ قەبىلىدىكىلەرنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى چاپاننىڭ ئىچىگە خەنجەرنى يوشۇرۇپ دىنى روھانىي سىياقىغا كىرۋېلىپ، بىر شەھەرنى قولغا چۈشۈرگەنكەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رىم ئىمپېراتورىنىڭ تاجىسى ئاستىدا قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك بىر سۇلغۇن چېدىرى ئېچىلىپ تۇرغان، ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا گېلماردى قەبىلىسىنىڭ ھېكىمەتلىك سۆزى < تەڭرىم ئىدارە قىلىشىمغا مەدەتكاردۇر> دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر