UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرزىمبابۋى

زىمبابۋى

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا تاش شەھەر ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. يەر مەيدانى 389 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، %80 يېرى دېڭىز يۈزىدىن 600 مېتىردىن ئېگىز بولغان ئېگىزلىكلەردىن ئىبارەت. دۆلەتنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى دېڭىز يۈزىدىن 2592 مېتىر كېلىدۇ. دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمىدىن زەمبېزى دەرياسى، جەنۇبىدىن لىمپو دەرياسى بىلەن سابى دەريالىرى ئېقىپ ئۆتىدۇ. ئىقلىمى تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ھۆل يېغىنى غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى 300 مىللىمتېردىن شەرقىي شىمالغا قاراپ كۆپىيىپ 1250 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. بىر يىلدا سالقىن پەسلى، ئىسسىق پەسلى، ھۆل - يېغىن پەسلى دەپ ئۈچ پەسىلگە بۆلۈنىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃27 قا يېتىدۇ. زىمبابۋېنىڭ ئاھالىسى 7 مىليون 730 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). ئاھالىنىڭ% 95 نى بانتو تىل سىستېمىسىدىكى ماشونا، ماتابېلى مىللەتلىرى،% 4.5 نى ئاق تەنلىكلەر، قالغىننى ئاسىيالىقلار تەشكىل قىلىدۇ. خەلقنىڭ كۆپى ئىپتىدائىي دىنلارغا، ئاز قىسمى كاتولىك ۋە خرىستىئيان دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. زىمبابۋې رايونىغا ياۋروپالىق مۇستەملىكىچىلەر بېسىپ كىرىشتىن ئىلگىرى يەرلىك بانتو خەلقلىرى شۇ جايلاردا دۆلەت قۇرغان. 1890 - يىلى ئەنگلىيىلىكلەر بېسىپ كىرگەندىن كېيىن بۇ جاينىڭ نامىنى <جەنۇبىي رودېزىيە> دەپ ئۆزگەرتكەن. 1923 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئاپتونومىيە بولغان. 1953 - يىلى <ئوتتۇرا ئافرىقا ئىتتىپاقى> نىڭ بىر قىسمى بولغان. 1965 - يىلى يەرلىك ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1980 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى زىمبابۋې جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1980 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. زىمبابوې ئافرىقا بويىچە كان بايلىقى مول، كان سانائىتىنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىدا كان سانائىتىنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى جەھەتتە جەنۇبىي ئافرىقىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ كۆمۈر، تۆمۈر، خروم، ئالتۇن، تاشپاختا، لىتىي، ۋولفرام، مىس، ئۇران قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. بۇنىڭ ئىچىدە تاشپاختا مەھسۇلاتى بىرىنچى ئورۇندا، ئالتۇن مەھسۇلاتى 6 - ئورۇندا، خروم مەھسۇلاتى 5 ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ كان سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 10/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. كان مەھسۇلاتىنىڭ% 90 نى ئېكسپورت قىلىدۇ. زىمبابۋېنىڭ باشقا خىل سانائەتلىرىمۇ ئافرىقا بويىچە خېلى تەرەققىي قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە پولات - تۆمۈر، ماشىنىسازلىق، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، ئېلېكتېر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەتلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. زىمبابۋېنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىنى ئاق تەنلىكلەر كونترول قىلىۋالغان. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق تاماكا، كۆممىقوناق، تېرىق، بۇغداي، چاي، شېكەر قومۇشى، خاسىڭ، كېۋەز قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تاماكا، كۆممىقوناق، ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قامدىيالايدۇ. زىمبابۋېنىڭ تولۇق نامى <زىمبابۋې جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان، دۆلەت نامى بۇدۆلەت تەۋەسىدىكى مەشھۇر قەدىمكى تاش قۇرۇلۇشلىرى توپى خارابىسىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، چوڭ زىمبابۋې دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسى 1868 - يىلى بايقالغان، ئافرىقىدىكى بانتۇ تىل سىستېمىسى سونا تىلىدا <زىمبابۋې> نىڭى مەنىسى <تاش شەھەر> بولۇپ، يەنە باشقىچە چۈشەندۈرۈشلەردە ئۇنىڭ مەنىسىنى <قەبىلە باشلىقىنىڭ تۇرالغۇسى>، <قەبىلە باشلىقىنىڭ قەبىلىسى>، <باي كان> بولىدۇ دېيشىدۇ. تاش قۇرۇلۇشلىرى توپى تەخمىنەن مىلادى 8 -- 10 - ئەسىرلەردە قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ چاغلاردىكى شەرقىي ئافرىقا مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. 13 - ئەسىردە چوڭ زىمبابۋې يەنە كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ قۇرۇلغان. 14 - ئەسىردە ئۇنى ئافرىقىدىكى قۇدرەتلىك بىر قەبىلە ئىگىلىۋالغان بولۇپ، قەبىلىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى بولغان. كېيىنچە، ئۇرۇش تالاپەتلىرى ۋە ئېنىق بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، چوڭ زىمبابۋې تەدرىجىي خارابلىشىپ تاشلىنىپ قالغان، 1890 - يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىسى رودېز ( 1853 - 1902) قۇرغان ئەنگلىيە جەنۇبى ئافرىقا شىركىتى بۇ جاينى بېسىۋالغان، 1895 - يىلى مۇستەملىكچىلەر رودېزنىڭ ئىسمىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، زامبېزى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بۇ رايونلارنى جەنۇبىي رودېزىيە دەپ ئاتىغان، 1923 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرى جەنۇبىي رودېزىيە، شىمالىي رودېزىيە (يەنى زامبىيە) ۋە نىئازىلاند (يەنى مالاۋى) لارنى بىرلەشتۈرۈپ <ئوتتۇرا ئافرىقا فېدېراتسىيىسى> نى قۇرۇپ چىققان. 1963 - يىلى ئۈچ دۆلەت خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى ئاستىدا فېدېراتسىيە تارقىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1964 - يىلى 10 - ئايدا جەنۇبىي رودېزىيىدىكى ئاق تەنلىكلەر ھاكىمىيىتى جەنۇبىي رودېزىيىنى <رودېزىيە> گە ئۆزگەرتكەن. 1970 - يىلى رودېزىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان. 1979 - يىلى 5 - ئايدا دۆلەت نامى زىمبابۋې رودېزىيە دەپ ئاتىلىپ، شۇ يىلى 8 - ئايدا مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقنىڭ جاراھەتلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن، <رودېزىيە> نى ئېلىۋېتىشنى جاكارلىغان. 1980 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىنىپ، دۆلەت نامى زىمبابۋې جۇمھۇرىيىتى قىلىپ بېكىتىلگەن. زىمبابۋېنىڭ يەر مەيدانى 390.8 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 10 مىليون 600 مىڭ، بۇنىڭ% 95ى بانتۇ تىل سىستېمىسىدىكى قېرىنداش خەلقلەر، ئۇندىن باشقا ئاق تەنلىكلەر 40 مىڭغا يېتىدۇ. كۆپىنچە ئاھالە ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى سالسبۇرى، پۇل بىرلىكى رودېزىيە دوللىرى. 1890 - يىلى، زىمبابۋىنى ئەنگلىيە ئىگىلۋېلىپ، < ئەنگلىيىگە تەۋە جەنۇبىي رودېزىيە> دەپ ئاتىغان.1980 - يىلى ئاپرېلدا مۇستەقىل بولۇپ، دۆلەت نامىنى < زىمبابۋى> دەپ بېكىتكەن. دۆلەت بايرىقىنىڭ سول يېرىمىغا بىر ئاق ئۈچبۇلۇڭ كىرگۈزلۈپ، ئۈستىگە بىر قىزىل بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز، يۇلتۇزنىڭ ئۈستىگە بىر زىمبابۋى قۇشۇ سىزىغان، ئۈچبۇلۇڭ شەكلىنىڭ سىرتىدىكى بايراق يېشىل، سېرىق، قارا، قىزىل، سېرىق، يېشىل رەڭلىك يەتتە بەلدەمدىن تەركىب تاپقان. ئاق رەڭ تىنىچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ سىمۋولى بولغان. قىزىل رەڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىغان قوراللىق كۈرەشتە تۆكۈلگەن ئىسسق قاننى، قارا رەڭ ئافرىقا خەلقنى، سېرىق رەڭ قېزلما بايلىقنى، يېشىل رەڭ كەڭ زېمىن، يېزا ئىگىلىك ۋە تەبئەتنى بىلدۈرگەن؛ بەشيۇلتۇزدا خەلقىنىڭ دۆلەتكە بولغان ئارزۇ - ئۈمىدى ۋە ياخشى تىلىكى بېغىشلانغان؛ قەدىمكى ئافرىقا رىۋايىتىدىن كەلگەن ئاجايىپ شەكىلدىكى زىمبابۋى قۇشى، گويا زىمبابۋىنىڭ بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئوقۇلغاان مەدھىيە شېئىرىغا ئوخشايدۇ. زىمبابۋى بانتۇ تىلىدا < تاش شەھىرى > دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. زىمبابۋى خەلقى قەدىمكى پادىشاھلىقنىڭ بەلگىسى، دۆلەت تارىخى مىراسىنىڭ سىمۋولى - تاش شەھەرىنىڭ نۇسخىسىنىمۇ دۆلەت گېربىنىڭ لايھىسىگە كىرگۈزگەن. ئاق رەڭلىك تاش شەھىرىنىڭ ئەتراپى كەڭ ۋە مۇنبەت ئوتلاق بىلەن ئورالغان؛ قەلئەنىڭ ئۈستىدىكى كۆك ۋە ئاق دولقۇنسىمان تىك سىزىق زىمبابۋىغا جۇشقۇنلۇق، ئۈمىد ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كەلگەن دەريالارغا سىمۋول قىلىنغان. ئوتتۇرىسىدىكى قالقاننىڭ ئۈستىدىكى سېرىق بىلەن يېشىل ئارىلىشىپ كەلگەن گۈلچەمبىرەڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا كانچىلىق بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى، ئوتىغۇچ بىلەن مىلتىقنىڭ بىرلىشىشى، خەلق بىلەن ئارمىيىنىڭ بىرلىشىشىنى بىلدۈرگەن. قالقاننىڭ ئىككى يېنىدا بىردىن ئافرىقا بۆكىنى بولۇپ، قارا بەلدەملەر زىمبابۋىدىكى مىللەتلەرنى بىلدۈرگەن. قالقاننىڭ ئاستىدىكى كەڭ زېمىن بۇغداي باشاقلىرى، پاختا، كۆممقۇناق بىلەن تولغان بولۇپ، مول ھوسۇللۇق مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان. مەڭگۈ ياشايدىغان مۇھىتى مەدھىيلەنگەن. ئاق لېنتىغا زىمبابۋىنىڭ < ئىتتىپاق، ئەركىن، خىزمەت> دېگەن سۆزى يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر