ئافغانىستان
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
تاغلىق ئادەملەر دۆلىتى
غەربىي ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. ئۇ جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، پاكىستان، ئىرانلار بىلەن چېگرىداش. ئافغانىستاننىڭ يەر مەيدانى 647 مىڭ كۋادارات كىلومېترغا يېتىدۇ. ئاھالىسى 17 مىليون 220 مىڭدىن ئوشۇق (1983) بولۇپ، 20 نەچچە مىللەتتىن تەركىب تاپقان. ئاھالىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئافغانلار (پوشتى مىللىتى) تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلار دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، جەنۇبىي قىسمىغا (ھىندىقۇش تېغىنىڭ جەنۇبىغا)، چوڭ شەھەرلەرگە ئولتۇراقلاشقان. تاجىكلار ئاھالىنىڭ% 30 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار ھىندىقۇش تېغىنىڭ شىمالىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئافغان، تاجىك مىللىتىدىن قالسا ئۆزۈېكلار (%5)، ھەزرا، تۈركمەن، نولىستان، بىلوجى قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدۇ. پوشتى تىلى بىلەن پارس تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ، ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ. ئافغانىستان تاغلىق دۆلەت، ئۇنىڭ تېررىتورىيىسىگە جايلاشقان ھىندىقۇش تاغلىرى شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ پەسلەپ بارىدۇ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000-5000 مېتر بولۇپ، غەربىي جەنۇبىي قىسىملىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1000 مېتر كېلىدۇ. ئافغانىستاندىكى تۈزلەڭلىكلەر پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 1/5 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ھىندىقۇش تاغلىرى ھىندى ئوكياندىن كېلىدىغان نەم مۇسسۇن شاماللىرىنى توسۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن تاغلىقنىڭ جەنۇبىي باغرىنىڭ ھۆل - يېغىنى 400-500 مىللىمېترغا يېتىدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە ھۆل يېغىن مىقدارى 300 مىللىمېترغا يېتىدۇ. ئافغانىستان قۇرۇق خاراكتېرلىك ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يازلىقى قۇرغاق ئىسسىق بولىدۇ. 7 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24، قابۇل شەھىرىدە ℃ 24.8 بولىدۇ. قىش پەسلى ھىندىقۇش تېغىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرى. شىمالدىن كېلىدىغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئۈچۈن تاغلىقنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن سوغۇقراق بولىدۇ. ھىندىقۇش تېغاىنىڭ ئېگىز قىسىملىرى دائىم قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئافغانسىتان قەدىمىي دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئافغانسىتان بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت خېلى بۇرۇنلا باشلانغان. جاڭ چەن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 126 - يىللاردا) دۆلىتىمىزدىن يولغا چىقىپ يىپەك يولىنى بويلاپ ئافغانىستان ئارقىلىق ئىرانغا قەدەر بارغان. ئافغانسىتان 18 - ئەسىرگە كەلگەندە دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1838 يىلىدىن 1919 - يىلىغىچە ئەنگلىيىنىڭ ئۈچ قېتىملىق تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 1919 - يىلى قايتا مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن، 1973 - يىلى 7 - ئايدا پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ ئافغانىستان جمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1978 - يىلى دۆلەت نامىنى ئافغانىستان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. 1955 - يىلى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئافغانىستان ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ % 71.6ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ (1983)، دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق، پاختا، قىزىلچا، ھەرخىل مېۋە - چېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئافغانىستاننىڭ چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان. چارۋىچىلىقىدا قوي ئاساس قىلىنىدۇ، ئومۇمىي چارۋىسى 32 مىليوندىن ئاشىدۇ (1981)، ئۇندىن قالسا كالا، ئات، تۆگە بېقىلىدۇ. ئافغانىستان قول سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، مۇھىم سانائەت تارماقلىرىدىن توقۇمىچىلىق، سېمونت، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كۆمۈر، تەبىئىي گاز، شېكەر، ماشىنا رېمونت قىلىش، ياغ چىقىرىش، سوپۇن ئىشلەش قاتارلىق سانائەتلىرى بار.
ئاففانىستاننىڭ تولۇق نامى <ئاففانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى>بولۇپ، ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا غەربىگە جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ - چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىنچى، قەدىمىي پارىس تىلىدا <ئاففان><تاغ ئۈستىدىكى ئادەم> دېگەن مەنىدە، چۈنكى ئاففانىستان زېمىنىنىڭ 4
قىسمى تاغلىق ياكى ئېگىزلىك بولۇپ، كۆپچىلىك ئاھالىسى تاغلىق رايونلاردا ياشايدۇ، شۇڭا قەدىمكى پارىسلار بۇ يەرلىك كىشلەرنى <تاغ ئۈستىدىكى ئادەم> دەپ ئاتىغان، دۆلەت نامى بولغاندا بۇ نام <تاغلىق ئادەملەر دۆلىتى> دېگەن مەنىدە؛ ئىككىنچى، <ئاففام> سۆزىگە پارىسچە <ستان>(يەنى دۆلەت)نى قوشۇپ ياسالغان بولۇپ، <ئاففان> دېگەنلىك قەدىمكى دەۋرلەردىكى بىر قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ نامىدىن ياكى قەدىمكى يەھۇدىي دۆلىتى پادىشاھى شارنىڭ جىيەن ئوغلىنىڭ نامىدىن كەلگەن.ئاففانىستانلىقلار ئۆزىنى ئاففاننىڭ ئەۋلادلىرى دەپ ھېسابلايدۇ. سۆز مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگەندە بۇ سانسكرىت تىلىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولۇپ، ئالىكساندىر يىراققا يۈرۈش قىلغاندىكى تارىخ كىتابلىرىدا <چەۋەنداز> دېگەن مەنىنى، دۆلەت نامى بولغاندا بولسا <باتۇر، جەڭگە ماھىر> دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. (دۆلىتىمىز تارىخناملىرىدە ئاففانىستاننى <توخولو> دەپ ئاتايدۇ. 3 - 6 - ئەسىرلەردە ئاففانىستان ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ، كۇشان ئىمپېريىسى دەپ تونۇلغان، شۇڭا، ئېلىمىزنىڭ تارىخىي ھۆججەتلىرىدە ئۇنى يەنە ئۇلۇغ ياۋچى ياكى ياۋچىلار دەپمۇ ئاتايدۇ.) 1747 - يىلى، ئاففانىستان پۈتۈن بىر دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن؛ 1838 - 1919 - يىللىرى ئەنگلىيە ئاففانىستانغا ئۈچ قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، 1919 - يىلى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان، 1973 ـ يىلى 7 ـ ئايدا پادىشاھلىق ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، <ئاففانىستان جۇمھۇرىيىتى>قۇرۇلغان؛ 1978 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى <ئاففانىستان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى> قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن؛ شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تاجاۋۇز قىلغان ۋە 1989 - يىلى 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن. 11 - ئايدا <ئاففانىستان جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن. 1992 - يىلى 4 - ئايدا ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرتىلگەن.
ئاففانىستاننىڭ يەر مەيدانى 652.3 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 22 مىليون. بۇنىڭ ئىچىدە پۇشتۇلار% 40نى، تاجىكلار% 30نى، ئۆزبېكلەر% 10نى تەشكىل قىلدۇ. پۇشتۇ ۋە دەرى (تاجىك) تىلى قوللىنىلىدۇ. پايتەختى كابۇل. پۇل بىرلىكى ئاففانى.
20 - ئەسىردىن بۇيان، پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاغلىق دۆلەت - ئافغانىستاندا ئۇرۇش توختىمىدى. دۆلەت تۈزۈلمىسىدە ئۆزگىرىش كۆپ بولدى. بۇ ھەر قېتىمقى دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە بولغان ئۆزگىرىش ئافغانىستان دۆلەت بايرىقىدا مۇناسىپ ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. 1919 - يىلى ئاۋغۇستتا ئافغانىستان خەلقى جاپالىق كۈرەشلەر ئارقىلىق ئەنگىلىيىنى ئاففانىستاننىڭ مۇستەققىلىقىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇرلاپ، پادىشاھلىق دۆلەت قۇرغان. 1973 - يىلى پادىشاھ چاشىر ئاغدۇرۇلۇپ، ئاففانىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان؛ 1978-يىلى بىر تۈركۈم ياش ئوفىتىسېرلار ھەربى سىياسى ئۆزگۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت نامىنى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەرتكەن. ئۇزىمايلا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئاففانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان، ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ، ئسلام قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرى سوۋېتپەرەس ھاكىميەت بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان. 1989-يىلى سوۋېت ئارميسى ئافغانىستان مۇسۇلمانلىرى سابىق ھاكىميەتنى ئاغدۇرۇپ، جۇمھۇرىيەتنى ئىسلام دۆلىتىگە ئۆزگەرتىپ، ئلگىرىكى قارا، قىزىل ۋە يېشىل رەڭدىكى دۆلەت بايرىقىنىڭ ئورنىغا ئىسلامنىڭ يېشىل، ئاق ۋە قارا رەڭلىك بايرىقىنى دەسسەتكەن.
ئاففانىستان ئىسلام دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى يۇقۇردىن تۆۋنگىچە يېشىل، ئاق ۋە قاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭدىكى توغرا سىزقتىن تەركىب تاپقان، يېشىل رەڭ ئافغانىستاننىڭ تاغ، ئورمان، ئوتلاق ۋە ھاياتلىق جۇش ئۇرۇپ تۇرغان كەڭ تەبئىتىنى بىلدۈرگەن. پاك ئاق رەڭ ئەركىنلىك ۋە تىنىچلىقنىڭ قىممەتلىكىنى بىلدۈرگەن، تۇم قارا رەڭ ئىلگىركى يىللاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ مۇرتلىرى ئىېتقاد قىلدىغان ئسلام دىنىنى بىلدۈرگەن، دۆلەت بايرىقىنىڭ ئۈستىدىكى يېشىل بەلدەمگە < ئاللاھۇ ئەكبەر > ئوتتۇردىكى ئاق بەلگە < لائىلەھە ئىللەللاھۇ مۇھەممىدىن روسۇللا > دېگەن ئەرەبچە خەت يېزىلغان