UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرسرىلانكا

سرىلانكا

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا نۇرلۇق ئارال جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندىستان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت، ئۇ پولىك بوغۇزى ئارقىلىق ھىندىستاندىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىنى ئېگىزلىك، تاغلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 300 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ ئېگىز پتروتالاگالا چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2538 مېتىرغا يېتىدۇ. ئارالنىڭ شىمال، شەرقىي شىمال تەرەپلىرىنى دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شىمالى تروپىك ئوتلاق ئىقلىم تىپىغا، جەنۇبى، ئوتتۇرا قىسىملىرى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 26℃-28℃، جەنۇبىدىكى تاغلىقلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 15℃-25℃ ئارىلىقىدا بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى شەرقىي شىمال قىسىملىرىدا 1000 مىللىمېتىر، غەربىي جەنۇب تەرەپلىرىدە 2000-3000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. سىرى لانكىنىڭ يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ھۆل - يېغىنى مول بولغانلىقتىن 45% يېرىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. سىرى لانكىنىڭ يەر مەيدانى 65 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 16 مىليون 423 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ 72% نى سىنگالو مىللىتى، 20.5% نى تايمىل مىللىتى، قالغىنىنى مور، مالاي قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ 67.3% ى بۇددا دىنىغا، قالغىنى ھىندى دىنى، ئىسلام دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى سىنگالو تىلىنى قوللىنىدۇ، ئىنگلىز تىلىمۇ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. سىرى لانكا 1972 - يىلىدىن ئىلگىرى <سەيلون> دەپ ئاتالغان. بۇ جايدا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5 - ئەسىرلەردە ۋىييە پادىشاھلىقى قۇرۇلغان، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىرلەردە بۇددا دىنىنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان. مىلادىيە 4 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى دۆلىتىمىز بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قىلغان، 1505 - يىلى ۋە 1640 - يىللىرى پورتۇگالىيە، گوللاندىيىلىكلەرنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرىغان، 1795 - يىلىغا كەلگەندە پۈتۈنلەي ئەنگلىيىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن. 1815 - يىلىغا كەلگەندە پۈتۈنلەي ئەنگلىيىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن. 1940 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1972 - يىلى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان، دۆلەت نامىنى سىرى لانكىغا ئۆزگەرتكەن، 1957 - يىلى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، ئۇ ھازىر يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. سىرى لانكا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭ چاي، كاۋچۇك، كوكۇس پالمىسى ئۈچ چوڭ گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ. سىرى لانكا چاي ئۆستۈرۈشتا كاپىتالىزم دۇنياسىدا ھىندىستاندىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا، تەبىئىي كاۋچۇك ئۆستۈرۈشتە مالايشيا، ھىندۇنېزىيىلەردىن قالسا دۇنيادا ئۈچىنچى ئورۇندا، كوكۇس پالمىسى ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. يۇقىرىقى ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن باشقا يەنە كوفى، كاكائۇ، ياغلىق پالما، سپارى، شال قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ، چاي، كوكۇس، كاۋچۇك، پالما ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتنىڭ 80% ىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ 77.6% ى يېزا ئىەىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. سانائەتتە يېزا ئىەخلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى بىلەن كان سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇلاردىن باشقا يەنە سېمونت، خىمىيىۋى ئوغۇت، پولات پروكاتلاش، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئېغىر سانائەتلىرىمۇ بار. سىرى لانكىنىڭ تولۇق نامى <سىرى لانكا دېموكراتىك سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى ( بولۇپ، جەنۇبىي ئاسما ئىككىنچى چوڭ قورۇقلۇقنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىغا جايلاشقان. >سىرى< سىنگالۇر تىلىدا >شات ماكان< ياكى >نۇرلۇق، باياشات تۇپراق< دېگەن مەنىدە. >لانكا< سانسكرىت يېزىقىدا >ئارال< دېگەنلىك بولغاچقا ، >سىرى لانكا< نى يەنە >نۇرلۇق ئارال< ياكى >سەلتەنەت ئارىلى< دېيىشكىمۇ بولىدۇ.سىرى لانكىنىڭ ئەسلى نامى سېلون. بۇ نام 1795 - يىلدىن كېيىنكى ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىن باشلاپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، شۇ يەردىكى ئاساسلىق مىللەت >سىنگالور< نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. سانسكرىت تىلىدا ؟؟؟ >سىنگالور< سۆزى >شىر< دېگەنلىك بولىدۇ. تەخمىنەن 2500 يىللار ئىلگىرى، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىن كۆچۈپ كەلگەن سىنگالورلار بۇ يەردە سىنگالا خانلىقىنى قۇرغان. >سىنگالا< نىڭ مەنىسى >شىر مىللىتى< بولۇپ، بۈگۈنكى سىرى لانكا دۆلەت گېربىدىكى شىر ئەنە شۇ قەدىمكى سىنگالا خانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سىرى لانكا 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخى داۋامىدا، 450 يىل ياۋرۇپا مۇستەملىكچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزى ۋە ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان. 16 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، پۈتۈن ئارالدا بىر نەچچە فىئودال پادىشاھلىق بولۇپ، 1505 - ۋە 1612 - يىللىرى پورتۇگالىيە، گولۆندىيە ۋە ئەنگىلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1948 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، دۆلەت نامىنى >سېلون< دەپ بېكىتكەن. 1972 - يىلى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سېلون دېگەن نامنى >سىرى لانكا دېموكراتىك سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى< گە ئۆزگەرتكەن. سىرى لانكىنىڭ يەر مەيدانى 65.61 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 17 مىليون 900 مىڭ، سنگالور ۋە تامىل مىللىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھادا 74% ۋە 18% نى تەشكىل قىلىدۇ. 70% ى بۇددا دىنىغا، 16% ى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. قالغان قىسمى ئىسلام دىنى ۋە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. سىنگالور ۋە ئىنگلىز تىللىرى ھۆكۈمەت تىلى ھېساپلىنىدۇ. پايتەختى كولومبو، پۇل بىرلىكى سىرى لانكا رۇپىيىسى. ھىندى ئوكياندىكى ئارال دۆلەت سرىلانكا قەدىمكى زاماندا > شىر دۆلىتى< دەپ ئاتىلاتتى. سرىلانكا خەلىقى پورتۇگالىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيىنىڭ 450 يىل مۇستەملىكلىك ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۇزاق يىللاردا قەيسەرلىك بىلەن باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، قەدىمكى شىر بايرىقىنى باشتىن - ئاخىرغىچە سرىلانكا مىللىتىنىڭ بەلگىسى قىلىپ كەلگەن. سرىلانكا خەلقى ئۇزاق تۈنلەرنى تۈگتۈپ، تاڭ نۇرىنى كۈتۈۋالغاندا، شىر بايرىقى دۆلەت بولۇپ سرىلانكا زېمىنىدا جەۋلان قىلغان. بايراقتىكى قىلىچ تۇتۇپ، تۇرغان شىر سرىلانكىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى سىنگال خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى ۋىگاياغا سىمۋول قىلىنغان. سرىلانكىدىكى ئاساسلىق ئاھالە سىنگاللار بولۇپ، رىۋايەتتە ئۇلارنى شىر جەمەتىنىڭ ئەۋلادىلىرى دەپ قارايدىكەن. ئەركەك شىر ئۇلارنىڭ توتېمى ۋە بەلگىسى ئىكەن. بايراقتىكى كەڭ دائىرىلىك بېغىررەڭ مەملىكەت بويىچە ئاھالىنىڭ 70% ىنى ئىگىلەيدىغان سىنگال مىللىتىنى، تۆت بۇرجەككە جايلاشقان فىكۇس دەرىخىنىڭ تۆت يۇپۇرمىقى بۇددا دىنىغا بولغان ئېتقادىنى بىلدۈرگەن؛ قىزغۇچ سېرىق رەڭ بىلەن يېشىل رەڭ سىنگاللار بىلەن بىللە ئولتۇراقلاشقان تامىل ۋە ماۋر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بىلدۈرگەن. ئۈچ خىل رەڭ بىرلىشىپ، سرىلانكىدىكى ئىناق - ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. سرىلانكىنىڭ دۆلەت گېربى تىپىك مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە. ئالتۇن رەڭلىك ئەركەك شىر ئالتۇن رەڭلىك نېلۇفەر گۈلى بىلەن ئورالغان. ئادىللىق ۋە توغرىلىققاسىمۋول قىلىنغان دارماساكرا ئەڭ يۇقىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇددانىڭ چەكسىز ئىلاھىي كۈچىنى ۋە ئۇنىڭ سرىلانكىنى مەڭگۈ قوغداپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوتتۇرىسىدىكى قىزىل رەڭ سرىلانكىنىڭ مول قېزىلما بايلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇت تەكچىسىنىڭ ئىككى يېنىغا چۈشۈپ تۇرغان شال باشىقى سرىلانكىنىڭ ھەممە دانلىق زىرائەتلەردىن مول ھوسۇل ئېلىپ ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇت تەكچىسىنىڭ ئىككى يېنىدا يۇمىلاق شەكىلدە ئاي ۋە قۇياش بولۇپ، مەڭگۈلۈك نۇرىنى ۋە سرىلانكىنىڭ ئەبەدىلئەبەد ئامان بولۇپ گۈللەپ ياشنايدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر