UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەركېنىيە

كېنىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا -تۆگە قۇش دۆلىتى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت، دۆلەتنىڭ كۆپ قىسمىنى ئېگىز تەكشىلىكلەر، تاغلىقلار ئىگىلەيدۇ. ئېگىز تەكشىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2000-3000 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ ئېگىز كېنىيە چوققىسى 5199 مېتىرغا يېتىدۇ. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نىكا ئېگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 500-700 مېتىر كېلىدۇ، دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدا تۈزلەڭلىكلەر ئورۇن ئالغان، كېنىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئېكۋاتور سىزىقى كېسىپ ئۆتكەنلىكتىن يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولىدۇ. دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمى قۇملۇق ئىقلىمىغا، جەنۇبىي تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ئېگىز تاغلىقلاردا بەزىدە قار ياغىدۇ، ئادەتتىكى تاغلارنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل، پەس جايلارنىڭ ئىقلىمى ئىسسىق، نەم بولىدۇ. كېنىيىنىڭ يەر مەيدانى 582 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 19 مىليون 540 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، ئاھالىنىڭ% 98 نى يەرلى ئافرىقىلىقلار ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي مىللەتلەردىن كىكويىيو، بالوخىيە، لوئو، ماسەي، كامبا، لوخىيە قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئۇنىڭدىن باشقا ھىندىستانلىقلار بىلەن پاكىستانلىقلار 200 مىڭ، ياۋروپالىقلار 40 مىڭ، ئەرەبلەر 30 مىڭغا يېتىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى ئىپتىدائىي دىنلارغا، دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان. بىر قىسىم خەلق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، دۆلەت تىلى سىۋاخىلى تىلى ھېسابلىنىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئېنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ، كېنىيەگە 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ پورتۇگالىيە، ئەنگلىيىلىكلەر ئارقا - ئارقىدىن بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1895 - يىلىدىن باشلاپ <ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى يەر> گە ئايلانغان، 1920 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1963 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن. 1963 - يىلى 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، كېنىيە ھازىر يەنە ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. كېنىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەت. پۈتۈن دۆلەت خەلقىنىڭ % 85 تى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 1/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ %70 نى تەشكىل قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا تېرىق، شال، بۇغداي، كۆممىقوناق ئۆستۈرىدۇ، ئىقتىسادىي زىرائەتلىرىدىن كو:فى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا چاي (كېنىيە چاي ئۆستۈرۈشتە ئافرىقا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ)، تالالىق ئاگاۋى، كېۋەز، شېكەر قومۇشى قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقى خېلى تەرەققىي قىلغان. ئاساسەن گۆشلۈك كالا، قوي بېقىلىدۇ. سانائەت جەھەتتە توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، سېمونت، نېفىت ئايرىش، ماشىنىسازلىق، كان سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. كېنىيىنىڭ سانائىتى شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىچىدە بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. سانائەتنىڭ كۆپى پايتەختى نايروبى شەھىرى بىلەن مومباسا شەھىرىگە توپلانغان. كېنىيىنىڭ تولۇق نامى <كېنىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ نامى زېمىنىدىكى كېنىيە تېفىدىن پەيدا بولغان، يەرلىك نابتۇ تىلىدا <كېنىيە> سۆزىنىڭ مەنىسى <تۆگە قۇش>. كېنىيىلىكلەر قارا رەڭلىك تاشلار ۋە ئاپئاق قارلىق چوققىلىرى بولغان كېنىيە تېغىنى ئوبرازلىق ھالدا تۆگە قۇشقا ئوخشاتقان. يەنە بەزىلەر <كېنىيە> سۆزى يەرلىك تىلدا <تۇمانلىق تاغ> دېگەن مەنىدە بولىدۇ دېيىشىدۇ. چۈنكى كېنىيە تېغى ئافرىقىدىكى ئىككىنچى ئېگىز تاغ بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5199 مېتىر، ئۇنىڭ چوققىلىرى ھەمىشە بۇلۇت تۇمانلىرى ئارىسىغا ئورىلىپ تۇرغاچقا شۇنداق ئاتالغان. بۇندىن تەخمىنەن 2000 يىل ئىلگىرى، بانتۇ تىل سىستېمىدىكى كىشلەر ھازىرقى كېنىيىگە كىرگەن، مىلادى يەتتىنچى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەرەبلەر كېنىيىگە كېلىپ، 13 - ئەسىردىن باشلاپ ئۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان، 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى پورتۇگالىيە ۋە ئەنگلىيە تاجاۋۇزلىرى ئىز بېسىپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1895 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىلىقىدىكى جايغا ئايلانغان، 1920 - يىلى كېنىيە رەسمىي ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى بۇرۇن كۆرەڭلىگەن ھالدا كېنىيىنى <شەرقىي ئافرىقا پادىشاھلىق چار بېغى> دەپ ئاتىغان. ئۇ 1963 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، 1964 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كېنىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. كېنىيىنىڭ يەر مەيدانى 582.6 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 25 مىليون 800 مىڭ. بۇنىڭ % 90ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. شىۋاھلى ۋە ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، پايتەختى نايروبى، پۇل بىرلىكى كېنىيە شىللىڭى. شەرقىي ئافرىقا دۆلىتى - كېنىيە 1890 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ < ھىمايە ئاستىدىكى يېرى > بولۇپ، 1920 - يىلى مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. كېنىيە خەلقى كېنىيە ئافرىقا مىللىي بىرلەشمە ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇربان بېرىشتىن قورقىماي، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ 1963 - يىلى دېكابىردا مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن. ئىلگىرىكى كېنىيە ئافرىقا مىللىي بىرلەشمە ئىتتىپاقىنىڭ قارا، قىزىل، يېشىل رەڭلىك بايرىقى ئاساسىدا يېڭى دۆلەت باىرىقىنى تۈزۈپ چىققان. يېڭىدىن قوشۇلغان ئىككى ئاق بەلدەم تىنىچلىق ۋە بىرلىكنىڭ سىمۋولىدۇر. قىزىل رەڭ قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. قارا رەڭ ئاللانىڭ كېنىيىلىكىلەرگە ئىنئام قىلغان ئەسلى ئۆڭىنى بىلدۈرگەن، يېشىل رەڭ يېزا ئىگىلىك ۋە تەبىئىي بايلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان. دۆلەت بايرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماسائى قالقىنى بىلەن ئىككى ئۇزۇن نەيزە، خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىكىنى قەتئي قوغداش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. - 1963 يىلى تۈزۈلگەن دۆلەت گېربى دۆلەت بايرىقىدىكى رەڭلەر بىلەن ئوخشاش بولغان كۆز شەكلىدىكى قالقان بولۇپ، ئىككى يېنىغا بىر قولىدا جايغا پالتا تۇتۇپ تۇرغان بىردىن ئالتۇن رەڭلىك شىر سىزىلغان. قالقاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قىزل جايغا پالتا تۇتۇپ تۇرغان بىر ئاق خوراز سىزىلغان بولۇپ، ئۇ كېنىيە ئافرىقا مىللىي بىرلەشمە ئىتتىپاقىنىڭ بەلگىسىدۇر. شۇ جاينىڭ ئەنئەنىسى بويىچە خوراز يېڭى تۇرمۇشنىڭ سىمۋولىدۇر. ئىككى شىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت - ئابرۇيىنى ئىپادىلىگەن، كېنىيە بىلەن ئەنگلىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنىمۇ بىلدۈرگەن. ئىككى شىرنىڭ قولى ئاستىدىكى ئافرىقا بويىچە ئىككىنچى چوڭ تاغ - كېنىيە يانار تېغىدۇر، ئۇ مۇنبەت زېمىننى دەسسەپ تۇرغان، زېمىن قەھۋە دەرىخى، ئاپلېسىن، تالالىق ئاگاۋى چېىي، كۆممقۇناق ۋە ئاناناس بىلەن تولغان، ھەممە يەرگە مېۋە بىلەن خۇش پۇراق تارقالغن، بۇ كېنىيە خەلقىنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم، دۆلەت گۈللەنگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنىشىدۇر. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى بېغىررەڭ لېنتىغا سۋاخېرېچە: < بللە ئۆتۈش > دېگەن خەت يېزىغان بولۇپ، كېنىيە خەلقىنڭ تىنىچلىقتا بىللە بولۇش، دوستانە - مېھىرىبان بولۇش، ئەركىنلىك ۋە بارەۋەرلىكتە تەڭ ياشاش ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر