بۇرۇندى
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
مىللەت نامىدىن كەلگەن
شەرقىي ئافرىقىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. يەر مەيدانى 27 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 4 مىليون 600 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، ئاھالىنىڭ 85% تىنى بانتۇ تىل سىستېمىسىدىكى خوتو خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا نىلوت تىلىدا سۆزلىشىدىغان توشى خەلقلىرى (%13)، توۋا مىللىتى (%2)، ياۋروپالىقلار (ئاساسلىق بېلگىيىلىكلەر، ئىتالىيانلار، گرېكلەر)، ھىندىستان، پاكىستانلىقلار ياشايدۇ. خوتو خەلقلىرى دېقھانچىلىق بىلەن، توشى خەلقلىرى چارۋىچىلىق بىلەن، توۋا خەلقلىرى ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى ئىپتىدائىي دىنلار بىلەن كاتولىك دىنىغا، ئاز قىسمى خرستىئان، ئىسلام دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇرۇندى تىلى بىلەن فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇرۇندى دۆلىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئېگىزلىك، تاغلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى شەرقىي ئافرىقا چوڭ ئۈزۈلمىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، بۇ ئۈزۈلمە بەلباغ دائىرىسىدە تانگانىكا كۆلى ۋە روزىزى دەريا ۋادىلرى شەكىللەنگەن، دۆلەتنىڭ تاغلىق، ئېگىزلىكنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1500 دىن 2000 مېترغا يېتىدۇ. ئىقلىمى تروپىك ئوتلاق (ساۋاننا) ئىقلىم بەلباغقا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1200-1600 مىللىمېترغا يېتىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃20-℃25 ئارىلىقىدا بولۇپ، يىل بويى ئىسسىق بولىدۇ. پەقەت قۇرغاق پەسلى بىلەن ھۆلچىلىك پەسلىلا بولىدۇ. دۆلەتنىڭ غەربىي قىسىملىرىنى تروپىك ئورمانلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇرۇندى ئۆز ۋاقتىدا شۇ جايلاردا ئولتۇراقلاشقان بۇرۇندى خەلقلىرى نامىغا بېرىلگەن. بۇرۇندىدا 16 - ئەسىردە پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇلغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بۇ جايلارغا گېرمانىيە، ئەنگلىيىلىكلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1890 - يىلى بۇرۇندى بىلەن ھوۋاندا گېرمانىيىنىڭ شەرقىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بېلگىيىنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىدا بولغان. 1962 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1966 - يىلى 11 - ئايدا بۇرۇندى جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. بۇرۇندى ئىقتىسادى جەھەتتىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ئىقتىسادتا تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %75 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا ئاساسەن قوناق، كۆممىقوناق، كوفې، پاختا، چاي، شال ئۆستۈرۈلىدۇ. كوفې ئۇنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. چارۋىچىلىقى خېلى تەرەققىي قىلغان. ئاساسەن كالا، قوي بېقىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ئاز ساندا چوشقىمۇ بېقىلىدۇ. چارۋىچىلىق مەيدانلىرى پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ %30تىنى تەشكىل قىلىدۇ. سانائىتىدە ئاساسەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك، ئاپتوموبىل ۋە باشقا ماشىنىلارنى رېمونت قىلىش قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار. بۇرۇندى كوفې، پاختا، قەلەي قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، يېمەك - ئىچمەك، ئاپتوموبىل، خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرى، يېقىلغۇ قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ.
بۇرندىنىڭ تولۇق نامى<بۇرۇندى جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇلۇق دۆلىتى. دۆلەت نامى شۇ دۆلەتتىكى ئاساسلىق ئاھالە Barundi لارنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان، بۇرۇندىنىڭ كونا نامى ئۇرۇندى بولۇپ، بۇ <بۇرۇندى> نامىنىڭ شۋاھلى تىلىدىكى ترجىمىسى. بۇ جايدا مىلادى 16 - ئەسىردە فىئوداللىق دۆلەت قۇرۇلغان، 1890 - يىلى گېرمانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بېلگىيىنىڭ <ۋاكالىتەن ھۆكۈمرانلىقىدىكى يېرى> بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن <ۋاكالىتەن ئىدارە قىلىشى> دىكى جايغا ئۆزگەرتىلگەن، 1962 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، بۇرۇندى پادىشاھلىقىنى قۇرغان، 1966 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى دۆلەت نامىنى بۇرۇندى جۇھمۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن.
بۇرۇندىنىڭ يەر مەيدانى 27.834 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 5 مىليون 780 مىڭ. خۇتۇلار % 85نى، تۇتىسلار % 13نى ئىگىلەيدۇ. % 67ى خرىستىئان ۋە كاتولىك دىنىغا، % 2ى ئىسلام دىنىغا، قالغىنى ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇرۇندى ۋە فرانسۇز تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى بۇجۇمبۇرا. پۇل بىرلىكى بۇرۇندى فرانكى.
زىيانكەشىلككە ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، داۋاملىق خوجا بولۇپ كەلگەن بۇرۇندى، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي 1962 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ پادىشاھلىق دۆلەتنى قۇرغان. بايراقنىڭ ئەتتۇرىسىدىكى داپ دۆلەت بايرىقىدىكى ئەڭ ئالاھىدە ۋە روشەن بەلگە بولۇپ، ئەينى چاغدا پادىشاھ جەمەتىنىڭ ھوقۇقىغا سىمۋول قىلىنغاندى. 1966 - يىلى نويابىردا پادشاھ ئاغدۇرۇلۇپ، بۇرۇندى جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ھازىرقى دۆلەت بايرىقى بارلىققا كەلگەن . ئىككى ئاق بەلدەم گىرەلەشتۈرلۈپ بايراقنىڭ تۆت بۇلۇڭغا تارتىلىپ، بايرق تۆت ئۈچبۇلۇڭلۇق بولغان، ئاستى ۋە ئۈستىدىكى ئۈچبۇلۇڭلۇق قىزىل، ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى ئۈچبۇلۇڭلۇق يېشىل بولغان، ئوتتۇرىسىدىكى يۇمىلاق ئاق ئورۇندا ئۈچبۇلۇڭ شەكىلدە تىزىلغان يېىشل قىرلىق، ئالتە بۇرجەكىلىك ئۈچ قىزىل يۇلتۇز نۇر چېچىپ تۇرغان. قىزىل رەڭ قۇربان بولغان ئەجدادلارنى خاتىرلەش بەلگىسى بولغان، يېشىل رەڭ خەلق ئارزۇ قىلغان تەرەققىيات ئىشلىرىنى بىلدۈرگەن، ئاق رەڭ تىنچىلىقنىڭ بەلگىسى بولغان، ئۈچ يۇلتۇز ئايرىم - ئايرىم ھالدا < ئىتتىپاقلىق، ئەمگەك، تەرەققىيات > نىڭ سىمۋولى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇرۇندىكى ئۈچ قەبىلە - خۇتۇ، توۋا ۋە تېۋالارنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تىنىچلىقتا بىللە بولۇپ گۈزەل يۇرت - ماكاننى بىللە قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قالقانسىمان بەلگە بۇرۇندى خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا تارتقان جاپا - مۇشەققىتىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تارىخ ئارقىلىق كېلەچەكنى بىلىشىنى ۋە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنىڭ نەقەدەر ئاسانغا كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. قالقاننىڭ ئوتتۇرىسىدىك ئالتۇن رەڭلىك شىر بېشى دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بەلگىسىدۇر. قالقاننىڭ ئارقىسىدىكى ئۈچ نەيزە نېگىرلارنىڭ ئۈچ قەبىلىسىنى كۆرسەتكەن. ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا بۇرۇندى خەلقىنىڭ قولى، يۈرىكى ۋە ھاياتى بىلەن تىكلەنگەن قەسەم سۆزى : < ئىتتىپاق - خىزمەت - تەرە ققىيات > دېگەن خەت يېزىلغان.