UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرگرېتىسىيە

گرېتىسىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا ھىللونلارنىڭ ئولتۇراق جايى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا، يەر ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىگە جايلاشقان دۆلەت. گرېتسىيىسىدە تاغلىقلار، ئارال، يېرىم ئاراللار ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسىدىكى ئولىمپىك تېغىنىڭ ئېگىزلىكى 2917 مېتىر بولۇپ، دۆلەت بويىچە ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. ئىقلىمى سۇبتروپىك يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، قىشلىقى يىللىق كۆپ يامغۇرلۇق، يازلىقى ئىسسىق قۇرغاق كېلىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃5، جەنۇبتا ℃ 11بولىدۇ. 7 - ئايلىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شىمالدا ℃25، جەنۇبتا ℃27 كېلىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 400-700 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، غەربىي شىمالدىكى ئايرىم جايلاردا 1000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. گرېتسىيىنىڭ يەر مەيدانى 132 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاراللارنىڭ مەيدانى 25 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئاھالىسى 9 مىليون 706 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981)، بۇنىڭ% 98 نى گرېكلار، قالغىنىنى تۈرك، ماكىدون، بولغار قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. پراۋوسلاۋىيە دىنى دۆلەت دىنى، گرېك تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. تۈركلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. گرېتسىيە ياۋروپا بويىچە قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت، ئۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى بەشىنچى ئەسىرلەردە خلى گۈللەنگەن. گرېتىسىيە خەلقى قۇرۇلۇش - بىناكارلىق، مۇزىكا، ئاسترونومىيە، تىياتىر، پەلسەپە، دوختۇرلۇق ھەم پەننىڭ باشقا ساھەلىرىدە ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 146 - يىلى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، 1396 - يىلى تۈرك ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1829 - يىلى ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان كىنەزلىك بولۇپ قۇرۇلغان. 1830 - يىلى مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان، 1941 - يىلى گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1944 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قايتا مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن. 1973 - يىلى 6 - ئايدا گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. گرېتسىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. خەلق ئىگىلىكىدە سانائەتتىن بولىدىغان كىرىم ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. سانائەتتە مېتاللورگىيە، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، كان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، سۇلياۋ، كېمىسازلىق، يېمەك - ئىچمەكلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. گرېتسىيىنىڭ 1983 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى كىشى بېشىغا 3800 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، كۆممىقوناق، ياڭيۇ، شېكەر قومۇشى، تاماكا، ياغلىق زەيتۇن، كېۋەز، ئۈزۈم قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامداپ ئېكسپورت قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ% 30 يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ (1981)، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتنىڭ% 35 نى ئىگىلەيدۇ. گرېتسىيىنىڭ ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، ھەر يىلى گرېتسىيىگە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەر 6 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ گرېتسىيىنىڭ تولۇق نامى <گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى قاراشلار ھەر خىل: بىرىنچى، <گرېتسىيە> سۆزى گرېك تىلىدا<ھىللونلار ئولتۇراقلاشقان رايون> دېگەن مەنىدە. بۇ نام ئەڭ دەسلەپ پەقەت ساسسانىيە رايونىنىڭ كىچىك بىر پارچىسىنىلا كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كېيىنچە كېڭىيىپ ئوتتۇرا گرېتسىيە، ھەتتا گرېتسىيىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى كۆرسەتكەن. گرېكلار قەدىمدە ئۆزلىرىنى ئارىئوشلار ياكى دارىئوسلار دەپ ئاتاپ، كېيىنچە ئاندىن ئۆزىنى گرېكلار، دۆلىتىنى گرېتسىيە دەپ ئۆزگەرتىپ ئاتىغان، پۈتكۈل گرېك (يۇنان) قەبىلىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ گرېكلار دەپ ئاتاشقا ئىشلىتىلگەن بۇ ئورتاق نام ئەڭ بۇرۇن مىلادىدىن بۇرۇنقى 7 - 8 - ئەسىرلەردە ئاندىن پەيدا بولغان. ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئىنگلىزچە Greece نامى ئىتالىيان تىلىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ نام قەدىمدە ھازىرقى گرېتسىيىنىڭ غەربىي شىمالىي ۋە ئالبانىيىنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلاشقان باشقا بىر قەبىلىنىپ نامىدۇر. بۇ قەبىلە نامى ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم> بولىدۇ، ئىتالىيە بۇ نامنى پۈتكۈل گرېتسىيە دۆلىتىنى ئاتاشقا ئىشلەتكەن، كېيىن ھەر قايسى ياۋرۇپا ئەللىرىمۇ شۇنداق قوللانغان؛ ئىككىنچى، ئۆتمۈشتە رىملىقلار گرېكلارنى ئىزچىل ھالدا Greeci لار، بالقان رايونىنى Graecia (گېرىسلارنىڭ دۆلىتى) دەپ ئاتىغان، چۈنكى بۇ لاتىنچە نامنى ھەر مىللەت نامى ھە يەر نامى قىلىپ ئىشلەكىلى بولغاچقا، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئىنگلىزچە دۆلەت نامى <گرېتسىيە> دەل ئاشۇ لاتىنچە يەر نامى <گرېسىيە Graecia> دىن ئېلىپ قويۇلغان. گرېتسيە ياۋرۇپادىكى قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى بەشىنچى ئەسىر ئۇنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ رام ئىمپېرىيىسى، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى، تۈرك ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1829 - يىلى تۈركلەر گرېتسىيىنى ئاپتونۇم كېنەزلىك دەپ ئېتىراپ قىلغان. 1830 - يىلى گرېتسىيە مۇستەقىللىق جاكارلىغان ھەمدە گرېتسىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1973 - يىلى 6 - ئايدا پادىشاھلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەرتكەن. 1974 - يىلى 12 - ئايدا ئۇمۇمىي خەلق بېلەت تاشلاپ، دۆلەت سياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ جۇمھۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بېكىتكەن. گىرىتىسيىنىڭ يەر مەيدانى 131.99 مىڭ كۋادرات كىلومتىېر، ئاھالىسى 10 مىليون 350 مىڭ. بۇنىڭ % 90ى گرىكلار پروسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى ئافېنا، پۇل بىرلىكى دراخما. ياۋروپادىكى قەدىمكى مەدەنىي دۆلەت - گرېتىسىيە 2700 يىلدىن ئارتۇق يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن تارىخقا ئىگە. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 146 - يىلىدىن بۇيان، مىلادىيە 1830 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ گرېتىسىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغانغا قەدەر چەت ئەلنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن. 1833 - يىلى تۈزۈلگەن گرېتسىيە دۆلەت بايرىقى تۆت ئاق بەلدەم ۋە بەش بەلدەمدىن تەركىب تاپقان. ئۈستىدىكى سول بۇلۇڭغا ئاق كېرسىت قۇيۇلغان. بۇ بايراق ھەققدە ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچى قاراشتا بۇ بايراقنى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىشلەتكەن دېيىلگەن؛ يەنە بىر قاراشتا 1 - ئەۋلاد پادىشاھى ئوتتو Ⅰ ئۆز جەمەتى ئىشلەتكەن باۋادىيە خان جەمەتىنىڭ كۆك ۋەئاق رەڭلىك بايرىقى دېگەن. ئاق كېرسىت گرېكلارنىڭ دىنىي ئېتقادىنى ئىپادىلەيدۇ. كۆك ۋە ئاق بەلدەم جەمئىي 9 بولۇپ، گرېكىلارنىڭ <ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە رازى> دېگەن قەتئىي ھەم قەدىمكى ئەقىدىسى ئىپادىلەنگەن، بۇ سۆز گرېكچە 9 بوغۇملۇق سۆزدىن تەركىب تاپقان. دۆلەت گېربىدىكى سىزىقلار ئاددىي ۋە راۋان بولۇپ، خەلقنىڭ خېرسدىئانغا بولغان ساداقىتىنى ۋە تىنچلىققا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى تولۇق ئىپادىلىگەن، يېشىل زەيتۇن شېخى تېگى كۆك ئاق كرېسىتلىل قالقانسىمان گېربىنى ئوراپ تۇرغان. كۆك ۋە ئاق رەڭ گرېتىسىيە دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رەڭ بولۇپ، ئاسمان بىلەن دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى بۇ پاك زېمىنغا سىمۋول قىلىنغان. گرېكىلەر زەيتۇننى تىنچىلىق ۋە ئەقىل - پاراسەتنىڭ سىمۋولى ئورنىدا كۆرىدۇ. رىۋايەتتە مايلىق زەيتۇننى گرېكلەر ئەك چوقۇنىدىغان ئىلاھەيادەننا تىككەن دېيىلگەن،ئەمما < ئىنجىل، كوناۋەسىيەتنامە> گە ئاساسلانغاندا زەيتۇن شېخى بىلەن كەپتەر تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ئامانلىقنىڭ ئەلچىسى دېيىلگەن.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر
گرېتىسىيە | UyghurWiki | UyghurWiki