UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرئىراق

ئىراق

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا ئەرەبلەرنىڭ <قان تومۇرى> غەربىي ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 438 مىڭ 446 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنى تۈزلەڭلىك، ئۇششاق كۆللەر، سازلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن غەربىي ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ تىگىر، ئېفرات دەريالىرى كېسىپ ئۆتىدۇ، دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان جايىدا بىرلىشىپ، ئەرەب دەرياسىنى ھاسىل قىلىپ پېرسىيە قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. ئىراقنىڭ شەرقىي قىسمىدا زاگروس تاغلىرىنىڭ بىر قىسمى ئورۇن ئالغان بولۇپ، يەر ۋەزىيىتى ئېگىزرەك، غەربىي جەنۇبىدا ئەرەب ئېگىزلىكىنىڭ بىر قىسمى، سۈرىيە چۆللۈكلىرىنىڭ داۋامى ئورۇن ئالغان. دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى ماتېرىك خاراكتېرلىك قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يازلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃32-℃34، قىشلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شىمالىي قىسىملىرىدا ℃7، جەنۇبتا ℃11 بولىدۇ. تۆت پەسىل بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 152 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاغلىقلاردا كۆپرەك بولۇپ، 700-800 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. بۇ جايلار ھەرخىل ئوت - چۆپلەر ۋە ئورمانلار بىلەن قاپلانغان. ئىراقنىڭ ئاھالىسى 14 مىليوندىن ئاشىدۇ (1984)، بۇنىڭ %79 نى ئەرەبلەر، %20نى كۇردلار، قالغىنىنى ئىرانلىقلار (پارس)، تۈركلەر، ئەرمەنلەر، ئاسۇرلار، يەھۇدىلار تەشكىل قىلىدۇ. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىنىڭ 96% ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار سۈنئىي مەزھىپى (%36) بىلەن شىئە مەزھىپىگە (%96) ئايرىلىدۇ. ئىراق ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دۆلەت. ئۇ كېيىنكى دەۋرلەردە پرسىيىلىكلەر، ماكېدونىيىلىكلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 7 - ئەسىردە ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. 17 - ئەسىردىن باشلاپ ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1920 - يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىدا بولغان. 1921 - يىلى 8 - ئايدا مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1958 - يىلى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئىراق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئىراق ئىقتىسادتا نېفىت سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقىمۇ خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كىشى بېشىغا تەقسىملىنىشى 3629 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. نېفىت ئۇنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسىي كىرىم مەنبەسى، ئۇنىڭ نېفىت زاپىسى مول بولۇپ، غەربىي ئاسىيادا سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، ئىرانلاردىن قالسا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىتنىڭ كۆپ قىسمى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. نېفىت ئايرىش، نېفىت - خىمىيە سانائەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلغان. ئاساسلىق نېفىت ئايرىش، نېفىت - خىمىيە سانائەت ئورۇنلىرى باسىدا، كىركۇكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ شەھەرگە مەركەزلەشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، سېمونت، تاماكا قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، قارا بۇغداي، ئارپا، شال، كېۋەز، تاماكا، مۆتىدىل بەلباغ مېۋىلىرى، خورما ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇغداي، ئارپىنىڭ تېرىلغۇ مەيدانى پۈتۈن تېرىلغۇ يېرىنىڭ% 80 نى ئىگىلەيدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. ئىراق دۇنيادا خورمىنى ئەڭ كۆپ ئۆستۈرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ خورما ئېكسپورتى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. يىلىغا ئېكسپورت قىلىدىغان خورمىسى 300 مىڭ توننىدىن ئوشۇق بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى خورما ئېكسپورتىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. چارۋىچىلىقتىن كۆپرەكى دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئاساسلىق كالا، قوي، ئات قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. ئىراقنىڭ تولۇق نامى <ئىراق جومھۇرىيىتى> بولۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلى، كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلى ۋە ئىران ئېگىزلىكلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھەر خىل قاراشلار بار: بىرىنچى، ئەرەب تىلىدا ئىراقنىڭ مەنىسى <تىك قىيا> بولىدۇ.ئىراق مىسسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان، بىراق تۈزلەڭلىكنىڭ غەربىي جەنۇبىي چېتى بىلەن ئەرەب قۇملۇقى تۇتاشقان جايدا ئېگىزلىكى يەتتە مېتىر چامىسىدا ھاك تاشلىق قىيالار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ئۇزۇن بىر بۆلىكى ئېفرات دەرياسى بىلەن بىر پاراللېل. بۇ قىيا تاشلار تۈزلەڭلىك بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان بولۇپ، كشىلەر شۇڭا بۇ رايونلارنى <ئىراق> دەپ ئاتىغان ھەم دۆلەت نامى قىلغان؛ ئىككىنچى، ئەرەب تلىدا <ئىراق> سۆزى <قان تومۇر> دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى دەجلە، ئېفرات دەريالىرى ۋە ئۇلار بىرىكىپ ھاسىل قىلغان ئەرەب دەرياسىدىن تۇتىشىپ ھاسىل بولغان سۇ تورى قەدىمدە ئىراقنىڭ مۇنبەت تۈزلەڭلىكىدە ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرىغا ئوخشاش شەكىلدە يېيىلىپ تۇرغاچقا، قەدىمكى ئەرەبلەر بۇ يەرنى ئىراق دەپ ئاتىغان؛ ئۈچىنچى، يەرلىك خەلىقلەر ئىنتايىن بۇرۇنلا ئىشلەتكەن يەر نامى <ئىراق ئەرەبى> نىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن ئېلىنغان بولۇپ، <ئىراق> سۆزىنى ئېلىپ ئېيتساق ئۇنىڭ <ئويمانلىق>، <تېرىلغۇ يەر> دېگەن مەنىلىرى بر، بۇ رايوننىڭ شىمالىدا ئەرمىنىيە ئېگىزلىكى سوزۇلۇپ ياتقاچقا، غەربىنى ئاران 100 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى 600 كىلومېتىر بولغان تار ھەم ئۇزۇن ئىراق (<ئويمانلىق> مەنىسىدە) نى شەكىللەندۈرگەچكە، مۇشۇ نامدا ئاتالغان، ئىراق دۇنيا قەدىمكى زامان مەدەنىيتى بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادىدىن 4700 يىل بۇرۇندىن باشلاپ شومېر سۇلالىىس، بابىلون شاھلىقى، ئاسسورىيە ئىمپېرىيىسى ۋە كېيىنكى بابىلون شاھلىقى قاتارلىق دۆلەتلەرنى قۇرغان. كېيىن پارىس ئىمپېرىيسىگە قوشۇۋېلىنغان، 7 - ئەسىردە ئەرەب ئىمپېرىيسىگە قوشۇۋېتىلگەن، 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان، 1920 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىدىكى دۆلەت بولۇپ قالغان. 1921 - يىلى 8 - ئايدا مۇستەقىل ئىراق شاھلىقى قۇرۇلغان، 1958 - يىلى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئىراق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. ئىراقنىڭ يەر مەيدانى 438.446 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر،ئاھالىسى 20 مىليون. بۇنىڭ % 80ى ئەرەب، % 18ى كوردلار، قالغىنى تۈركلەر ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىنىڭ % 40 ى شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب تىلى ھۆكۈمەت تىلى. پايتەختى باغداد. پۇل بىرلىكى دىنار. ئىراقنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، قەدىمكى مەدەنىيەت بۆشۈكىنىڭ بىرى بولغان ئېفرات دەرياسى بىلەن دەجلە دەرياسىدىن باشلىنىدۇ. مىلادىيدىن 2000 يىل بۇرۇن بابلۇن خاندانلىق دۆلىتى قۇرۇلۇپ، كېيىن ئەرەب ئىمپېرىيسىگە قوشۇۋېتىلگەن. 1918- يىلى ئەنگىليە ئىراقنى تۈركىيلىكلەرنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان ھەمدە شاھزادە فايسالنى تەختكە چىقىرىپ، ئىراق جۇمھۇرىيتىنى قۇرغان. 1958- يىلى جۇمھۇرىيەتلىك تۈزۈمگە ئۆزگەرتىلىپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇغان. 1963- يىلى ئىيۇلدا ئىراق گۈللنىش پارتىيسى سىياسىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر پارتىيە ئاساس قىلغان ھاكىميەتنى قۇرۇپ، يېڭى دۆلەت بايرىقىنى تۈرۈپ چىققان. ئىراقنىڭ دۆلەت بايرىقى قىزىل، ئاق ،قارا ۋە يېشىلدىن ئىبارەت تۆت خىل پان ئەرەب رېڭى بولۇپ، ئىراقنىڭ باشقا ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان ئىتپاقىنى بىلدۈرگەن، قىزىل رەڭ دەھشەتلىك جاسارەت ۋە شىجائەتكە سىمۋول قىلنغان، . ئاق رەڭ ئىراقلىقلارنىڭ كەڭ قارنى- كۆكسىنى بىلدۈرگەن، قارا رەڭ ئىسلام غەلبىسىگە بولغان مەدھىيىسى بولۇپ، ئۈچ تال يېشىل بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز ئىراقنىڭ ئەركىنلىك ۋە بىرلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر. 1990- يىلى دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىراق زۇڭتۇڭى سادام ئىراقلىقلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، دۆلەت بايرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ تال بەش بۇرجەكلىك يېشىل يۇلتۇزنىڭ ئارىلىقىغا ئەرەبچە < ئاللاھۇ ئەكبەر> دېگەن خەتنى قوشۇشق بۇيرۇق قىلغان. ئىراق دۆلەت گېربىدىكى سالاھىدىن شۇڭقىرى 12- ئەسىردىكى ئىسلام غازاتىدا مۇسۇلمانلارنى ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشقا قارشى تۇرۇشقا قارشى رەھبەرلىك قىلغان كۇردلارنىڭ داھىيسىغا بېغىشلانغان خاتىرە بۇيۇمىدۇر. قانات قېقىپ تۇرغان ھەيۋەتلىك شۇڭقارنىڭ كۆكسىدە دۆلەت بايرىقىنىڭ رەسمىي بار قالقان بۇلۇپ، ۋەتەننىڭ مەڭگۈ ئىراقلىقلارنىڭ قەلبىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى يېشىل بېزەككە ئەرەبچە < ئىراق جۇمھۇرىيىتى> دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر