UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرسلوۋاكىيە

سلوۋاكىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا ئابرويلۇق مىللەت سلوۋاكىيىنىڭ تولۇق نامى <سلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، سابىق چېخ ۋە سلوۋاكىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق ئىككى ئەزا دۆلەتنىڭ بىرى، شۇ جايدىكى سلاۋيان تىل ئائىلىسىدىكى سلوۋاكلار (Slovak) نىڭ نامىدا ئاتالغان. slovene, Slav قاتارلىق مىللەت ناملىرىغا ئوخشاشلا ھەممىسى سلاۋيان تىلىدىكى Slava سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <ئاتاق - ئابروي>، يەنى <ئابرويلۇق مىللەت> دېگەنلىك بولىدۇ؛ ياكى سلاۋيان تىلىدىكى Slovo سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <يېزىق> يەنى <ئوخشاش بىر خىل يېزىق ئىشلىتىدىغان مىللەت> بولىدۇ، مىلادى 5 - 6 - ئەسىرلەردە سلاۋيانلار غەربكە كۆچۈپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ، 623 - يىلى سام كېنەزلىكنى قۇرغان. 818 - يىلى يەنە بۈيۈك موراۋىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان، 1918 - يىلى بۇ جايدىكى ئاساسلىق ئىككى مىللەت - چېخ ( Czechs) ۋە سلوۋاك ( Slovaks) ئورتاق چېخسوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، 1992 - يىلى 6 - ئايدا چېخسلوۋاكىيە دۆلەتلىك ئۇمۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈپ، چېخ <گراژدانلار دېمۇكراتىك پارتىيىسى> ۋە سلوۋاكىيە <دېمۇكراتىك سىلوۋاكىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى> ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىسىگە ئايلىنىدۇ. ئارقىدىن ئىككى پارتىيە دۆلەت تۈزۈلمىسى مەسىلىسىمۇ كۆپ قېتىم كېڭەش قىلىپ، ئىككىلا تەرەپ فىدراتىپ دۆلەت تۈزۈلمىسى مەسلىسىدە پرىنسىپال ئىختىلاپ مەۋجۇت دەپ تونۇپ، ئەڭ ئاخىرى فېدىراتسىيىسىنى پارچىلاپ، دۆلەتنى ئىككىگە ئايرىش كېلىشىمىنى ئىمزالايدۇ. شۇ يىلى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چېخوسلوۋاكىيە فېدېراتىپ پارلامېنتى <چېخ ۋە سلوۋاكىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى پارچىلىنىش قانۇنى> نى ماقۇللاپ، چېخ ۋە سلوۋاكىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى 1992 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئۆزلىكىدىن پارچىلىنىدۇ دەپ قارار قىلىپ، 1993 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سىلوۋاكىيە ۋە چېخ جۇمھۇرىيەتلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىغان. سىلوۋاكىيەنىڭ يەر مەيدانى 49.036 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 5 مىليون 310 مىڭ. سلوۋاكلار % 85.6نى، قالغان ۋېنگىر، چېخ قاتارلىقلار 14%نى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى بۇرادىسلاف، پۇل بىرلىكى كورونا. سلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى 1992 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا چېخ - سلوۋاكىيە بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ چىققان يېڭى دۆلەت. سلۇۋاكلار بىلەن چېخلارنىڭ مىللەت مەنبەسى يېقىن بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى غەربىي سلاۋىيان مىللىتىنىڭ تارمىقىدۇر. 9 - ئەسىردىلا سلوۋاكىيىدە پربېن كىنەزلىكى قۇرۇلۇپ كېيىن بۇخېمىيە، موراۋىيە بىلەن بىرلىشىپ بۈيۈك موراۋىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. 10 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ماجارلار دوناي ۋادىسىغا بېسىپ كىرگەندە بۈيۈك موراۋىيە ئىمپېرىيىسى بەربات بولغان بولۇپ، سلوۋاكىيە بىلەن بۇخېمىيە ئايرىلىپ، ۋېنگرىيىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغان. 1918 - يىلىغا كەلگەندەئاندىن چېخ بىلەن چېخ - سلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە فاشسىتى سلوۋاكىيە بىلەن چېخنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مىللي پەرق بىلەن زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، < ئايرىپ ئىدارە قىلىش> ستراتېگىيىسىنى قوللىنىپ سلوۋاكىيىنى < مۇستەقىل دۆلەت > دەپ ئېلان قىلغان. 1945 - يىلى مايدا چېخ - سلوۋاكىيە تولۇق ئازاد بولۇپ، ئورتاق دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1992 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا چېخ ـ سلوۋاكىيە بىرلەشمىسى پارچىلىنىپ سلوۋاكىيە رەسمىي مۇستەقىل بولغان. دۆلەت بايرىقىغا سلاۋىيان مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئاق، كۆك ۋە قىزىل رەڭنى ئىشلەتكەن. بايراق ئۈستىدىن ئاستىغىچە ئاق، كۆك ۋە قىزىل رەڭدىكى توغرا بەلدەمدىن تەركىب تاپقان، دەل ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربى سىزىلغان. بۇ بايراق سلاۋىيان مىللىتىگە خاس مەدەنىيەت، تارىخ، ئەنئەنە ۋە سلاۋىيان مىللىتىنىڭ ئۆلمەس روھىنى نامايان قىلغان. دۆلەت گېربى قالقانسىمان بولۇپ، رەڭگى دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش. قالقاننىڭ يۈزىگە كۆك چوققىدا تىك تۇرغان بىر ئاق كرېسىت سىزىلغان بولۇپ، ناھايىتى روشەن گەۋدىلەندۈرگەن. تاغ چوققىسى تاترى تېغىنى بىلدۈرۈپ، سلوۋاكىيە خەلقىگە سىمۋول قىلىنغان. ئېسكوپ پورتېنې كىېسىت سلاۋىيان مىللىتىنىڭ پروۋسلاۋىيە دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلىقىنىڭ مۇقەددەس بۇيۇمى بولۇپ، خەلقنىڭ ئەركىنلىككە بولغان قەتئىي ئىنتىلىشىنى نامايەن قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر