UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرسېررالېئون

سېررالېئون

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا - شىر چوققىسى غەربىي ئافرىقىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 72 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 3 مىليون 500 مىڭدىن ئوشۇق (1980) بولۇپ، 20 دىن ئوشۇق قەبىلىنى ئۆz ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 4/3 قىسمىنى ماندې، تەيمونەي قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. كىلئور مىللىتى پۈتۈن ئاھالىنىڭ 2% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى ئىپتىدائىي دىنلارغا، ئاز قىسمى ئىسلام دىنى بىلەن خرىستىئان دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. يەرلىك خەلقى كىلئور تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئېنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. سېررالىئون يەر شەكلى جەھەتتىن شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ، دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسىملىرى گېۋېنىيە ئېگىزلىكلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 450 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، ئەڭ ئېگىز لوما چوققىسى 1984 مېتىرغا يېتىدۇ. دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر، تۈزلەڭلىكلەردە كىچىك دەريا تورلىرى، سازلىقلار، قۇملۇق قىرغاقلار، تېيىز كۆللەر بار. سېررالېئوننىڭ ئىقلىمى تروپىك موسسونلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃26 قا يېتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ئىچكى قىسىملىرىدا 1000 مىللىمېتىر، دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا 3000-4000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. كۆپ قىسىم رايونلىرىنى تروپىك ئوتلاقلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ. سېررالېئون 1462 - يىلدىن باشلاپ پورتۇگالىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىقلارنىڭ قۇل سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جايى بولغان. 1787 - يىلى ئەنگلىيە سېررالېئونغا تاجاۋۇز قىلىپ فرىتائون رايونىنى ئىگىلىگەن. 1896 - يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن سېررالېئوننى بېسىۋالغان. 1961 - يىلى 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ مۇستقەقىللىككە ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. 1971 - يىلى 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. سېررالېئون تەرەققىي قىلىۋاتقان يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، ئاھالىنىڭ % 75ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق پالما مېغىزى، كوفى، كاكائو، شال، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائەتتە كان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئالماس، تۆمۈر، ئاليۇمىن توپىسى، خروم قاتارلىقلار ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىدىن يېمەك - ئىچمەك،ل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. سېررالېئون ئېكسپورتىنىڭ% 80 نى كان مەھسۇلاتلىرى، قالغىنىنى كوفى، كاكائو، پالما قاتارلىقلار ئىگىلەيدۇ. سېررالېئوننىڭ تولۇق ئاتىلىشى <سېررالېئون جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. <سېررالېئون> سۆزى پورتۇگالىيە تىلىدىن كەلگەن. 1462 يىلى پورتۇگالىيە ئېكسپىدىتسىيىچىسى پېترو. دا. ھىندىرى كېمە ئەترىتىگە يىتەكچىلىك قىلىپ، بۇ ئەتراپتىكى دېڭىز قىرغىقىنى بايقاپ، سېررالېئون ( serradaleao)دەپ ئاتىغان. بۇنىڭ مەنىسى <شىر چوققىسى>بولۇپ، تاغنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىگە قارىتىلغان. رىۋايەت قىلىنىشچە، ھىندىرى ۋە دېڭىزچىلار كېمە بىلەن ئاغرىقىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا شىمالدىن جەنۇبقا يۈرۈپ بۇ جايغا كەلگەندە، ھاۋا توساتتىن ئۆزگىرىپ، چاقماق چېقىپ، كەلكۈن كېلىپ، تاغ جىلغىسى خۇددى شىرنىڭ ھۆكىرىگىنىگە ئوخشاش گۈلدۈرلەپ كەتكەچكە، ئۇلار شۇنداق ئاتىغان ئىكەن. يەنە بىر خىل ئېيتىشتا، سېررالىئوننىڭ زېمىنىدا تاغ كۆپ بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا دېڭىز قىرغىقىدىكى تاغ چوققىلىرى خۇددى دېڭىز بىلەن ئۇپۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئەركەك شىر سوزۇلۇپ يېتىپ، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ پايانسىز ئۆركەشلىرىگە يۇقۇرىدىن قاراپ تۇرغاندەك كۆرۈنگەچكە شۇنداق ئاتالغان دېيىلىدۇ. يەنە بىر خىل ئېيتىشتا بۇرۇن بۇ جايدا نۇرغۇن شىر بايقالغان ياكى شىرنىڭ تاغ ئىچىدە ھۆكىرىگەن ئاۋازلىرى ئاڭلانغان، دېيىلىدۇ. 1500 - يىلدىن باشلاپ، خەرىتىلەردە بۇ نامنىڭ ئىسپانچە تەرجىمىسى <سېررالېئون> كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، مەنىسى <شىر تېغى>. خەرىتىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپم شىر تېغى (سېررالىئون) نامى تارقىلىپ كەتكەن. 1462 - يىلىدىن باشلاپ بۇ جايغا پورتۇگالىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيىلەر ئىز بېسىپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، 1821 - يىلى دېڭىز بويى رايونلىرى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1896 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ <ھامىلىقىدىكى دۆلەت> كە ئايلانغان. 1961 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، 1971 - يىلى 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سېررالېئون جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. سېررالېئوننىڭ يەر مەيدانى 72.3 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 4 مىليون 400 مىڭ. ئىنگلىز ۋە كېلىئور تىللىرى قوللىنىلىدۇ. كۆپ قىسىم ئاھالە ئىسلام دىنىغا، قالغىنى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى فرىتون (ئەركىنلىك شەھىرى)، پۇل بىرلىكى لېئون. پورتۇگالىيە تىلىدا سېررالېئون < شىرلىق تاغ > دېگەن مەنىگە ئىگە. ئاتلانتىك ئوكيانغا قاراپ تۇرىدىغان غەربىي ئافرىقىدىكى بۇ كىچىك دۆلەتنى ئەڭ بۇرۇن پوتۇگالىيىلىكلەر ئىگىلىۋالغان، كېيىن ئەنگىلىيىنىڭ < ھىمايە> ئاستىدىكى يېرى بولۇپ قالغان. 1961 - يىلى ئاپرېل مۇستەقىل بولغاندىن بويان، يېشىل، ئاق ۋە كۆك رەڭدىكى توغرا بەلدەملىك بۇ بايراق سېررالېئوننىڭ سۈزۈك ئاسمىنىدا جەۋلان قىلغان. يېشىل رەڭ يېزا ئىگىلىك بىلەن كەڭ زېمىنىىڭ سىمۋولى بولۇپ، سېررالېئونىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قاتمۇ قات تەبىئىي چوققىلىق جۇغراپىيىلىك كۆرۈنۈشنىمۇ ئىپادىلىگەن؛ بىرلىك ۋە ھەققانىيەت ئاق پەرىشتىگە ئايلىنىپ، دۆلەتنىڭ بەختى ۋە تىنىچىلىقنى قوغدىغان؛ سېررالېئون خەلقىنىڭ كېلەچەككە بولغان ئىنتىلىشىنى ۋە ئارزۇ - تىلىكىنى كۆك ئاتلانتىك ئوكيانغا بېغىشلاپ، دۆلەتنىڭ تەبىئي پورتى ئىچكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ھەركەتلەندۈرۈشنى ھەمدە دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلغان. 1960 - يىلى، ئەنگلىيىنىڭ ئايال پادىشاھ ئېلزابىت Ⅱ بىر ئىزناكنى سېررالېئونغا تەقدىم قىلغان. 1961 - يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ دۆلەت ئاشۇ ئىزناكنى دۆلەت گېربى ئورنىدا ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. قالقانسىمان بەلگىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالتۇن شىر سېررالېئون بىلەن ئەنگلىيىنى باغلاپ تۇرغان < شىرلىق تاغ> نىڭمۇ سىمۋولى بولغان. ھەرە چىشلىق چوققىدا ئۈچ مەشئەل لاۋىلداپ كۆيمەكتە، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ نۇرى خەلقىنى ئىزچىل تۈردە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىققا يېتىلمەكتە. ئالتۇن شىرنىڭ ئاستىدىكى كۆك ۋە ئاق دولقۇنسىمان سىزىق ئاتلانتىك ئوكيان ساھىلىدىكى فرىتائۇن پورتىنى ھەم دۆلەتنىڭ پايتەختى بىلدۈرگەن. قالقاننىڭ ئىككى يېنىدا مەزمۇت ھالەتتە تۇرغان ئىككى ئالتۇن شىر ياغلىق پالما دەرىخىنى يۆلەپ تۇرغان بولۇپ، پالما يېغىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا ئىنگىلىزچە < ئىتتىپاق، ئەركىن، ئادالەت > دېگەن سۆز يېزىلغان..
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر