UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرماۋرىتىئۇس

ماۋرىتىئۇس

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا گوللاندىيە شاھزادىسىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. ئۇنىڭ ماداغاسقار بىلەن بولغان ئارىلىقى 800 كىلومېتىر، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان ئارىلىقى 2252 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزى يانار تاغ ئارىلى بولۇپ، ئەتراپىدا نۇرغۇن مارجان ئاراللىرى بار. ئۇنىڭ قاتناش ۋە ستراتېگىيە جەھەتتىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ماۋرىتىئۇسنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرى تاغلىق، دېڭىز قىرغاقلىرى تۈزلەڭلىك كېلىدۇ. ئەڭ ئېگىز جايى دېڭىز يۈزىدىن 827 مېتىر كېلىدۇ. ماۋرىتىئۇس جەنۇبىي كەڭلىك° 20 بىلەن شەرقىي ئۇۇزنلۇق °57 ئارىلىقىدىكى تروپىك بەلباغقا جفيلاشقانلىقتىن، ئىقلىمى ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق كېلىدۇ. يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃20 قا يېتىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1270 مىللىمېتىر، ئېگىزلىكلەردە 5000 مىللىمېتىرغا بارىدۇ. 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا كۈچلۈك شامال سوقۇپ تۇرىدۇ. ماۋرىتىئۇسقا مىلادىيە 10 - ئەسىردىن بۇرۇن ئەرەبلەر كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 1715 - يىلى فرانسىيە بېسىۋالغان، ئەنگلىيە 1810 - يىلى ئىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىنى ئەۋەتىپ ماۋرىتىئۇسنى ئىگىلىۋالغان، 1814 - يىلى فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزانلانغان پارىژ كېلىشىمىگە ئاساسەن، ماۋرىتىئۇس ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى دەپ ئايرىلغان. 1965 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. ئۇ، ھ ازىر يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. ماۋرىتىئۇسنىڭ يەر مەيدانى 2040 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 4778 بولۇپ (1983)، بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستانلىقلار بىلەن پاكىستانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى% 67 نى، كىلىئور خەلقلىرى% 29 نى (فرانسۇزلار بىلەن ئافرىقىلىقلارنىڭ ئارىلاشمىسى) تەشكىل قىلىدۇ. خەنزۇلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى 30 مىڭ، ياۋروپالىقلار 15 مىڭغا يېتىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ، ئاھالىنىڭ كۆپى ھىندى تىلى، كىلىئور تىلى ۋە فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىنىڭ %51 ى ھىندى دىنىغا،% 34.3 ى خرىستىئان دىنىغا،% 16.6 ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ (1983)، پايتەختى پورت لويىس شەھىرى. ماۋرىتىئۇس ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ي ېزا ئىگىلىكىدە شېكەر قومۇشى ئۆستۈرۈش دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. تېرىلغۇ مەيدانىنىڭ% 93 دە شېكەر قومۇشى ئۆستۈرۈلىدۇ. سىرتقى سودىسىنىڭ% 60 نى شېكەر ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا چاي، تاماكا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىمپورت قىلىنىدۇ، ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن شال، كۆممىقوناق ئۆستۈرۈلىدۇ. شېكەر سانائىتىدىن باشقا كونسېرۋا، ھاراق، يېمەك - ئىچمەك، سەرەڭگە، سوپۇن، كۆن - خۇرۇم، قۇرۇلۇش بىناكارلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. دۆلەتنىڭ قاتناش ترانسىپورتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، 1775 كىلومېتىر تاشيول، 144 كىلومېتىر تۆمۈر يول بار ماۋرىتىئۇسنىڭ تولۇق نامى <ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ماۋرىتىئۇس ئارىلى ۋە رودېلىگىز تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق 20 نەچچە ئارالدىن تەركىب تاپقان. دۆلەت نامى گوللاندىيە شاھزادىسىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. مىلادى 10 - ئەسىردىن ئىلگىرى ئەرەبلەر بۇ جايغا كېلىپ، بۇ جاينى <دىنار - ئارۇپى> دەپ ئاتىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ سۆز سانسكرىت تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، <دىنار> ( dvipa) نىڭ مەنىسى <ئارال>، <ئارۇپى> (سۆزى <رۇپىيە> دىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ قەدىمكى ھىندىستان پۇلىنىڭ ئىسمى) بۇ ئىككى سۆزنى بىرلەشتۈرگەندە مەنىسى <كۈمۈش ئارىلى> ياكى <نۇرغۇن رۇپىيە تاپقىلى بولىدىغان ئارال> بولۇپ، <گۆھەر ئارال> دېگەن مەنىدە ئوخشىتىلغان. 1505 - يىلى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىسى ماسكىرىن بۇ ئارالغا چىقىپ، نۇرغۇن شەپەرەڭنى كۆرۈپ، <شەپەرەڭ ئارىلى> دەپ ئاتىغان. 1510 - يىلى پورتۇگالىيىلىك دومئوس. فىرناندوس بۇ جايغا كەلگەن، 1519 -- 1553 - يىللىرى پورتۇگالىيىدە نەشىر قىلىنغان خەرىتىلەردە بۇ جاينى ئۇنىڭ ئىسمىدا دومئوس. فىرناندوس ئارىلى دەپ ئاتىغان. 10 يىلدىن كېيىن بۇ ئارالنىڭ نامى پورتۇگالىيىلىكلەر نامىدىن <سائىن> غا ئۆزگەرتىلگەن. كېيىن پورتۇگالىيە يەنە بۇ ئارالنى رىئونئون ئارىلى ۋە رودېلىگىز ئارىلى بىلەن بىللە ماسكىرىن تاقىم ئاراللىرى دەپ ئۆزگەرتكەن. 1598 - يىلى گوللاندىيىلىكلەر بۇ ئارالغا قەدەم باسقان، گوللاندىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئوفىتسېرى فان - نېك گوللاندىيە شاھزادىسى موللىسنىڭ ئىسمىدا ئارالنى ماۋرىتىئوس دەپ ئاتىغان بولۇپ، <ماۋرىتىئۇس> موللېس سۆزىنىڭ لاتىنچە يېزىلىشى، 1715 - يىلىدىن 1810 - يىلىغىچە فرانسىيە بۇ ئارالنى ئىگىلەپ تۇرغاندا نامنى <فرانسىيە ئارىلى> غا ئۆزگەرتكەن. 1810 - يىلى بۇ ئارالنى ئەنگلىيە بېسىۋالغان. 1814 - يىلى ئەنگلىيە، فرانسىيە پارىژ كېلىشىمىنى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئارال ئەنگلىيىگە تەۋە بولۇپ، قايتا ماۋرىتىئوس دەپ ئاتالغان. 1968 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، بۇ نامنى داۋاملىق ئىشلەتكەن ۋە ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئەزا دۆلىتى بولغان. ماۋرىتىئۇسنىڭ يەر مەيدانى 2040 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 1 مىليون 100 مىڭ. % 68ى ھىندى ۋە پاكىستانلىقلارنىڭ ئەۋلادى، % 27ى كېلىئورلار (شالغۇتلار)، % 3ى خەنزۇ، % 1.7ى فرانسۇزلار.% 53ى ھىندى دىنىغا، % 31ى خرىستىئان دىنىغا، % 16.6ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، فرانسۇز تىلىمۇ قوللىنىلىدۇ. ئارالدا ھىندى تىلى كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. پايتەختى لۇئىس پورتى. پۇل بىرلىك ماۋرىتىئوس رۇپىيىسى. ماۋرىتىئۇس - جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شەرقىي دېڭىزغا جايلاشقان ئارال دۆلەت، 1505 - يىلى تۇنجخ تۈركۈمدىكى پورتۇگالىيىلىكلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىشى بىلەنلا ئۇنىڭ ئىشىكى مەجبۇرىي ئېچىلىپ كەتكەن. 1598 - يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرى شاھزادە موررىسنىڭ ئىسمى بىلەن بۇ ئارالغا < ماۋرىتىئۇس > دەپ نام بەرگەن. 1968 - يىلى مايدا ماۋرىتىئۇس مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە فېدراتسىيىسىگە ئەزا بولغان. قىزىل، كۆك، سېرىق ۋە يېشىل رەڭلىك توغرا بەلدەملىك بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان. قىزىل رەڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارنى بىلدۈرگەن، كۆك رەڭ دۆلەتنى چۆرىدەپ تۇرغان ھىندى ئوكياننى بىلدۈرگەن، سېرىق رەڭ مۇستەقىل نۇرى ئارال دۆلەتنى يۇرۇتقانلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان، يېشىل رەڭ باياشات ۋە مۇنبەت زېمىننى ۋە تەرەققىي تاپقان يېزا ئىگىلىكنى بىلدۈرگەن. ماۋرىتئۇسنىڭ دۆلەت گېربى 1906 - يىلى تۈزۈلگەن، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن يېڭى ھۆكۈمەت ئىلگىرىكى دۆلەت گېربىنى ئىشلەتكەن دۆلەت گېربىنىڭۇ مەركىزى تۆت بۆلەككە ئايرىلغان بىر قالقان بولۇپ، ئۈستىدىكى سول تەرەپكە ھىندى ئوكياندا مېڭىۋاتقان بىر يەلكەنلىك سېرىق كېمە سىزىلغان، ئۇ كۈنسايىن گۈللىنىۋاتقان دېڭىز ئۈستىدىكى سودىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە قانلىق تارىخ - مۇستەملىكچىلەرنىڭ دەل كېمە بىلەن دېڭىز - ئوكياندىن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى خەلقىنىڭ سەمىگە سالغان؛ ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى ئىسسىق بەلۋاغلىق زېمىنىدا تىك تۇرغاچ ئۈچ تۈپ پالما دەرىخى دۆلەتنىڭ ئۆسۈملۈك بايلىقى بىلەن تەبىئىي شارائىتىنى بىلدۈرگەن؛ بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز بىلەن بىر قىزىل ئاچقۇچ قالقاننىڭ ئاستىدىكى لېنتىغا يېزىلغان < ھىندى ئوكياندىكى چولپان ۋە ئاچقۇچ > دېگەن خەتنى ئوبرازلىق ھالدا چۈشەندۈرگەن بولۇپ، ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن. قالقاننىڭ ئىككى يېنىغا بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسالىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى - شېكەر قۇمۇش ۋە ئاساسلىق ھايۋاناتى - ياۋا بۇغا بىلەن نەسلى قۇرۇپ كەتكىنىگە كۆپ يىل بولغان قىزىل قۇشنىڭ رەسىمى سىزىلغان بولۇپ، چاقناپ تۇرغان دېڭىزغا كەڭ تەبىئەتنىڭ پوئېزىيسى قوشۇلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر
ماۋرىتىئۇس | UyghurWiki | UyghurWiki