ئارگېنتىنا
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئامېرىكا
كۈمۈش دۆلىتى
جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان دۆلەت. پۈتۈن دۆلەتنىڭ يەر كۆلىمى 2 مىليون 776 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 30 مىليون 330 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، ئاھالىنىڭ % 97 نى ئاق تەنلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكا بويىچە ئاق تەنلىكلەرنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇپ ھېسانلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىتالىيىلىكلەر بىلەن ئىسپانىيىلىكلەر كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ. ئاق تەنلىكلەردىن قالسا ئىندىئانلار ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەھۇدىلار، ئەرەبلەر بار. ئارگېنتىنا ئاھالىسىنىڭ% 85 شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن. ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىسپان تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئارگېنتىنا 16- ئەسىردىن باشلاپ تاكى 1816 - يىلغىچە ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1816 - يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن لاپلاتا بىرلەشمە ئۆلكىسى دەپ ئاتالغان، 1816 - يىلى ئارگېنتىنا دەپ ئاتالغان، 1816 - يىلى ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتى بولغان، 1972 - يىلى 2 - ئاينىڭ 91 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئارگېنتىنا — جەنۇبىي ئامېرىكا بويىچەسانائەت، يېزا ئىگىلىكى خېلى تەرەققىي قىلغان دۆلەت. يېزا ئىگىلىكىدە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. قوي، كالا بېقىشتا ۋە كۆممىقوناق، بۇغداي، شىكەر قومۇشى ئۆستۈرۈشتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئارگېنتىنا دۇنيادا مۇھىم ئاشلىق، كالا گۆشى ئېكسپورت قىلىدىغان دۆتلەرنىڭ بىرى. كالا گۆشى ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. كالا گۆشى ئېكسپورتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، ئاشلىق ئېكسپورتى تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ%75 نى گۆش، ئاشلىق، قوي يۇڭى قاتارلىقلار تەشكىل قىلىدۇ (1983). ئارگېنتىنا سانائەت جەھەتتە پولات - تۆمۈر، ماشىنسازلىق، نېفىت ئايرىش، چارۋا مەھسۇلاتلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېلېكترون، كېمىسازلىق، توقۇمىچىلىق قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. ئارگېنتىنانىڭ قاتناش — ترانسپورت ئىشلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان.
ئارگېنتانىڭ تولۇق نامى <ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. نامى لاتىن تىلىدىكى Argentun (كۈمۈش) سۆزىدىن ئۆزگەرتىلگەن. 1516 - يىلى ئىسپانىيە دېڭىزچىسى سولېز بۇ يەرگە تۇنجى بولۇپ كەلگەن، 1520 - يىلى پورتۇگالىيە دېڭىزچىسى ماگېللان دۇنيانى ئايلىنىش ساياھىتىدە ھازىرقى ئارگىنتىنادىكى لاپلاتا دەرياسىغا كىرىپ، شۇ جايدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ كىرگەن. ئۇ يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ ئۇچىسىغا كۈمۈش زىننەت بويۇملىرىنى ئېسىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ جايدىن كۈمۈش جىق چىقىدىكەن دەپ ئويلاپ قېلىپ، پارانا دەرياسى بىلەن ئۇرۇگۋاي دەرياسى قۇشۇلغان قىسمىنى ئىسپان تىلىدا <لاپلاتا دەرياسى> (مەنىسى <كۈمۈش دەرياسى>) دەپ ئاتىغان. يەنە بەزىلەرنىڭ ئېيتىشچە، ئىسپانىيىگە خىزمەت قىلىدىغان ئىتالىيە ئېكسپىدىتسىيىچىسى سىۋاستىئان كاربوت ( 1476 - 1557) 1526 - يىلى بۇ دەريانى بايقىغاندا، يەرلىكلەر بىلەن كۈمۈش سودىسى قىلىپ باققاچقا، دەريانى <كۈمۈش دەياسى> دەپ ئاتىغان ئىكەن، ئەمەلىيەتتە بۇ جايدىن كۈمۈش چىقمايدۇ، كۈمۈش بولىۋىيىدىن كەلگەن. كېيىن ئىسپانىيە پادىشاھى بۇ ئەتراپلاردا لاپلاتا ۋالىي رايونى تەسىس قلغان، شۇندىن ئېتبارەن بۇ تۇپراق <كۈمۈش> نامىدا ئاتىلىپ قالغان. تۇنجى قېتىم ئارگېنتىنا سۆزىنى دۆلەت ۋە رايون نامىدا ئىشلەتكەن كىشى ئاتاقلىق شائىر مارتىن دىئىر. پاركو - سنتىرىنا ئېسكوپ (1535 - 1602) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يازغان قىسسە <ئارگېنتىنا> (قىسقارتىلما نامى) 1602 - يىلى پورتۇگالىيىنىڭ لېسسابوندا نەشىر قىلىنغان. شۇندىن كېيىن، ئارگېنتىنا سۆزى دائىم لاپلاتا نامىنىڭ ئورنىدا پۈتكۈل لاپلاتا دەريا ۋادىسىنى كۆرسەتكەن. ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئارگېنتىنا سۆزى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، تارىخ ۋە ئەدىبىي ئەسەرلەردە كەڭ ئىشلىتىلگەن. ئارگىنتىنا 16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىسىدا ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، مۇستەقىللىقتىن ئىلگىرى، 1813 - يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان دۆلەت شېئېرىدا ئارگېنتىنا دۆلەت نامى قىلىپ ئىشلىتىلگەن. 1816 - يىلى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، يېڭى دۆلەت نامى كونا نام لاپلاتانى ئىسپان تىلىدىكى سۈپەت سۆزى <كۈمۈشنىڭ> گە ئالماشتۇرۇشىدىن بارلىققا كەلگەن. ھازىرقى نامى <ئارگېنتىنا> نىڭ ئۇدۇل تەرجىمىسى <كۈمۈش دۆلىتى>، لېكىن مەزمۇن جەھەتتىن قارىغاندا مەنىسى <لاپلاتا دەرياسى دۆلىتى> بولۇپ، 1826 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ماقۇللانغان جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنى <ئارگېنتىنا> نى دۆلەت نامى قىلغان.
ئارگېنتىنانىڭ يەر مەيدانى 2.776889 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 34 مىليون 180 مىڭ. بۇنىڭ % 81ى ئارگىنتىنالىق، % 5ى ئىسپانىيىلىك، ئۇندىن باشقا ئىتالىيان، نېمىس، ئىندىئان مىللەتلىرى بار. ئاھالىنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىسپان تىلى ھۆكۈمەت تىلى. پايتەختى بۇئېنوس ئايرېس، پۇل بىرلىكى ئارگېنتىنا پېسوسى.
ئارگېنتىنانىڭ دۆلەت بايرىقى شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە بايراقتۇر. بۇ بايراقنى 1812 - يىلى فېۋرالدا مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ماننۇئېيربېلگرانۇ لايھىلىگەن. 1807 - يىلى ھاۋا رەڭ ۋە ئاق رەڭلىك ھەربىي فورمىسىنى كىيگەن ئارگېنتىنىا ئەسكەرلىرى مۇستەملىكچىلىك قوشۇنىنىڭ كۆپ قېتىم ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، پاىتەختىنى قوغداپ قالغان. بۇ غەلبىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئارگېنتىنى دۆلەت بايرىقىغا ئەسكەرلەر فورمىسىنىڭ رەڭگنى ئىشلەتكەن. دۆلەت بايرىقى ئۈستىدىن ئاستىغىچە سۇس ھاۋارەڭ، ئاق ۋە سۇس ھاۋارەڭلىك توغرا بەلدەمدىن تەركىب تاپقان، ئوتتۇرىسىغا < ماي قۇياشى> سىزىلغان. ئاق ۋە سۇس ھاۋا رەڭ ئادالەت بىلەن ھەققانىيەتنى نامايان قىلغان، < ماي قۇياشى> بولسا، ئارگېنتىنانىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى قوزغالغان كۈنى - 1810 - يىلى 25 - ماينى بىلدۈرگەن. قان ئەركىنلىك ئۈچۈن ئاققان، ئەركنلىك ئۈچۈن ئۇرغۇغان، قانلار دەريا بولۇپ ئاققان دەھشەتلىك بوران - چاپقۇندا دۇنياغا كەلگەن بۇ بايراق ئارگېنتىنا خەلقىنى باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، مۇستەملىكچىلەرنى ۋەتەن زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا يېتەكلىگەن. 1816 - يىلى ئىيۇلدا رەسمىي دۆلەت بايرىقى قاتارىدا ئارگېنتىنانىڭ بىپايان كەڭ كۆك ئاسمىنىدا جەۋلان قىلغان.
ئارگېنتىنى دۆلەت گېربىدە ئىككى قول بىلەن چىڭ تۇتۇپ تۇرغان بىر < ئەركىن خادا > بولۇپ ئۇنىڭغا بىر قىزىل< ئەركىن تۇماق> كىيەۈزۈلۈپ قويۇلغان، بۇ خادا بىلەن تۇماق فرانسىيە ئىنقىلابىدىن كەلگەن بولۇپ، مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىككە سىمۋول قىلىنغان. جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت گېربىگە مۇشۇ ئىككى خىل نۇسخا سىزىلغان. چىڭ تۇتۇشۇپ تۇرغان ئىككى قول ئارگېنتىنانىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى كۆرسەتكەن. دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىدىكى < ماي مۇياشى> ئەركىنلىك بىلەن تاڭ نۇرىنى بىلدۈرگەن.