UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەررۇسىيە

رۇسىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا روتىس سۆزىدىن كەلگەن، بويسۇندۇرغۇچى دېگەن مەنىدە رۇسىيىنىڭ تولۇق نامى <رۇسىيە فېدىراتسىيىسى> بولۇپ، ياۋرۇپانىڭ شەرقى ۋە ئاسىيانىڭ شىمالىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن كېلىپ چىققان. رۇسىيە سۆزى رۇس(poc .pycb) سۆزىدىن ئۆزگەرگەن. مىلادى 9 - ئەسىردە كېيىۋروس تارىخ كىتابلىرىدا كۆرۈلگەن. نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا: بىرىنچى، ئوتتۇرا ئەسىردە سكاندىنوۋىيىلىكلەر ھازىرقى كېيۋ ئەتراپىنى بويسۇندۇرغان. بويسۇندۇرغۇچىلار شىۋېتسىيىنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىدىكى روتىس (يەنى ھازىرقى رۇسلاگىن) تىن كەلگەچكە، يەرلىكلەر ئۇلارنى رۇسلار دەپ ئاتىغان. كېيىن ۋىزانتىيە ۋە ئەرەبلەرنىڭ دەستۇرلىرىدىمۇ ئۇنى شۇنداق ئاتاشقان؛ ئىككىنچى، ئوتتۇرا ئەسىردە ۋارۇنسىيلىكلەر ۋىزۋا دەرياسى، دېۋىرنا دەرياسى ۋە نېمىن دەريالىرىنى بويلاپ، كېمىدە ئېقىمغا قارشى يۇقىرىغا يۈرۈپ، ھازىرقى رۇسىيە رايۇنىغا يېتىپ كەلگەن. فىنلاندىيە قولتۇقى قىرغاقلىرىدىكى فىنلار بۇ ۋارۇنسىيىلىكلەرنى routsi دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ مەنىسى كېمە ھەيدىگۈچى بولۇپ، رۇس نامى دەل ئاشۇ routsi سۆزىنى خاتا تەلەپپۇز قىلىپ پەيدا بولغان؛ ئۈچىنچى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى رۇس نامىنى قارا دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە دېنپىر دەريا ۋادىسىدىكى يەرلىك شەرقىي سلاۋيانلارنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان دەپ قارىشىدۇ. مىلادى بىرىنچى ئەسىردە، بىر قانچە شەرقىي سلاۋيان قەبىلىسى بىرلىشىپ، قەدىمكى رۇس قەبىلىسىنى تۈزىدۇ ۋە كېيۋروس گىرىتسوگلىقىنى قۇرىدۇ، 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى موسىكۋانى مەركەز قىلغان بىرلىككە كەلگەن دۆلەت روسىيە قۇرۇلغان. 1917 - يىلى <رۇسىيە سوۋېت گېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى> قۇرۇلغان؛ 1922 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان؛ 1991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى مۇستەقىل بولغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. رۇسىيە فىدىراتسىيىسىنىڭ يەر مەيدانى 17.1 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 149 مىليون 300 مىڭ. بۇنىڭ % 81 ى رۇسلار، قالغىنى تاتار( 7مىليون 200 مىڭ)، ئۇكرائىن ( 4 مىليون 500 مىڭ)، چۇۋاش ( 2 مىليون 500 مىڭ) قاتارلىق 130 مىللەت بىرلىكتە ياشايدۇ. رۇسلار ۋە ئۇكرائىنلار پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. گېرمان، فىن قاتارلىقلار خرستىئان لوتىر مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. تاتار، چۇۋاش، قاراچاي - چېركەس، كاباردا - بالقار، باشقىرد قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. توۋا، ياقۇت (ساخا)، خاكاس، شور قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر شامان ياكى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. رۇس تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. فېدېراتسىيە پايتەختى موسكۋا، پۇل بىرلىكى رۇبلى. رۇسىيە ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تۇتىشىدىغان تارىخى ئۇزاق دۆلەت. 1402 - يىلى موسكۋا كىنەزلىكى باشقا رۇس كىنەزلىكلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، ھوقۇقى مەركەزلەشتۈرۈلگەن دۆلەتنى قۇرغان. 1553 - يىلى ئىۋان Ⅲ تەختكەچىقىپ ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ < چار پادىشاھ> بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ، موسكۋا كىنەزلىكى چار رۇسىيە دۆلىتىگە ئايلانغان. 100 نەچچە يىلدىن بويان، رۇسىيىنڭ تەۋەلىك رايونى ياۋروپادىن سىبىرىيىگىچە كېڭىيىپ كۆپ مەللەتلىك دۆلەت بولغان 1687 - يىلى چار پادىشاھ پېتر Ⅰ دۆلەت نامىنى < رۇسىيە ئىمپېرىيىسى > دەپ رەىسىمي بېكىتىپ، ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتكەن. 1917 - يىلىدىكى < ئۆكتەبىر ئىقىلابى> چار پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ، لېنىن باشچىلىقىدىكى سوۋېت ھاكىميىتى قۇرۇلغان. 1922 - يىلى دېكابىردا، رۇسىيە سوۋېتى باشقا سوتسىيالستىك جۇمھۇتىيەتلىرى بىلەن ئىتتىاقىداش بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان. 1991 - ىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ رۇسىيە فېدراتىپى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە مۇستەقىل دۆلەت بولغان. 1922 - يىلى ئاورېلدا رۇسىيە خەلق قۇرۇلتىي تەڭ ئورۇنغا ئىگە< رۇسۇيەفېدراتىپى > بىلەن < رۇسىيە> دىن ئىبارەت بۇ ئىككى بامنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. پادىشاھ پېترⅠ زامانىسىدىكى ئاق، كۆك ۋە قىزىل رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن. بۇ ئۈچ خىل رەڭ ئەڭ بۇرۇن رۇسىيە دۆلەت بايرىقىدا ئىشلىتىلگەن. يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان سلاۋىيان مىللىتىدىكى دۆلەتلەر بۇ بايراقنى ئەندىزە قىلىپ، پان سلاۋىيان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرغان. دۆلەت گېربى قالقانسىمان بولۇپ، ئۇنىڭغا پادىشاھ پېتر Ⅰ نىڭ ئۈچ تاجىسىنى بېشىغا كىيىۋالغان ئالتۇن رەڭلىك، ئىككى باشلىق بىر بۈركۈتنىڭ ئۇچۇش ئالدىدىكى ھالىتى سىزىلغان، بۈركۈت پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان ھوقۇق تايىقى بىلەن ئالتۇن توپنى تۇتۇپ تۇرغان؛ بۈركۈتنىڭ بىر بېشى شەرققە، بىر بېشى غەربكە قاراپ تۇرغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ ئاسىيا- ياۋروپا قىتئەسىگە جايلاشقانلىقىنى، شەرق ھەم غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۈركۈتنىڭ نۇسخسى 15 - ئەسىردە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيسى تەرىپىدىن رۇسىيىگە ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، كېيىن چار پادىشاھ گېربىنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر