UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرسېيشېل

سېيشېل

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا چەت ئەللىكنىڭ ئىسمىدىن پەيدا بولغان دۆلەت نامى ھىندى ئوكياننىڭ غەربىدىكى 42 ئارالدىن تەشكىل تاپقان ئارال دۆلەت. يەر مەيدانى 404 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا بولغان ئارىلىقى 1500 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 64 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنى بانتو تىل سىستېمىسىدىكى نېگىرلار ئىگىلەيدۇ. بۇلاردىن باشقا فرانسۇزلار، ھىندىلار، پاكىستانلىقلار، خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان. ئاھالىنىڭ% 90 ى كاتولىك دىنىغا، ئاز قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىدا، ئاھالىنڭى كۆپى كىرىئور تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. پايتەختى ۋىكتورىيەشەھىرى. سېيشېل تروپىك بەلباغقا (جەنۇبىي كەڭلىك° 4 بىلەن° 5 ئارىلىقىغا) جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئىقلىمى يىل بويى ئىسسىق، ھۆل - يېغىن كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃27، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 دىن 4000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. سېيشېل ئاراللىرىغا 1504 - يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر كەلگەن. 1770 - يىلى فرانسىيە بۇ جاينى مۇستەملىكە قىلغاندىن كېيىن، فرانسىيىلىكلەر ئاسىيا - ئافرىقىدىن كىشىلەرنى يۆتكەپ كېلىپ، قەلەمپۇر، قارامۇچ قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرگەن. 1794 - يىلى ئەنگلىيىلىكلەر قوشۇن ئەۋەتىپ بۇ جاينى بېسىۋالغان. 1814 - يىلىدىكى پارىژ كېلىشىمى بويىچە فرانسىيە بۇ ئاراللارنى رەسمىي ئەنگلىيىگە بەرگەن. 19 76 - يىلى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ سېيشېل جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. سېيشېل ھازىر يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. سېيشېل ئىقتىسادىي جەھەتتە دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا ئاساسلىق پالما، پۇراقلىق ماتېرىياللار، چاي، كوفى، ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. بېلىقچىلىق جەھەتتىن ئۆزىنى تەمىنلەپ، ئېكسپورت قىلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، ئۆي قۇشلىرى، چوشقا بېقىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساياھەتچىلىك تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. ساياھەتچىلىكتىن كېلىدىغان كىرىمى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 50 دىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلىدۇ. سېيشېلنىڭ تولۇق نامى <سېيشېل جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ھىندى ئوكياننىڭ غەربىگە جايلاشقان بىر ئارال دۆلەت. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھەر خىل قاراشلار بار: بىرىنچى، دەريا نامىدا ئاتالغان، دەريا نامى يەرلىك قەبىلە نامىدىن ئېلىنغان؛ ئىككىنچى، ئەڭ بۇۇرن بۇ جايغا كەلگەن توكلېرلار قۇرغان شەھەرنىڭ نامىدىن ئۆزگىرپ كەلگە؛ ئۈچىنچى، 1502 - يىلى ياكى 1504 - يىللىرى پورتۇگالىيىلىكلەر بۇ ئارالغا كېلىپ، <يەتتە ئاچا - سىڭىل ئارىلى> دەپ نام قويغان بولۇپ، بۇ جاي دەل رىۋايەتتىكى ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانا تۇرغان جەننەت ئىكەن (غەربلىكلەرنىڭ رىۋايىتى). 1742 - يىلى 11 - ئايدا فرانسىيە ئېكىسپىدىتسىيىچىسى را. چېر. پىك بۇ ئارالغا يېتىپ كېلىپ، ماۋرىتىئۇسنىڭ فرانسىيىلىك ۋالىسى مائىر. دې. را. پتونا ( 1699 - 1753) نىڭ ئىسمىدا بۇ ئارالنى راپتونا تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىغان. 1756 - يىلى فرانسىيە ئوفىتسېرى كاپىتان كىئورنېي. نىكولاي. مورفىي ئېكسپىدىتسىيە ئەترىتىنى باشلاپ مائىر ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، بۇ ئارالنىڭ شەرقىدىكى يەتتە ئارالنى ئىگىلىگەن ۋە شۇ چاغدىكى فرانسىيىنىڭ مالىيە باش نازارەتچىسى مورو. دې سېيشېل تۆرىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن >سېيشېل< دەپ نام قويغان. بۇئارالنى 16 - ئەسىردە پورتۇگالىيىلىكلەر ئىگىلىگەن. كېيىن ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە نۆۋەتلىشىپ تالاشقان، نەچچە قېتىم قولدىن - قولغا ئۆتۈپ، ئاخىرى 1814 - يىلى ئەنگلىيە، فرانسىيە كېلشىم ھاسىل قىلپ، ئارالنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەنگلىيىنىڭ ماۋرىتىئوستىكى مۇستەملىكە دائىرىلىرىنىڭ باشقۇرشىدا بولدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 1903 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ بىۋاستە قاراشلىق مۇستەملىكىسى بولغان، 1976 - يىلى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى مۇستەقىل بولغاندا >سېيشېل< نامىنى دۋاملىق ئىشلىتىپ، ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى ئىچىدىكى جۇمھۇرىيەتكە ئايلانغان. سېيشېلنىڭ يەر مەيدانى 453 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 71 مىڭ. كۆپىنچىسى كېلىئورلار بولۇپ، كېلىئور تىلى قوللىنىلىدۇ. ئىنگلىز، فرانسۇز تىلىمۇ مەلۇم تەسىرگە ئىگە. ئاھالىنىڭ % 90ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى ۋىكتورىيە. پۇل بىرلىكى سېيشېل رۇپىيىسى. غەربىي ھىندى ئوكيانغا جايلاشقان سېيشېل 85 ئارالداىن تەركىب تاپقان. 1814 - يىلى پارىژ شەرتنامىسى بويىچە ئەنگلىيىگە تەۋە بولغان، 1976 - يىلى يانۋاردا لوندوننىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىدا ئېتراپ قىلىنغان ھەمدە شۇ يىلى ئىيۇندا رەسىمىي مۇستەقىل بولغان. مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە، سابق مېتروپولىيە قىلغۇچى دۆلەت - ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىدىكى رەڭنى سېيشېل دۆلەت بايرىقىغا قوشقان. 1977 - يىلى ئىيۇندا سېيشېل دۆلەت بايرىقى قايتىدىن تۈزۈلگەن. يېڭىدىن تۈزۈلگەن دۆلەت بايرىقى ئۈستىدىن تۆۋەنگىچە قىزىل، ئاق، يېشىل رەڭدىكى ئۈچ دولقۇنسىمان توغرا بەلدەمدىن شەكىللەنگەن، قىزىل رەڭ ئىنقىلاب ۋە تەرەققىياتنىڭ بەلگىسى بولۇپ، خەلقنىڭ ئىلغار يېڭى جەمئىيەت قۇرۇشتەك غايسى ئىپادىلەنگەن؛ ئاق رەڭ دۆلەت زېمىننى چۆرىدەپ تۇرغان ئوكيان ۋە مول تەبىئىي بايلىقنى بىلدۈرگەن؛ يېشىل رەڭ كەك زېمىن، ئۆسۈملۈك ۋە يېزا ئىگىلىكنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۈچ خىل رەڭنىڭ بىرلىشىشى، سېيشېل خەلقىنىڭ باراۋەرلىك، ئەركىنلىك ۋە مېھىرىبانلىق ئاساسىدا مىللەتلەر ئىناقلىقىنى بەرپا قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. سېيشېل جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى سوقىچاق شەكىللىك بولۇپ، 1976 - يىلى تۈزۈلگەن. ئېگىز ئاسمان بىلەن بىپايان دېڭىز ئارلىقىدا بىر پارچە بىر پارچە يېشىل زېمىن چوقچىيىپ چىققان بولۇپ، ئارال دۆلىتى - سېيشېلى كۆرسەتكەن. يىراق ھىندى ئوكياندا دولقۇنلار يېرىپ ئالغا بېسىۋاتقان بىر ئاق يەلكەنلىك كېمە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. قالقاننىڭ ئوتتۇرىسىدىى مول مېۋە بەرگەن بىر تۈپ كوكۇس دەرىخى سېيشېلنىڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى، كارتېتا بىلەن يەلكەن بېلىق دۆلەتنىڭ ئالاھىدە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، دۆلەت گېربى ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا سېيشېلنىڭ > ئىش رىقابەتتىن پۈتىدۇ< دېگەن سۆز يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر
سېيشېل | UyghurWiki | UyghurWiki