بۇتان
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
شىزاڭنىڭ چېتى
ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان تاغلىق دۆلەت. ئۇنىڭ شىمال تەرىپى دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربى سىككىم، جەنۇبى ھىندىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ. يەر مەيدانى 46 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تاغلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يەر ۋەزىيىتى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. شىمالدىكى ھىمالايا تاغلىرى يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەريا ۋادىلىرى بىلەن جەنۇبىي قىسمىنىڭ ئىقلىمى يىللىق نەم بولۇپ، قېلىن ئورمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 71 گە يېتىدۇ. ئۇنىڭ بىرى تاغلىق، مەنزىرىسى گۈزەل بولغانلىقتىن <شەرقتىكى شۋېتسارىيە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇتاننىڭ ئاھالىسى بىر مىليون 450 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ % 80نى بۇتانلىقلار، قالغىنىنى نېپالىقلار ئىگىلەيدۇ، ئاھالىنىڭ كۆپى لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇتان تىلى بىلەن نېپال تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ئىنگلىز تىلىنمۇ قوللىنىدۇ. بۇتان بۇرۇن كىنەزلىك دۆلەت ئىدى. 18 - ئەسىردىن باشلاپ ئەنگلىيىلىكلەر بۇتانغا بېسىپ كىرىشكە باشلىدى. 1910 - يىلى بۇتان بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە بۇتان تاشقى ئىشلار جەھەتتە ئەنگلىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. 1949 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ھىندىستان بىلەن بۇتان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامە بويىچە تاشقى ئىشلار جەھەتتە ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇشىغا بوي سۇنىدىغان بولدى. 1971 - يىلى 9 - ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا، 1973 - يىلى ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى. بۇتان دېگەن نامغا كەلسە، ئۇ سانسىكرت تىلىدىكى بۇتانتا دېگەن سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، شىزاڭنىڭ ئاخىرىغا ياكى شىزاڭنىڭ چېتىگە جايلاشقان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نام شۇ ئورۇننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن قويۇلغان. بۇتان يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، ئاھالىنىڭ % 93 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى تۆۋەن. يېزا ئىگىلىكىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدۇ. چارۋىچلىقىدا قوتاز، كالا، ئات بېقىلىدۇ. سانائىتىدە ياغاچچىلىق، توقۇمىچىلىق، قەغەز، سېمونت، ئېلېكتر، قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئاساسىي قانتاش ۋاسىتىسى قوتاز، ئىشەك، ماشىنا ھېسابلىنىدۇ.
بۇتاننىڭ تولۇق نامى <بۇتان پادىشاھلىقى> بولۇپ، ھىمالاياتاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي يانباغرىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. بۇتان پادىشاھلىقىنىڭ كونا نامى بۇرۇكبورى بولۇپ، <بۇتان> نامى سانسكرىت يېزىقىدىن كەلگەن. 7 - ئەسىردىن بۇرۇن ھىندىستانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان توبو مىللىتى بۇ يەردە ئىزچىل ياشىغان، ئەنە شۇ چاغلاردىلا سانسكرىت تىلىدىن بولغان بۇتان دېگەن نامى بولۇپ، بۇ نام سانسكرىت تىلىدىكى <تىبەت> ۋە <ئاخرى> دىن تۈزۈلۈپ (تىبەتنىڭ چېتى، تىبەتنىىڭ چىگرا رايونى) ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھاسىل بولغان. كېيىن تىبەتلەر شىمالدىن كۆچۈپ كېلىپ، يېڭى بىر خانلىق قۇرغان. مانا بۇ ھازىرقى بۇتاننىڭ باشلىنشى بولۇپ، يېڭى دۆلەت كونا نامغا ۋارىسلىق قىلىپ، بۇتاننى دۆلەت نامى قىلىپ ھازىرغىچە قوللىنىپ كەلمەكتە. بۇتانلىقلار ئۆزلىرى تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان زېمىننى يەنە <ساماۋى ئەجدىھا دۆلىتى> دەپمۇ ئاتايدۇ. ھەر يىلى 5 -، 6 - ئايلاردا، ھىندى ئوكيان موسسۇن شاماللىرى سۇ پارىغا تويۇنۇپ، بېنگال قولتۇقىنى بويلاپ يۇقىرى ئۆرلەپ، بۇتاندىكى جەنۇبتىن شىمالغا قاتار تىزىلغان سەككىز دەريا جىلغىسىغا كىرگەندىن كېيىن، شىمالغا ئۆرلەش يولىنى ھىمالايا تاغلىرىنىڭ قارلىق چوققىلىرى توسۇۋالىدۇ - دە، ھەش - پەش دېگۈچە چاقماق چېقىپ گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، يامغۇر چىلەكتە قۇيغاندەك يېغىپ، خۇددى مىڭلىغان ئەجدىھا دېڭىزغا قاراپ ئۈزگەندەك، مىڭ گەز شارقىراتما چوڭقۇر قىياغا قۇيۇلغاندەك مەنزىرە كۆرۈنىدۇ. بۇتانلىقلار رىۋايەتتىكى جانىۋار ئەجدىھاغا قاتتىق چوقۇنغاچقا، بۇتان دۆلەت بايرىقىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئاغزىنى ئېچىپ، تىرنىقىنى ئورنىتپ تۇرغان گىگانىت ئەجدىھا سىزىلغان. 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى بۇتانغا ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1949 - يىلى 8 - ئايدا بۇتاننىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەردە ھىندىستاننىڭ <كۆرسەتمە> سىنى قوبۇل قىلدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
بۇتاننىڭ يەر مەيدانى 46 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 1 مىليون 500 مىڭ، تىبەتلىكلەرنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بولغان بۇتانلىقلار ئاھالىنىڭ % 80ىنى ئىگىلەيدۇ، قالغىنى نېپاللىقلار ئىگىلەيدۇ. لاما دىنى دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ. بۇتان تىلى، ئىنگلىز تىلى ۋە نېپال تىلى قوللىنىلىدۇ. پايتەختى نىمپو، پۇل بىرلىكى نگۇلترۇم.
ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق كىچىك دۆلەت بۇتان تارىختا روھانىي ۋە كىببارىيىنىڭ قوش ھۆكۈمرانلىقىدىكى فېئودال پادىشاھلىق دۆلەت ئىدى. 1907- يىلى مىراسلىق خانلىق دۆلەتكە ئۆزگەرگەن، جۇڭگۇ چىن خاندانلىقىنىڭ ھىمايە ئاستىدىكى دۆلەتمۇ بولغان، 1949- يىلى ھىندىستان بۇتاننى ئەھدىگە قول قۇيۇشقامەجبۇرلاپ، بۇتاننىڭ دۆلەت مۇداپئە ۋە دىپلۇماتىيسىنى كونترول قىلىۋالغان، 1971- يىلى بۇتان ب د ت گە ئەزا بولغان. بۇتاننىڭ دۆلەت بايرىقى 18- ئەسرنىڭ باشلىرىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، بايراق نۇسخىسى جۇڭگۇ چىڭ خاندانلىقىنىڭ ئەخدىھا سۈرەتلىك سېرىق بايرىقىغا ئوخشايدۇ، بۇ بۇتاننىڭ ئىلگىرى جۇڭگۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. بۇتاننىڭ دۆلەت بايرىقى ئۇزۇن چاسا شەكىلدە بۇلۇپ، ئاستىـ ئۈستىدىكى قارىمۇ قارشى بۇلۇڭلار ئالتۇن رەڭلىك ۋە قىزىل رەڭلىك ئىككى ئۈچ بۇلۇڭدىن تەركىب تاپقان. ئالتۇن رەڭ يۇنان پادشاھىنىڭ دىن ۋە دىندىن تاشقىرى ئىشلارنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى نۇپۇزى ۋە رولىغا سىمۋۇل قىىنغان؛قىزىل رەڭ لاما دىنى راھىبلىرى كىيگەن توننىڭ رەڭگى بۇلۇپ، دىننىڭ مەنىۋى كۈچى كۆرسىتىلگەن. ئوتتۇرسىدىكى ھەيۋەتلىك ئاق ئەجدىھا ھەم دۆلەتنىڭ ھاكىميەت كۈچىگە، ھەم بۇتاننىڭ"ئىلاھى ئەجدىھا دۆلىتى" ئىكەنلىكىگە سىمۋۇل قىلىنغان. ئەجدىھانىڭ تۆت پۇتىدىكى تۆت ئاق مەرۋايىت كۈچ ۋە پاكلىقنى، ئەجدىھا بەدىندىكى ئاق رەڭ سادەقەتلىك ۋە پاكلىققا بولغان مەدھىينى بىلدۈرگەن.
بۇتاننىڭ يۇمىلاق شەكىلدىكى دۆلەت گىربى ئزگىچە ئۇسلۇبىغا ئىگە ئىككى ئالتۇن رەڭلىك ئەجدىھانى ئاساسىي گەۋدە قىلغان،بىر يەرگە يۈزلەنگەن ئىككى ئەجدىھانىڭ قولىدا نۇرلۇق ئوت يېنىپ، ئەجدىھا ئەتراپىدا گۈلدۈرمامىلىق چاقماق ئۇرۇلغان، گىگانىت ئەجدىھا قىزىل چېقىندىن تەركىب تاپقان كرېسىت رەسىمىنى ئوراپ تۇرغان. ئەجدىھا چوقۇنىدىغان يۇنانلىقلار گۈلدۈرماملىق چاقماقنى ئەجدىھانىڭ ئاۋازى. بۇ ئاۋاز ئەرىشتىن كەلگەن، كىشىنى ئەيمەندۈردۇ دەپ قارايدۇ. دۆلەت گېربىنىڭ تاشقى چەمبىرىكى ئايلانما ئاق چەمبىرەك بولۇپ، چوققىسىغا تىبەتچە < شەرەپلىك بۇتان يېڭىلمەستۇر > دېگەن خەت يېزىلغان.