UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرئوكرائىنا

ئوكرائىنا

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا چېگرادىكى مىللەت سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولۇپ، سوۋېت ياۋروپا قىسمىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 603 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 50 مىليون 843 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىسىنىڭ 4/3 قىسمىنى ئۇكرائىنلار، 5/1 قىسمىنى رۇسلار، قالغىنىنى يەھۇدى، پولەك قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ، پايتەختى كىيېۋ شەھىرى. ئۇكرائىنانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى تۈزلەڭلىك بولۇپ، شەرقىي، غەربىي، جەنۇبىي قىسىملىرىدا ئانچە ئېگىز بولمىغان ئېدىرلىق، تاغلىقلار بار. كۆپ جايلىرىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ ئوتلاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 300-650 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىرغاقلىرى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. بۇ جايلاردا ئۆسۈملۈكلەريىل بويى ياپيېشىل تۇرىدۇ. بۇ يەرنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ئۇكرائىنا 1954 - يىلى روسىيە بىلەن بىرلەشكەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان، 1922 - يىلى 12 - ئايدا روسىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بىرلىشىپ سوېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى ئىتتىپاقى بولۇپ تەشكىللەنگەن. ئۇكرائىنادا سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زۆرۈر بولغان كۆمۈر، تۆمۈر، مارگانېتس قاتارلىق كان بايقلىرى ناھايىتى كۆپ. ئۇ ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك بازىسى ھېسابلىنىدۇ. سانائەتتە كان سانائىتى (تۆمۈر، كۆمۈر، مارگانېتس، تەبىئىي گاز قاتارلىقلار)، پولات - تۆمۈر، رەڭلىك مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق (پاراخوت، تراكتور، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى)، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، يېمەك - ئىچمەك سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 4/1 نى ئىگىلەيدۇ. كۈزلۈك بۇغداي، كۆممىقوناق، قىزىلچا مەھسۇلاتى سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، چوشقا، سۈتلۈك كالىلار بېقىلىدۇ. كىيېۋ، خاركوۋ، دنېپرو پېتروۋسك، دونسكى، كرسۋوي روگ، زاپودوژى، ئودېسا قاتارلىق شەھەرلەر مۇھىم شەھەرلەر ھېسابلىنىدۇ. ئوكرائىنانىڭ تولۇق نامى <ئوكرائىنا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ياۋرۇپا قىسمىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن كەلگەن. ئوكرائىنلار قەدىمكى رۇسلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، مىلادى توققۇزىنچى ئەسىردە بىر قانچە شەرقىي سلاۋيان قەبىلىسى قەدىمكى رۇس قەبىلىسى بولۇپ ئۇيۇشقان ۋە كېيۋروس گىرىتسوگلىقىنى قۇرغان. 12 -- 14 - ئەسىرلەردە پارچىلىنىپ ئوكرائىن، رۇسىيە ۋە بىلۇرۇسىيە قاتارلىق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. 17 -- 19 - ئەسىرلەردە دېنپىر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەنكى ئېقىمى رايونىدا كىيىۋ، مولداۋا ۋە چېرنىگوۋنى مەركەز قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا ئوكرائىن مىللىتى شەكىللەنگەن. ئوكرائىن <چېگرادىكى مىللەت> دېگەن مەنىدە. 17 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شەرقىي ئوكرائىن چارروسىيىگە قوشۇۋېلىنغان، 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا غەربىي ئوكرائىنمۇ قۇشۇۋېلىنغان، 1917 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى <ئوكرائىنا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى> قۇرۇلغان؛ 1922 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان؛ 1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، دۆلەت نامىنى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتكەن. ئوكرائىنانىڭ يەر مەيدانى 603.7 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 51 مىليون 100 مىڭ. كۆپ قىسمى ئۇكرائىن، يەنە رۇس، تاتار قاتارلىق مىللەتلەر بار. پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى كىيېۋ. 9 - ئەسىردىن 12 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئوكرائىنا كيېۋرۇسقا تەۋە ئىدى. 13 - ئەسىردىن باشلاپ ئوكرائىنا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ موڭغۇل تاتارلارنىڭ تاجاۋزى، لىتۋا كىنەزلىكى ۋە پلشانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان. 15 - ئەسىردە ئوكرائىنا مىللىتى ئاساسەن شەكىللەنگەن . 1654 - يىلى ئوكرائىنا بىلەن رۇسىيە بىرلىشىپ، چاررۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى زېمىنىغا ئايلانغان. لېكىن پولشا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا ئوكرائىنا مەدەنىيىتى تەدرىجى رۇسىيە مەدەنىيىتى بىلەن پەرقلىنىپ، ئۆزگىچە مىللي خاراكتىرىنى شەكىللەندۈرگەن. 1917 - يىلى ئوكرائىنادا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. كېيىن رۇسىيە فېدراتىپى قاتارلىقلار بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1945 - يىلى، ئوكرائىنا ب د ت قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. 1991 - يىلى ئاۋغۇسىتتا ئوكرائىنا مۇستەقىل بولغان. دۆلەت بايرىقى كۆك ۋە سېرىق ئىككى خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۈستى كۆك، ئاستى سېرىق رەڭلىك بايراق. بۇ ئىككى خىل رەڭ ئوكرائىنانىڭ ئەنئەنىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رەڭ بولۇپ، ئوكرائىنا مللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە مەدەنىيتىگە سىمۋول قىلىنغان. كۆك رەڭ بىپايان كەڭ ئاسمان بىلەن ئوكياننىڭ رەڭگى بولۇپ، ئوكرائىنانىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى گويا ئاسمان ۋە دېڭىزدەك مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ، تۇرىدىغانلىقىنى سىمۋول قىلىنغان؛ سېرىق رەڭ دۆلەتنڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە نوپۇزى ئوكرائىنانىڭ پارلاق، ئۇزاق تارىخىغا ئوخشاش پۈتۈن تاغ، دەريا ۋە كەك زېمىنىغا نۇر چېچىپ ۋە خۇش پۇراق مېۋە بېرىدىغانلىقىنى سىمۋول قىلىنغان. ئوكرائىنا دۆلەت بايرىقى چار پادىشاھ ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئوكرائىنادا ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغاندا تۈزۈپ چىقىلغان. دۆلەت گېربى كۆك قالقانسىمان گېرب بولۇپ، ئۈستىگە ئالتۇن رەڭلىك يالماقلىق نەيزە سىزىلغان. يالماقلىق نەيزە ۋلادىمىر ھەزرەتلىرى زامانىسىدىكى كيېۋ دۆلىتىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئوكرائىنىا مىللىتىنىڭ ئوزاق تارىخى تەرەققىياتىنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ئىزچىللىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ھازىر ئۇ ئوكرائىنانىڭ دۆلەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ۋە مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر