پورتۇگالىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
ئىللىق قولتۇق
ياۋروپادىكى ئىبېرىئان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىگە جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 91 مىڭ 943 كۋادرات كلومېتر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ يەر مەيدانى 87 مىڭ 740 كۋادرات كىلومېتر، ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئازور ۋە مادىرا تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەيدانى 3203 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 10 مىليون 100 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ % 99 ىنى پورتۇگال مىللىتى، قالغىنىنى ئىسپان قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. ئاھالىسىنىڭ %90 تىن كۆپرەكى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پورتۇگال تىلىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. پايتەختى - لىسىبون شەھىرى. پورتۇگالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى بىلەن ئىسپانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قەدىمكى دەۋردە لۇزىتان خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن، بۇ جايلار شۇ خەلقلەر نامىغا لۇزىتانىيە دەپ ئاتالغان. 11 - ئەسىرگە كەلگەندە دوئېرو دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئورۇنلار پورتۇكالەي رايونى (ھازىرقى پورتو شەھىرى ئەتراپى) دەپ ئاتالغان. بۈگۈنكى پورتۇگالىيە دېگەن نام پورتۇكالىنس دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. ئۇ لاتىنچە <يىللىق پورت، سۈيى توڭلىماس پورت> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. پورتۇگالىيە تارىختا رىم، گېرمان، مور (ئەرەب) خەلقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1143 - يىلى پورتۇگالىيە چەت مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1415 - يىلغا كەلگەندە چەتكە قاراپ كېڭىيىشىنى باشلىغان. 15 -، 16 - ئەسىرلەردە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نۇرغۇن ئورۇنلارنى بېسىۋېلىپ، دۇنيادا ئەڭ بۇرۇنقى مۇستەملىكىچى ئىمپېرىيە بولغان. 1581 - يىلى ئىسپانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1640 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلغان، 1891 - يىلى بىرىنچى جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان، 1910 - يىلى 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان، 1949 - يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتناشقان. پورتۇگالىيە تاغلىق دۆلەت بولۇپ، شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس، دېڭىز قىرغاقلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. ئۇنىڭ شىمالىي مۆتىدىل بەلباغ كەڭ يوپۇرماقلىق ئىقلىمغا، جەنۇبىي يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا كىرىدۇ. ئەڭ سوغۇق بولغان 1 -، 2 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃11، 7 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃20-℃26، ھۆل - يېغىنى 500-1000 مىللىمېتر كېلىدۇ. غەربىي شىمال قىسىملىرىدا 1500 مىللىمېتردىن ئاشىدۇ. ئورمان مەيدانى پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ % 28ىنى ئىگىلەيدۇ. پورتۇگالىيىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى غەربىي ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا قالاقراق. بىراق دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلى تەرەققىي قىلغان. سانائىتىدە كان سانائىتى، نېفىت ئايرىش، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، خىمىيە، قەغەز ئاپتوموبىل، كېمىسازلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. بولۇپمۇ سۇ ئېنېرگىيە ماشىنىلىرى، چوڭ تىپتىكى كران، دېڭىزدا نېفىت ئېلىش ئۈسكۈنىلىرى دۇنيادا ئىلغار سەۋىيىگە ئىگە، ئۇنىڭ كېمىسازلىقى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ 300 مىڭدىن 700 مىڭ توننىلىق نېفىت پاراخوتلىرىنى ياسىيالايدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، كۆممىقوناق، ئۈزۈم، ياغلىق زەيتۇن، ئاپېلسىن، سەي قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. پورتۇگالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى يېزا ئىگىلىك رايونلىرىنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيىسى خېلى يۇقىرى. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. ئېھتىياجلىق ئاشلىقنىڭ يېرىمىنى سىرتتىن ئالىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاران 17.8% ىنى تەشكىل قىلىدۇ. سىرتتىن ئاشلىق، گۆش، نېفىت، ماشىنا، خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرى، بېلىق كونسېرۋاسى، ئۈزۈم ھارىقى، زەيتۇن دېغى، ۋولفرام، ياغاچ، پۇرۇپكا دەرىخى مەھسۇلاتلىرى چىقىرىلىدۇ. پورتۇگالىيىنىڭ ھاۋاسى يىللىق، مەنزىسى گۈزەل بولغانلىقتىن ساياھەتچىلىك ئىشلىرى راۋاجلانغان. ھەر يىلى بۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلار 9 مىليوندىن ئاشىدۇ (1984). يىللىق ساياھەتچىلىك كىرىمى 767 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.
پورتۇگالىيىنىڭ تولۇق نامى <پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ياۋرۇپا ئىبرىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، قەدىمكى يۇنان ۋە رىم دەۋرىلىرىدە جۇغراپىيشۇناشلار بۈگۈنكى پورتۇگالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە ئىسپانىينىڭ ئوتتۇرا قسىمىنى روستانىيە دەپ ئاتىغان، چۈنكى قەدىمدە روستىنلار بۇ جايدا ماكانلاشقاشقا شۇنداق ئاتالغان، پورتۇگالىيىلىكلەر ئۆز ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىمۇ دائىم ئۆز دۆلىتىنى روستانىيە دەپ ئاتىشىدۇ، مىلادى 11 - ئەسىردە دور دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى رايونلىرى پورتۇگالىي رايونى دەپ ئاتالغان، بۇ نام پورتۇگالىي بازىرىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان (يەنى بۈگۈنكى بورىت رايونى بولۇپ، بۇ نام لاتىن تىلىدىن كەلگەن، مەنىسى <ئىللىق قولتۇق> يەنى <مۇز قاتماس قولتۇق> )، كېيىن شىمالىي ئافرىقىدىك مورىيلار تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئۇ جايدىكى پورت شەھىرىنى بېسۋالغان. 1035 - يىلى پورتۇگالىيە ماركوزلۇق بولۇپ شەكىللەنگەن ۋە شەھەرنىڭ نامىنى رايون نامى قىلىپ قوللانغان، 1143 - يىلى پادىشاھلىق قورۇلۇپ، يەنە شەھەر نامىنى دۆلەت نامى قىلىپ، پورتۇگالىيە پادىشاھلىقى دەپ ئاتىغان. 15 - ۋە 16 - ئەسىرلەردە دېڭىزدىكى قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان. 1580 - يىلىدىن 1640 - يىلىغىچە ئىسپانىيە يۇتۇۋالغان. 1820 - يىلى پورتۇگالىيە پادىشاھلىقىنى قايتا قۇرۇپ، 1891 - يىلى بىرىنچى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. 1910 - يىلى 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان.
يەر مەيدانى 92 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 10 مىليون 580 مىڭ، پورتۇگال تىلى دۆلەت تىلى، ئاھالىنىڭ % 94ى كاتولىك دىنىغا ئىشنىدۇ. پايتەختى لىسبون. پۇل بىرلىكى ئېسكۇدو.
12 _ ئەسىردە پورتۇگالىيە مۇستەقىل پادىشاھلىق دۆلەت بولغاندا كۆك ۋە ئاق رەڭلىك بىر بايراقنى ئۇلۇغ مىللەت ۋە دېڭىز ئۈستىدىكى قەھرىماننىڭ بەلگىسى ئورنىدا ئىشلەتكەندى . 1910 - يىلى خانلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇلۇپ، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. دۆلەت بايرىقى قىزىل ۋە يېشىل رەڭگە ئۆزگۈرۈپ بايراققا دۆلەت گېربى كىرگۈزۈلگەن. قىزىل رەڭ يېڭى جۇمھۇرىيەتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە بولغان تەنتەنىسىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا يېڭى قۇرۇقلۇقنى بايقاش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەر قىلغان پورتۇگالىيىلىكلەرنىڭ تۆككەن ئىسسق قېنىغىمۇ سىمۋول قىلىنغان؛ يېشىل رەڭ ئۈمىد ۋە سەمىمىيلىكنى ھەم پورتۇگالىيە خەلقىنىڭ تارىختا دېڭىز ساياھەتچىسى ۋە لېگئون ئوردېنىغا ئېرشكۈچىسى شاھرادە ھېنىرىغا بولغان ھۆرمىتىنىمۇ ئىپادىلىگەن.
دۆلەت گېربى قويۇق تارىخى تۈسكە ئىگە بولۇپ، ئاساسلىقى دېڭىز ساياھىتىدە ئىشلىتىدىغان ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرەتكۈچى ئەسۋابىنى گەۋدىلەندۈرگەن، ئۇ پورتۇگالىيە دېڭىز ساياھەتچىلىرىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا ئېكسپېدىتسىيە قىلغان ۋە يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنى بايقىغان تارىخنىڭ ئسپاتىدۇر. ئەسۋابقا تېگى قىزىل، چۆرىسى ئاق بىر قالقانسىمان بەلگە ئورنىتىلغان، قالقانسىمان بەلگىدىكى يەتتە ئالتۇن قەلئە پورتۇگالىيە بىلەن كاستىلىيە پادىشاھىنىڭ ئۇرۇق - جەمەتلىرى توي قىلىپ بىرلەشكەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 1252 - يىلى قوشۇلغان. قىزىل قالقانسىمان بەلگىنڭ ئىچىدىكى ئاق قالقانسىمان بەلگە دۆلەت گېربىنىڭ يادروسى بولۇپ، بەش كىچىك كۆك قالقاندىن تەركىب تاپقان < گۇناھىنى يۇيۇش كرېسىتى > ئۇنىڭ ئىچىگە سىزىلغان، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1139 - يىلى ئەفانسو ھىنىرىكىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئولرىگاي جېڭىدە مۇرلارنى مەغلۇپ قىلغان بەش پادىشاھنى بىلدۈرىدۇ. ھەر بىر كۆك كىچىك قالقاندا بەش ئاق چېكىت بولۇپ، بۇلار كرېسىتكە مىخلانغان خرستوسنىڭ بەش جاراھىتىنى بىلدۈرگەن، بۇ خرستوسنىڭ ھەققانىيەت ئۈچۈن قەستكە ئۇچرىغان چاغدىكى رەسىمى بولۇپ، ئەينى چاغدا ئەفانسۇنىڭ دەل ئىيانىڭ نامىدا خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن مۇرلارنى يوقاتقانلىق مەنسىگىمۇ ئىگىدۇر. ئاق چىكىت جەمئىي 25 بولۇپ، بەش كۆك قالقان بىلەن دەل 30 بولغان. بۇ دەل يۇدانىڭ ئىيساغا ساتقىنلىق قىلىش بەدىلىگە كەلگەن كۈمۈش تەڭگىنىڭ ئۇمۇمىي ساندۇر. دۆلەت گېربى ئەتراپى تىنچلىقنىڭ بەلگسى بولغان زەيتۇن شېخى بىلەن بېزەلگەن.