UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرئاۋسترالىيە

ئاۋسترالىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا جەنۇبىي يەر جەنۇبىي يېرىم شارىنىڭ شەرقىگە، جەنۇبىي كەڭلىك 10°4′ بىلەن 43°39′ ئارىلىقىغا جايلاشقان دۆلەت. ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن سىرت تاسمانىيە ئارىلى ۋە باشقا ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر مەيدانى 7 مىليون 682 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، غەربتىن شەرققە ئۇزۇنلۇقى 4000 كىلومېتر، شىمالدىن جەبۇبقا كەڭلىكى 3150 كىلومېتر كېلىدۇ. ئاۋسترالىيىنىڭ يەر ۋەزىيىتى پەس، ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 350 مېتر ئەتراپىدا كېلىدۇ. بىراق ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ شەرق، شەرقىي جەنۇبىي زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ شەرق، شەرقىي جەنۇبىنى تاغلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. بۇ تاغلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 800-1000 مېتر ئەتراپىدا، ئەڭ ئېگىز ئاۋسترالىيە ئالىپ تېغىدىكى كوسيوشكو چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2234 مېترغا يېتىدۇ. ئاۋسىترالىيەدە ئېگىزلىكى 2000 مېتردىن ئېگىز بولغان تاغلىقلار پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ % 0.8 نى ئىگىللەيدۇ. ئاۋسترالىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا ئېگىزلىكلەر، قۇملۇقلار، پاكار تاغلىقلار جايلاشقان. بۇ ئورۇنلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى كۆپىنچە 200-500 مېترغىچە كېلىدۇ، ئايرىم جايلىرى 1000 مېترغا يېتىدۇ. بۇ جايدا تاغلىقلارنى ئوراپ تۇرغان قۇملۇقلار بار. ئاۋسترالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا تۈزلەڭلىك ۋە ئويمانلىقلار جايلاشقان، بۇ شىمالدا كارپىنتارىيە قولتۇقىدىن جەنۇبقا قاراپ تاكى جەنۇبىي ئاۋسترالىيە قولتۇقىغا قەدەر سوزۇلىدۇ. بۇ جايلارنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىقرى دېڭىز يۈزىدىن 200 مېتردىن تۆۋەن تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېركولى ئەتراپى دېڭىز يۈزىدىن 12 - مېتر پەس تۇرىدۇ. ئاۋسترالىيىدە دېڭىز يۈزىدىن 6000 مېتردىن پەس بولغان ئورۇنلار پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ% 95 نى، دېڭىز يۈزىدىن بولغان ئورۇنلار پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 95%نى، دېڭىز يۈزىدىن 600-2000 مېترغىچە ئورۇنلار % 4.2نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاۋسترالىيىنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرى تروپىك، سۇبتروپىك بەلباغقا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ھاۋاسى ئىسسىق، كۆپ ئورۇنلىرى قۇرغاق كېلىدۇ. بىراق ئۇنىڭغا تەسىر قىلىدىغان ھاۋا ئېقىملىرىنىڭ خاراكتېرى، ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ يەر شەكلى پەرقلىق بولغانلىقتىن ئىقلىمىدىمۇ زور پەرق بار. ئۇنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېگىزلىكلەر بىلەن ئىچكى قىسمىدىكى قۇملۇق رايونلار تروپىك قۇملۇق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. بۇ ئورۇنلارنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىنى 100-300 مىللىمېترغا يېتىدۇ. شىمالدىكى يېرىم ئارال قىسمى بىلەن دېڭىز قىرغاق رايونلىرى تروپىك ساۋاننا ئىقلىم بەلبېغىغا كىرىدۇ، بۇ جايلارنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000-2300 مىللىمېترغا يېتىدۇ، بۇ دۆلەت بويىچە ئەڭ كۆپ ھۆل - يېغىنلىق رايون ھېسابلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئاۋسترالىيە ئالىپ تاغلىرى بىلەن تاسمانىيە ئارىلى مۆتىدىل بەلباغ كەڭ يوپۇرماقلىق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، بۇ جايلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 500-1200 مىللىمېترغا يېتىدۇ، مۇرى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى يېرىم ئارال بىلەن ئاراللار ۋە ئاۋسترالىيىنىڭ غەربىي جەۇب بۇرجىكى قىشلىقى يىلىق، كۆپ يامغۇرلۇق يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، بۇ جايلارنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 500-1000 مىللىمېترغا يېتىدۇ. ئاۋسترالىيىنىڭ ئاھالىسى 15 مىليون 507 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). بۇنىڭ % 95 نى ئاق تەنلىكلەر، (مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى) تەشكىل قىلىدۇ، قالغىنىنى يەرلىك خەلقلەر (160 مىڭدىن ئاشىدۇ)، خەنزۇلار (150 مىڭدىن ئاشىدۇ) ۋە باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ، شەھەر ئاھالىسى 4/5 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ % 98 ى خرىستىئان دىنىغا، ئاز قىسمى يەھۇدى، ئىسلام، بۇددا دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاۋسترالىيە مەمۇرىي جەھەتتىن يېڭى جەنۇبىي ئوئېلىس، كۋىسىلېند، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە، تاسمانىيە، ۋىكتورىيە، غەربىي ئاۋسترالىيىدىن ئىبارەت ئالتە شتات ۋە شىمالدىكى ئاپتونومىيە رايونى بىلەن پايتەختكە بىۋاسىتە قاراشلىق رايونى ھەم تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكياندىكى بىر قانچە ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاۋسترالىيە دۇنيادا كىشىلەرگە كېيىن مەلۇم بولغان قۇرۇقلۇق، 1605 - يىلى ئىسپانىيىلىك تورىس جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان پېرودىن غەربكە قاراپ يولغا چىقىپ، 1606 - يىلى ئاۋسترالىيىنىڭ ھازىرقى يورك يېرىم ئارىلىغا كەلگەن. ئۇ بۇ جاينى <ئاۋسترالىيە> دەپ ئاتىغان. 1606 - يىلى گوللاندىيىلىك ۋىللېم يانىس ئاۋسترالىيە قۇرۇقلۇقىغا كېلىپ بۇ جايغا <يېڭى گوللاندىيە> دەپ نام بەرگەن. 1770 - يىلى ئەنگىلىيىلىك كۇك يېڭى زېللاندىيىدىن يولغا چىقىپ، كۇك بوغۇزىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئاۋسترالىيىگە كەلگەن. ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىنىڭ كۆپى بۈك - باراقسان ئورمانلار بىلەن قاپلانغانلىقى ئۈچۈن، بۇجايغا ئورمالىق قولتۇق دەپ نام بەرگەن. 1788 - يىلى ئەنگلىيە بىرىنچى تۈركۈم ئېرلاند، شوتلاند، ئىنگلىز مىللەتلىرىدىن بولغان جىنايەتچىلەرنى ئاۋسترالىيىنىڭ جاكسۇن قولتۇقى (ھازىرقى سېندنى شەھىرى يېنىدىكى قولتۇق)، ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ جايدا ئاۋسترالىيە بويىچە بىرىنچى شەھەر سېندنى شەھىرىنىڭ ئاساسىي بارلىققا كەلگەن. 1851 - يىلى مىلبورىن ئەتراپىدا ئالتۇن تېپىلغاندىن كېيىن ياۋروپالىقلار تېز كۆپىيىشكە باشلىغان. ئون يىلدىن كېيىن ئاۋسترالىيىنىڭ ئاھالىسى كۆپىيىپ بىر مىليون 68 مىڭغا يەتكەن. 1900 - يىلى 7 - ئايغا كەلگەندە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قارار ماقۇللاپ ئاۋسترالىيىدىكى ئالتە مۇستەملىكىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاۋسترالىيە بىرلەشمىسى قىلىپ قۇرۇپ چىققان. 1931 - يىلى ئاۋسترالىيىگە ئەنگلىيە دائىرىسىدە ئىچكى، تاشقى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەرگەن. 1972 - يىلى 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى دۆلىتمىز بىلە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئاۋسترالىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت. ئىقتىسادىدا سانائەت، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئاۋسترالىيىدە سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زۆرۈر بولغان كان بايلىقلىرىنىڭ تۈرى، زاپىسى ناھايىتى مول. ئۇنىڭ تۆمۈر، ئاليۇمىن توپىسى، مارگانتېس، نېكىل، ئوران، كۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، سېنك قاتارلىق كان بايلىقلىرى دۇنيادا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. سانائىتىدە پولات - تۆمۈر، مېتالۇرگىيە، ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، ماشىنىسازلىق، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، نېفىت ئايرىش، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئاۋسترالىيە دۇنيادا قوي ئەڭ كۆپ بېقىلىدىغان، قوي يۇڭى ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت. ئۇ جايدا بېقىلىۋاتقان كالىمۇ 30 مىليوندىن ئاشىدۇ، كالا گۆشى ئېكسپورتىدا دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا چوشقا، ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. ئاۋسترالىيىدە شۇ جاينىڭ ئۆزىگە خاس خالتىلىق ھايۋانلىرى كۆپ. توشقان يېزا ئىگىلىكىدىكى مۇھىم ئاپەت ھېسابلىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا ئاساسلىق بۇغداي ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شال، كۆممىقوناق، ئارپا، قۇناق شېكەر قۇمۇشى، پاختا، ھەرخىل مېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاۋسترالىيە دۇنيادا ئاتالىق بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئاۋسترالىيىنىڭ پەن - مەدەنىيەت، قاتناش، ترانسپورت، ساياھەتچىلىك ئىشلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئاۋسترالىيەنىڭ تولۇق نامى <ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسى> بولۇپ، تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبى بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىسىغا جايلاشقان، ئاۋستىرالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە تاسمانىيە قاتارلىق ئاراللاردىن تۈزۈلگەن. دۆلەت نامى لاتىن تىلى Australia دىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <جەنۇبتىكى جاي>. تەخمىنەن مىلادى 150 - يىلى، گرىتسىيە جۇغراپىيە ئالىملىرى جەنۇبىي يېرىم شاردا بىر پارچە يەر بالىقىنى بايقىغان ۋە تەسەۋۇردىكى بۇ زېمىننى <ئېنىقلانمىغان جەنۇبىي چوڭ قۇرۇقلۇق> دەپ ئاتىغان. 1531 - يىلى فرانسىيە خەرىتىشۇناسى ئوللىنىس. فنامۇ ئۆزى سىزغان دۇنيا خەرىتىسىدە جەنۇبتا بىر چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۇر قىلىپ، ئۇنى Australia Terra دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ مەنىسى جەنۇبتىكى قۇرۇقلۇق<، 1605 - يىلى گوللاندىيىلىك ۋىليام يانىز تۇنجى بولۇپ ئاۋستىرالىيىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېتىپ كەلگەن، لېكىن ئۇ بۇ جاينىڭ دەل ئاشۇ جەنۇبتىكى چوڭ قۇرۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن. 17 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ كېمىسى ۋە خادىملىرى كۆپ قېتىم ئاۋستىرالىيىنىڭ غەربى دېڭىز قىرغاقلىرىغا كەلگەن، ئۇلار غەربى دېڭىز قىرغىقىنى يېڭى گوللاندىيە ( New Holland) دەپ ئاتىغان. 1769 - يىلى، ئەنگلىيىلىك بىر كاپىتان ئۆزىنىڭ ئاۋستىرالىيە دېڭىز قىرغىقىدىكى قاتناپ باققان شەرقىي جەنۇب ۋەشەرقىي قىسىم قولتۇق رايونلىرىنى يېڭى جەنۇبىي ئوئېلىس دەپ ئاتىغان، 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرى، باشقا بىر كاپىتان مارىئو - فېلىنگى ئاۋستىرالىيىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىن ئاۋستىرالىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ۋە شەرقىي قىسىم دېڭىز قولتۇقى رايونلىرىغا بارىدىغان بىر ئۈزۈلمەس جەنۇبىي دېڭىز لىنىيىسىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئاندىن ئاۋستىرالىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ۋە شەرقىي قىسىم دېڭىز قولتۇقى رايونلىرىغا بارىدىغان بىر ئۈزۈلمەس جەنۇبىي دېڭىز لىنيىسىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئاندىن ئاۋستىرالىيىنىڭ بىر پارچە چوڭ قۇرۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. ئۇ 1814 - يىلى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى >جەنۇبتىكى چوڭ قۇرۇقلۇق سەپىرى< ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇپ، بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنى چوقۇم ئاۋستىرالىيە دەپ ئاتاش كېرەكلىكىنى تەكلىپ قىلغان. بۇ نام لاتىنچە austrolis سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى >جەنۇبتىكى جاي<. 1817 - يىلى ماگوللېي ۋالى بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلغان. شۇندىن ئىتبارەن ئاۋستىرالىيە ئاندىن ھۆكۈمەت تەرەپ رەسمىي قوللىنىدىغان نامغا ئايلانغان. 1901 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي ھالدا >ئاۋستىرالىيە فېدېراتسىيىسى< تەشكىللەنگەن. ھازىر ئەنگلىيە ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى قوشۇمچە ئاۋستىرالىيىنىڭ دۆلەت باشلىقى. ئاۋستىرالىيىنىڭ يەر مەيدانى 7.6823 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 17 مىليون 700 مىڭ. كۆپىنچىسى ئەنگلىيە كۆچمەنلىرىنى ئاساس قىلغان ياۋرۇپالىقلار بولۇپ، ئۇندىن باشقا ھىندىلار، خەنزۇلار، تۈركلەر بار. ئاھالىنىڭ 86%ى خرىستىئان دىنىغا، % 5ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. يەھۇدىلار 67 مىڭ، مۇسۇلمانلار 50 مىڭ، خەنزۇلار 300 مىڭ ئەتراپىدا. ئىنگلىز تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى كانبېررا، پۇل بىرلىكى ئاۋستىرالىيە دوللىرى. ئاۋسترىيىنىڭ ھازىرقى دۆلەت بايرىقىدىكى قىزىل، ئاق رە قىزىل بەلدەمنىڭ بارلىققاكېلىشى ھەققىدە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر تارىخى رىۋايەت ئاجايىپ تۈسكە ئىگە قىلىدۇ؛ ئەھلسەلىپ ئۈچۈنچى قېتىم ئۇزاققا يۈرۈش قىلىش سەپىرىدە ئاۋسترىيىنىڭ گېرتسوگى بابىنبو بىلەن ئەنگلىيە پادىشاھى چارلېس Ⅰقانلىق جەڭ ئېلىپ بارغاندا، گېرتسوگىنىڭ ئاپئاق ھەربىي كىيىمى قان بىلەن بويىلىپ كېتىپ، پەقەت مۈرە پاگون قىسىمىلا ئاق قالغان. گېرمانىيە پادىشاھى ئۇنىڭ باتۇرانە تۆھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن مۈرە پاگونىنىڭ رەسىمىنى ئىزناك ئورنىدا ئاۋستىرىيەگېرتسوگى بابىنىبو ھەزرەتلىرىگە تەقدىم قىلغان. 1919 - يىلى، ئاۋستىرىيە قىزىل ، ئاق ۋە قىزىل بەلدەملىك دۆلەت بايرىقىنى رەسمىي تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى ساداقەتلىك ۋە باتۇرلۇقنىڭ سىمۋوقى دەپ قارىغان. دۆلەت گېربى ئاساسلىقى بىر ئېسىل سۈپەت قارا ئاۋستىرىيە بۈركۈتىدىن تەركىب تاپقان، بۈركۈتنى ئاۋستىرىيە دۆلەت گېربى ئورنىدا ئىشلەتكىنىگە 900 يىللىق تارىخغا ئىگە. 14 - ئەسىردە ئاۋستىرىيە ۋىزانتىيىچە ئىككى باشلىق بۈركۈتنىڭ رەسىمىنى قوللانغان بولۇپ، بۈركۈتنىڭ ئېچىلغان ئىككى قانىتىنى دۆلەتنىڭ بخەتەرلىكىنى ئۆزىنىڭ قانات ئاستىغا ئېلىپ قوغدىغانلىقىغا سىمۋول قىلغان. 1918 - يىلى ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيسى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە پادىشاھى فرېدرىچ Ⅱ نىڭ بىر باشلىق بۈركۈتنىڭ سۈرىتىنى دۆلەت گېربىگە ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. بۈركۈتنىڭ بېشىدىكى ئۈچ بارماق شەكىلىدىكى ئالتۇن تاج بىلەن ئىككى قولىدىكى ئورغاق ۋە بولقا ئايرىم - ئايرىم خەلق ئارىسىدىكى ئوتتۇرا بۇرژۇىئازىيە، دېھقانلار ۋە ئىشچىلارغا ۋەكىللىك قىلىنغان. 1938 - يىلى، گېرمانىيە ئاۋسترىيىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ سىمۋولى بولغان بۈركۈتنىڭ سۈرىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1945 - يىلى، گېرمانىيىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇشى، ئاۋسترىيىنىڭ ئازاد بولۇشىغا ئەگىشىپ بىر باشلىق بۈركۈت قايتىدىن دۆلەت گېربىدە پەيدا بولغان، بۈركۈتنىڭ قولىدىكى ئۈزۈلگەن زەنجىر، ئاۋسترىيىنىڭ گېرمانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، قايتىدىن ئەركىنلىككە ئېرشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۈركۈتنىڭ كۆكسىگە ئاۋسترىيە دۆلەت بايرىقى قالقانسىمان رەسىم قۇشۇلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر