UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرگېرمانىيە

گېرمانىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا - خەلىقنىڭ دۆلىتى ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، قۇرۇقلۇقتا دانىيە، چىخ ۋەسلۋاكيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسارىيە، فرانسىيە، ليوكسمبۇرگ، بېلگىيە ۋە گوللاندىيىلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي قىسمىنى بالتىق دېڭىز، شىمالى دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي تەرىپىنى ياۋروپا بويىچە ئەڭ ھەيۋەت ھەم ئېگىز ئالىپ تاغلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، دۆلەت يېرىنى جەنۇبىي تاغلىق، شىمالىغا تۈزلەڭلىك بولۇپ، يەر ۋەزىيىتى جگنۇبتىن شىمالغا قاراپ تەدرىجىي پەسلەپ بارىدۇ. ئالىپ تاغلىرىنىڭ شىمالى تەرىپىگە ئاتاقلىق باۋاردىيە ئېگىزلىكى جايلاشقان، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا يەر ۋەزىيىتى ئانچە ئېگىز بولمىغان گارتىس تيورىنگېن قاتارلىق تاغلىق ھەم ئېدىرلىقلار بار. تاغلىق، ئېدىرلىقلار ئارىلىقدىا نۇرغۇن ئۇششاق كۆللەر، سازلىقلار تارقالغان. گېرمانىيە بويىچە ئاتاقلىق دوناي، رېين، ۋېزېر، ئېلبا قاتارلىق دەريالار دۆلەتنىڭ جەنۇبى، ئوتتۇرا ھەم شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىقلاردىن باشلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشلەرگە قاراپ ېئقىپ، قارا دېڭىز، بالتىق دېڭىز ھەم شىمالىي دېڭىزلارغا قويۇلىدۇ. بۇ دەريالارنىڭ ھەممىسى قاناللار ئارقىلىق بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، سۇ قاتنىشى جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. گېرمانىيىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. غەربىي قىسىملىرىنىڭ ئىقلىمى دېڭىز - ئوكيان خاراكتېلرىكى كۈچلۈك بولۇپ، شەرق ھەم شەرقىي جەنۇبقا يۈرگەنسېرى، ئىقلىمنىڭ ماتېرىك خاراكتېرلىكى ئېشىپ بارىدۇ. دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسىملىرىدىكى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 500-700 مىللىمېتىر، ئوتتۇرا قىسىملىرىنىڭ 700-1500 مىللىمېتىر، جەنۇبىدىكى تاغلىقلارنىڭ 2000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. جەنۇبىدىكى ئالىپ تاغلىقلىرىدا يىلبويى قار - مۇز ساقلىنىپ تۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ ھەممە جايلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃9 بولىدۇ. 1 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شەرقىي رايونلاردا ℃2 -، 7 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃20 بولىد. گېرمانىيىنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسى 78 مىليوندىن ئاشىدۇ. (1990)، ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى نېمىسلار تەشكىل قىلىدۇ. بشقا دۆلەتلەردىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلار 4 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇقراق بولۇپ، ئاز ساندا دانىيىلىكلەر، سىگانلار، سۇبۇ قاتارلىق مىللەتلەر بار. گېرمانىيە خەلقى نېمىس تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ. ئاھالىنىڭ% 85 دېگۈدەك خرسىتئان ھەم كاتولىك دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار 3 مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ كۆپىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ، يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار 27 مىڭدىن ئاشىدۇ. گېرمانىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن <قىرىم ئاخباراتى>، <پوتسدام كېلىشىمى> گە ئاساسەن ئۇرۇشتا يەڭگەن سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، 1949 - يىلدىن كېيىن ئايرىم - ئايرىم شەرقىي گېرمانىيە، غەربىي گېرمانىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. كېيىن ئىككى گېرمانىيە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت كېلىششىلىرى ئاساسىدا 1990 - يىلى 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە دۆلىتى بولۇپ قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككى گېرمانىيىنىڭ بۆلۈنۈپ تۇرۇش ھالىتى ئاياغلاشتى. گېرمانىيە زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەت. ئۇنىڭ سنائەتلىشىش سەۋىيىسى بەك يۇقىرى، ئىككى گېرمانىيە بىرلەشكەندىن كېيىن ئىقتىسادىي كۈچى جەھەتتە غەرب دۇنياسىدا ئا ق ش، ياپونىيىدىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. پۈتۈن يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 ترىليون 500 مىليارد ماركقا يېتىدۇ (1990)، بۇ ئەنگلىيە، فرانسىيىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىغىندىسىغا يېقىنلىشىدۇ. ئىقتىسادتا ئېغىر سانائەت مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەيدۇ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائەت، ئېلېكتر سانائىتى، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسىي سانائەت تارماقلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا كۆمۈر سانائىتى، كېمىسازلىق سانائىتى، پولات - تۆمۈر، نېفىت، خىمىيە، ئېلېكترون، ئپپتىكا ئەسۋابلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئاۋىئاتسىيە، ئالەم سانائىتى، ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق سانائەتلەرمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. گېرمانىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكمۇ تەرەققىي قىلغان. بىراق، پۈتۈن گېرمانىيە ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ تۇتقان ئورنى تۆۋەن بولۇپ، %2 دىن سەل ئاشىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى تارماق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2/3 قىسمىنى چارۋىچىلىق ئىگىلەيدۇ. چارۋا مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەپ، ئاشقىنىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. سىرتتىن ئاز مىقداردا ئاشلىق ئىمپورت قىلىدۇ. گېرمانىيىنىڭ قۇرۇقلۇق، سۇ، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ھازىر پۈتۈن گېرمانىيىدىكى تاشيوللارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 547 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، زىچلىقى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مىڭ 600 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. تۆمۈر يوللىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 45 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئېلېكترلەشكەن تۆمۈر يوللىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 13 مىڭ 300 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. دېڭىز - دەريا قاتنىشىدا ھامبۇرگ، برېمېن، روستوك، لوبېن، كىل، كېلىن شەھەرلىرى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ھاۋا قاتنىشىدا بېرلىن، فرانكفورت، ھامبۇرگ، بونن شەھەرلىرى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. گېرمانىيىنىڭ تولۇق نامى <گېرمانىيە فېدىراتىپ جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن پەيدا بولغان. مىلادىدىن بۇرۇنلا بەزى مىللەتلەر بۇ مىللەت نامىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، كېيىنچە پۈتكۈل گېرمان تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ نامى بولۇپ شەكىللەنگەن. گېرمانىيە سۆزىنىڭ گېرمانچە ئەسلى يېزىلىشى Deutschland بولۇپ، قەدىمكى كائوت تىلىدا <خەلىقنىڭ دۆلىتى>، <خەلىقنىڭ زېمىنى> دېگەن مەنىلىرى بار. قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسىدىكى گاللىيىلىكلەر گېرمانىيە، يەنى <گېرمانلارنىڭ زېمىنى> دەپ ئاتىغان، بۇ دەل گېرمان مىللىتىنىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ، <گېرمان> سۆزىنىڭ <قوشنا>، <ھۆركىرىگەن ئادەم>، <تاغلىق ئادەم> ۋە <ئورمان ئاھالىسى> قاتارلىق نۇرغۇن مەنىسى بار. مىلادى 843 - يىلى فىرانىك ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەن. كېيىن شىۋامىل، باۋارىيە، ساكسون قاتارلىق گېرمان قەبىلىلىرىدىن تۈزۈلگەن شەرقىي فرانك پادىشاھلىقى گېرمان دۆلىتىنىڭ دەسلەپكى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 919 - يىلى ساكسون كېنەزى ھېنرى ؟؟ پادىشاھلىققا سايلىنىپ، گېرمانىيە پادىشاھلىقى< قۇرۇلغان، بۇ يىل گېرمانىيە تارىخىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، >گېرمانىيە< نامىمۇ شۇندىن باشلاپ قوللىنىلغان. 946 - يىلى گېرمان مىللىتىنىڭ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى بولۇپ شەكىللەنگەن. 1871 - يىلى گېرمانىيە تۇنجى قېتىم بىرلىككە كېلىپ، گېرمانىيە ئىمپېرىيسىنى قۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، غەربىي قىسمىدىكى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت كونتروللىقىدىكى رايونلار بىرلىشىپ، 1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى >گېرمانىيە فېدىراتىپ جۇمھۇرىيىتى< بولۇپ قۇرۇلغان، شەرقىي قىسىم (سوۋىت ئىتتىپاقى كونتروللىقىدىكى رايون) 1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى >گېرمانىيە دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتى< بولۇپ قۇرۇلغان. 1990 - يىلى 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئىككى گېرمانىيە رەسمىي بىرلەشكەنلىكىنى، بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن سابىق فېدېراتىپ رەسمىي بىرلەشكەنلىكىنى، بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن سابىق فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ دۆلەت نامى، گىربى، بايرىقى، پۇلى ھەمدە سىياسىي تۈزۈمىنى قوللىنىشنى جاكارلىغان. گېرمانىيىنىڭ يەر مەيدانى 357 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 81 مىليون 500 مىڭ، بۇنىڭ % 90ى گېرمانلار، % 2.6ى تۈركلەر، قالغىنى دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن مۇھاجىرلاردىن تەشكىل تاپقان. گېرمانلار خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. گېرمان تىلى دۆلەت تىلى بولوپ، قالغان مىللەتلەر ئۆز تىلىنى قوللىنىدۇ. پايتەختى بېرلىن، پۇل بىرلىكى مارك (يەنى Mark) بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى <دۆلەت> بولۇپ، بۇ يەردىكى كۆچمە مەنىسى <دۆلەت پۇلى> بولىدۇ. گېرمانىيە پارلاق نۇر چاقناپ تۇرغان قارا، قىزىل ۋە سېرىق ئۈچ خىل رەڭلىك توغرا بەلدەملىك دۆلەت بايرىقىنى قوللانغان. بۇ ئۈچ خىل رەڭ ئۇزاقتىن بۇيان پان گېرمانلارنىڭ بىرلىككە كېلىش، مۇستەقىل بولۇش ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادىسى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەلگەن. مىلادىيە 1 - ئەسىردە رىم ئىمپېرىيسى باشلامچى بولۇپ، بۇ بايراقنى ئىشلەتكەن، 1848 - يىلى، گېرمانىيە بۇرژۇئازلىرى مۇستەبىت كېنەزلەر ۋە ماركىزلارغاقارشى تۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دېموكراتىك ئىنقىلاب يولىدا چۇقان كۆتۈرگەن. قارا رەڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ بىسىلغان پاجىئەلىك ھالىتىنى بىلدۈرگەن؛ شوخ قىزىل رەڭ لاۋىلداپ كۆيگەن ئوتتەك خەلقنىڭ ئەركىنلىككە ئىنتىلگەن قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن، كېيىنكى بىر مەزگىلدە بۇ بايراقنىڭ ئورنىنى كۆپ قېتىم باشقا بايراقلار ئىگىلىۋالغان؛ 1871 - يىلى قۇرۇلغان گېرمانىيە ئىمپېرىيسى قىزىل، ئاق ۋە قارا رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن؛ 1918 - يىلى قۇرۇلغان ۋېيما جۇمھۇرىيىتى تارىخىنىڭ چاڭ - توزانلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن بۇ بايراقنى قايتىدىن كۆتۈرۈپ چىققان. 1933 - يىلى گىتلېر ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن 3 - ئىمپېرىيە ناتسىستلارنىڭ پارتىيە گېربى دۆلەت بايرىقى ئورنىدا ئىشلەتكەن. 1949 - يىلى سېنتەبىردە، قارا، قىزىل ۋە سېرىق رەڭلىك بايراق يەنە دۆلەت بايرىقى سۈپىتىدە گېرمانىيە زېمىنىدا جەۋلان قىلغان. 1950 - يىلى تۈزۈلگەن گېرمانىيە دۆلەت گېربىمۇ تارىخىنىڭ مەھسۇلىدۇر. توپا رەڭ قالقانغا تومشۇقى بىلەن بارمىقى قىزىل، ئۆزى قارا بىر شۇڭقار ئالاھىدە ئۇسلۇبتا سىزىلغان. بۇ نۇسخا ئەڭ بۇرۇن 12 - ئەسىردىكى ھوخېنسولون جەمەتىدىن پەيدا بولغان، بۇ جەمەتتىكىلەر بروسىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ، كېيىن گېرمانىيىنىڭ خان جەمەتىگە ئايلانغان. شۇڭقارنى گېربىنىڭ بەلگىسى قىلىش 9 - ئەسىردىلا پەيدا بولغان. بىلىشىمىزچە، بۇ نۇسخىنى فرانكو پادىشاھى چارلېس Ⅰ نىڭ ئارمىيىسى رىم ئىمپېرىيىسىدىن گېرمانىيىگە تارقاتقانىكەن.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر