UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرگوندۇراس

گوندۇراس

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا تېگى يوق ھاڭ ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ شىمالىي، شەرقىي قىسىملىرى كارىب دېڭىز سۈيى بىلەن، غەربىي، جەنۇبىي قىسىملىرى تىنچ ئوكياننىڭ فرىنسىكا قولتۇق سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 112 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 4 مىليون 250 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ%91 نى ئىندىئانلار،% 2 نى نېگىرلار،% 1 نى ئاق تەنلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى ھېسابلىنىدۇ، پايتەختى تېگوسىگالپا شەھىرى. گوندۇراس تاغلىق دۆلەت. ئۇنىڭ يېرىنىڭ 3/4 قىسمىنى تاغلىق ۋە ئېگىزلىكلەر ئىگىلەيدۇ. تاغلىقلار غەربتىن شەرققە سوزۇلغان بولۇپ، دېڭىز قىرغاقلىرىدا تار كەتكەن تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىقلىمى تروپىك بەلباغ ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃23 بولىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى مول بولۇپ، دېڭىز قىرغاقلىرى بىلەن تاغلىقلاردا 3000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. گوندۇراسنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى، ھۆل - يېغىنى مول بولغانلىقتىن، ئۆسۈملۈكلەر يىل بويى ئۆسەلەيدۇ، ئۇنىڭ % 50يېرىنى تروپىك ئورمانلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ. گوندۇراس ئەسلىدە ئىندىئانلارنىڭ ماكانى بولۇپ، 16 - ئەسىرگە كەلگەندە ئىسپانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1821 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن. گوندۇراس ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %27نى تەشكىل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەك كۈچى پۈتۈن ئەمگەك كۈچىنىڭ %67 نى تەشكىل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق بانان ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا كوفى، كېۋەز، شېكەر قومۇشى، كۆممىقوناق، كوكۇس پالمىسى، تاماكا قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياقىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. سانائەتتە كىچىك تىپتىكى كان سانائەتلىرىنى، توقۇمىچىلىق، شېكەر، تاماكا، ياغاچ ماتېرىياللىرى، مېتاللۇرگىيە، سېمونت، خىمىيە سانائىتى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا كان سانائىتىمۇ خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ھوندۇراسنىڭ تولۇق نامى <ھوندۇراس جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچى، 1502 - يىلى كولومبو تۆتىنچى قېتىم ئامېرىكىغا كېلىپ ئېكىسپىدېتسىيە ئېلىپ بارغان، ئۇلار باھاما تاقىم ئاراللىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ ھوندۇراس دېڭىز بويلىرىنى ياقىلاپ شەرققە يۈرۈش قىلىۋېتىپ، بۇ ئەتراپتىكى دېڭىز سۈيىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر، سۇ ئېقىنىنىڭ بەك تېزلىكىنى بايقىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار يەنە قاتتىق بورانغا ئۇچراپ قېلىپ، باشتىن - ئاخىر قىرغاققا يېقىنلىشالمىغان. شۇنداق مېڭىپ يۈرۈپ تاكى ھازىرقى <گىلاشياس - دىئوس> دېڭىز تۇمشۇقىغا كەلگەندە ئاندىن قۇرۇقلۇققا چىقالىغان. قىرغاققا چىققاندىن كېيىن كولومبو:<خۇداغا مىڭ شۈكرى، بىز ئاخىرى تېگى يوق ھاڭدىن چىقىۋالدۇق> دېگەن. شۇندىن كېيىن بۇ دېڭىز تۇمشۇقى <گىلاشياس - دىئوس> يەنى <خۇداغا شۈكرى> دېگەن مەنىدە ئاتالغان. بۇ جايلارنى ئۇلار < Honduras> دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئىسپانچىدىكى مەنىسى <چوڭقۇر سۇ> ياكى <تېگى يوق ھاڭ>؛ ئىككىنچى، 1524 - يىلى بىر تۈركۈم ئىسپانىيە كۆچمەنلىرى چوڭقۇر دېڭىزدىن سالامەت ئۆتۈپ، ھوندۇراس دېڭىز بويىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ كېلىپتۇ. ئۇلار خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى پاناھىدا ساقلىغىنىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسدىن، بۇ ئەتراپلارنى ھوندۇراس دېڭىز قىرغىقى دەپ ئاتىغان. ھوندۇراسنىڭ قەدىمكى نامى گۇائىمورا بولۇپ، بۇ نام شۇ يەردىكى بىر يەرلىك قەبىلىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. ھوندۇراس 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، 1821 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1823 - يىلى 6 - ئايدا ئوتتۇرا ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىگە ئەزا بولغان. 1838 - يىلى فېدېراتسىيە پارچىلانغاندىن كېيىن، ھوندۇراس جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. ھوندۇراسنىڭ يەر مەيدانى 112.492 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 55 مىليون 810 مىڭ، شالغۇت كىشلەر % 86، ساپ ئىندىئانلار % 10، قارا تەنلىكلەر % 2، ئاق تەنلىكلەر % 2نى ئىگىلەيدۇ. ئىسپان تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى تېگۇسىگالپا. پۇل بىرلىكى لېمىپىرا. 1821 - يىلى گوندۇراس ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئامېرىكا بىرلەشمىسى تەركىبىدىكى باشقا تۆت دۆلەت بىلەن ئوخشاش مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ دۆلەت بايرىقى ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئامېرىكا بىرلەشمە دۆلىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ئوخشاش بولۇپ، ئىككى كۆك بالداقنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر ئاق بالداق قىستۇرۇلغان. كارىب دېڭىزى بىلەن تىنىچ ئوكيان كۆك رەڭ ئارقىلىق تىنىچلىقنىڭ سىمۋولى بولغان ئاق رەڭنى ئارىغا ئالغان. 1866 - يىلى ئاق بالداقنڭ ئوتتۇرىسىغا يەنە بەش كۆك بەشيۇلتۇز قوشۇلۇپ، گوندۇراسنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوتتۇرا ئامېرىكا بىرلەشمىسىدىكى بەش دۆلەتنىڭ يەنە بىرلىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان قەلبىنى ئىپادىلىگەن. گوندۇراس دۆلەت گېربىدىك قۇرام تاش بىلەن قوپۇرۇلغان مونسونىك مۇنارى باراۋەرلىك بىلەن ئادالەتنىڭ سىمۋولى بولغان. ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى ئىككى تۆت چاسىلىق مۇنار دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىغا سىمۋول قىلىنغان. بىپايان كۆك ئوكيان گوندۇراسنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنى بىلدۈرگەن. ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان كۆك ئاسمان بىلەن ھەسەن - ھۈسەن كېلەچەككە بولغان ئىنتىلىش بىلەن ئارزۇسىنى روشەن ئىپادىلىگەن. ئىسپانىيىچە < گوندۇراس جۇمھۇرىيىتى 1821 - يىل 15 - سېنتەبىر، ئەركىنلىك، ئىگىلىك ھوقۇق، مۇستەقىللىق> دېگەن سېرىق خەت يېزىلغان ئېللىپىسىمان شەكلىنىڭ ئاق ھالقىسى بىلەن چەمبەرلەنگەن مۇنار مەنىۋى سىجىللىقىنى نامايان قىلغان. رەڭلىك پەي مۆڭگۈزى مول تەبىئىي بايلىقنى ئېگىز كۆتۈرگەن. ئاستى قىسىمىدا مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرىدىغان قارىغاي بىلەن كاۋچۇك دەرىخى مۇستەھكەم كۈچ بىلەن ئارزۇ - ئۈمۈدىنى يىتىلدۈرگەن. دۆلەت خەلققەئەمگەك ۋە شان - شەرەپ ئارقىلىق ئەل ئېڭىنى يېتىشتۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان. مايالارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى گوندۇراسنڭ تارىختا نۇر چاقناپ تۇرغان مايا مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر