UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەربەھرەين

بەھرەين

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا ئىككى دېڭىز ئەرەب قولتۇقى (پېرسىيە قولتۇقى) نىڭ غەربىي ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. ئۇنىڭ قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستانلار بىلەن بولغان ئارىلىقى 600 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 397 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، ئىنگلاىزچىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بەھرەيىن كىچىك ئارال دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن 4000 يىل بۇرۇنلا كىشىلەر بۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان. 7 - ئەسىرگە كەلگەندە ئىسلام ئېمپېرىيىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. 1507 - يىلدىن 1602 - يىلغىچە بولغان 100 يىل ئىچىدە پورتۇگالىيە ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1602 - يىلدىن 1783 - يىلغىچە پېرسىيە (ئىران) لىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1820 - يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى ئورۇنغا ئايلانغان. 1971 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. بەھرەيىن دېڭىز ئىچىگە جايلاشقان ئارال دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق، يېرى تاشلىق، قۇملۇق كېلىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 75 مىللىمېترغا يېتىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز جاي 135 مېتر كېلىدۇ. بەھرەيىن پېرسىيە قولتۇقىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغانلىقتىن، تارىختىن بۇيان مۇھىم ھەربىي بازا بولۇپ كەلگەن. بەھرەيىن مۇستەقىل بولغانغا قەدەر ئەنگلىيە بۇ جايدا ئۆزىنىڭ دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىسىنى تۇرغۇزۇپ قولتۇق رايونىنى كونترول قىلغان. بەھرەيىن ئىقتىسادىي جەھەتتە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلدىغان دۆلەت. ئۇ جايد ا 1932 - يىلى نېفىت تېپىلغاندىن كېيى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېز بولدى. ئۇ نېفىت، تەبئىي گازدىن قىلغان كىرىمىگە تايىنىپ مەكتەپ، دوختۇرخانا، زاۋۇت - فابرىكا، ئولتۇراق ئۆي - جاي، تاشيول، پرىستان، ئېلېكتر ئىستانىسى ۋە باشقا قۇرۇلۇشلارنى سالدى، ئۇنىڭ يېرى كىچىك بولسىمۇ نېفىت زاپىسى مول. 1984 - يىلى ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسى 23 مىليون توننا، 1984 - يىلى ئېنىقلانغان نېفىت مەھسۇلاتى 2 مىليون 50 مىڭ توننىغا يەتكەن. ئۇ 1978 - يىلىدىن باشلاپ چەت ئەللەرنىڭ بەھرەيىن نېفىت شىركىتىگە قوشقان پاينى ئۆتكۈزۈۋالدى ھەمدە ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش سانائەت ئورۇنلىرىنى قۇردى. يېزا ئىگىلىكىدە پايدىلىنىۋاتقان يەر پۈتۈن يېرىنىڭ %8.8 نى تەشكىل قىلىدۇ، خورما، كۆكتات، بۇغداي، شال، مېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. بەھرەيىن ئۆزىنىڭ سۇ قاتنىشى جەھەتتىكى قولايلىق ئورنىدىن پايدىلىنىپ چوڭ تىپتىكى پاراخوتلارنى رېمونت قىلىش قاتارلىق كېمىسازلىق سانائەت ئورۇنلىرىنى قۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا تۇزلۇق سۇنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش، ئاليۇمىن تاۋلاش، نېفىت خىمىيە، قۇرۇلۇش بىناكارلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. بەھرەيننىڭ تولۇق نامى <بەھرەين دۆلىتى> بولۇپ، قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارىلىقىدىكى پارىس قولتۇقى دېڭىز يۈزىگە جايلاشقان، ئۇ 33 كىچىك ئارالدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئەڭ چوڭ بەھرەين ئارىلى. دۆلەت نامى ئارال نامىدىن پەيدا بولغان. بىرىنچى، ئەرەب تىلىدا بەھرەيىننىڭ مەنىسى <ئىككى دېڭىز> دېگەنلىك بولىدۇ. كېيىنچە دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ نامى بېكىتىلگەن چاغدا، ماناما ئارىلىنى ئوراپ تۇرغان تاقىم ئاراللارنى بەھرەين تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىغان؛ ئىككىنچى، بەھرەيىن سۆزىنىڭ يەنە <ئىككى سۇ مەنبەسى> دېگەن مەنىسىمۇ بار، چۈنكى ئارالدا تۇزلۇق دېڭىز سۈيىلا بولۇپ قالماي يەنە تۈركۈملەپ تەبئىي قۇدۇق ۋە دېڭىز ئاستى بۇلاقلىرى بار. مىلادىدىن بورۇنقى 30000 - يىلىدىكى قەدىمىي ئىروگېلىف يېزىقىدىكى خاتىرىلەردە بەھرەين <دېڭىز بويى دۆلىتى> دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئارال نامى <دىرمون>بولغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 5 - ئەسىردە گرېك تارىخچىسى ھىراكلېت بەھرەيننى <ئاللات ئارىلى> دەپ ئاتىغان، مىلادى 3 ـ ئەسىردە پارىس ساسانىيلار سۇلالىسى <ئارۋا ئارىلى> دەپ ئاتىغان. قەدىمكى ئەرەب جۇغراپىيشۇناسلىرى ھازىرقى قاتار، ھەسسا رايونى،كۈۋەيت دېڭىز بويلىرى ۋە يېقىن دېڭىزدىكى ئاراللارنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ <بەھرەين دېڭىز قىرغىقى>دەپ ئاتىغان. بەھرەيىننى 1602 - يىلى پارىسلار بېسىۋالغان، 1783 - يىلى پارىسلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، مۇستەقىللىق جاكارلىغان، 1820 - يىلى ئەنىگلىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، 1880 - يىلىدىن كېيىن، ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان. 1971 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14- كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىنىپ <بەھرەين دۆلىتى> قۇرۇلغان. بەھرەيىننىڭ يەر مەيدانى 662 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 550 مىڭ. بۇنىڭ % 70ى ئەرەبلەر، قالغىنىنى ئىراقلىقلار، پاكىستانلىقلار ۋە ئىنگلىزلار تەشكىل قىلىدۇ. ئەرەب تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى كەڭ قوللىنىلىدۇ. پايتەختى مانامى، پۇل بىرلىكى دىنار. بەھرەين پارس قولتۇقىدىكى ئارال دۆەلەت بولۇپ، 33 ئارالدىن تەركىب تاپقان. 7- ئەسىردە، بەھرەين ئەرەب ئىمپېرىيىسى بەسرە ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. 1820-يىلى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى بەھرەيىنگە بېسىپ كىرىپ، ئۇنى ئەنگلىيە< قوغدايدىغان دۆلەت > قىلۋالغان. 1933-يىلى، بەھرەين قايتىدىن دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ، بايراقنىڭ سېپى تەرىپىنى ئاق قويغان. قىزىل ۋە ئاق رەڭنىڭ تۇتىشىدىغان جايىنى ھەرە چىشلىق شەكىلدە قۇيۇشتىن مەقسەت، پارس قولتۇقى رايونىدىكى باشقا دۆەلەتلەرنىڭ بايرىقى بىلەن پەرقلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. 1971- يىلى ئاۋغۇستتا بەھرەين مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان. ئەينى يىللاردا ئەنگلىيە پارس قولتۇقىدىكى ئېمراتلار بىلەن كىلىشىم ئىمزالىغاندا، < دوستانە ئەرەبلەر قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا قزىل بايراق ئىشلىتىشى كېرەك. بايراققا ئۆزلىرنىڭ تاللىغىنىغا ئاساسەن خەت يازسىمۇ ياكى خەت يازمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ھەربىي بايراقنىڭ ئاق يېرگە يېزىشى شەرت > دەپ بەلگىلەنگەندى. بەھرەين شەرتبامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، ئۇمۇ قىزىل بايراقنى قوللانغان. قىزىل رەڭ بەھرەين قارىجېتلار قەبلىسىنىڭ سىمۋولىدۇر. بەھرەين دۆلەت گېربى مەركىزىدە دۆلەت بايرىقى سىزىلغان قالقانلىق گېرب بۇلۇپ،ئەتراپى قىزىل ۋە ئاق ياپراقلار بىلەن بېزەلگەن. دۆلەت بايرىقىنى بەھرەين قەبىلە باشلىقىنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىى چارلىس بېلگراۋ لايىھىلىگەن. دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىدا خان جەمەتىنىڭ نوپۇزى سىمۋول قىلىنغان تاج بار ئىدى. ھازىر بۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر