UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرسومالى

سومالى

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا سۈت كالىسى ۋە ئۆچكىنىڭ سۈتى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سومالى يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 637 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىنى تۈزلەڭلىك، قالغان كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئېگىزلىكلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ ئېگىزلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 500-1500 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، شىمالدىن جەنۇب، شەرقىي جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. ئېگىزلىكنىڭ شىمالىدىكى ئارېن قولتۇق بويلىرىدا تار تۈزلەڭلىكلەر بىلەن پارچە تاغلىقلار ئارىلاش جايلاشقان. سومالىنىڭ جۇبا، شېبېلى دەريالىرى ئېپوپىيە ئېگىز تەكشىلىكىدىن باشلىنىپ، جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ سومالىنى كېسىپ ئۆتۈپ ھىندى ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ. سومالىنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق بولۇپ، ھۆل - يېغىن جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ 500-600 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ھەتتا بەزى جايلىرىدا 100 مىللىمېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. سومالىدا چۆللۈكلەر، تروپىك ئوتلاقلىرى كەڭ تارقالغان. ھەر يىلى 3 - ئايدىن 5 - ئايغىچە ئەڭ ئىسسىق پەسىل بولۇپ، دېڭىز قىرغاق رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃20 دىن يۇقىرى بولىدۇ. يىلدا ھۆل - يېغىن پەسلى (7 -، 8 - ئايلار) بىلەن قۇرغاق پەسلى (10 -، 12 - ئايلار) بولىدۇ. سومالىنىڭ ئاھالىسى 5 مىليون 300 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى سومالىلىقلار تەشكىل قىلىدۇ. بۇلار سامالى ۋە سابو دەپ ئىككى چوڭ مىللەتكە بۆلۈنىدۇ. سامالى مىللىتى پۈتۈن دۆلەت ئاھالىسىنىڭ% 80 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلار ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن قەبىلىلەرگە بۆلۈنىدۇ. سابو مىللىتىمۇ ئىككى قەبىلىگە بۆلۈنىدۇ. سومالى تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئەرەب تىلىنىمۇ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئېنگىلىز تىلى بىلەن ئىتالىيە تىلىنى ئىشلىتىدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ ئەرەبلەر بۇ جايلارنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ بىرقانچىلىغان كىنەزلىكلەرنى قۇرغان. 16 - ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيىلىكلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1840 - يىلى ئەنەلىيە سومالىنىڭ شىمالىنى ئىگىلىگەن. 1887 - يىلىغا كەلگەندە بۇ جاينى ئەنگلىيە دائىرىسىدىكى ئورۇن دەپ ئېلان قىلغان. 1885 - يىلى ئىتالىيە سومالىنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىنى ئىگىلەشكە باشلىغان. 1925 - يىلىغا كەلگەندە سومالىنىڭ ئوتتۇرا، جەنۇبىي قىسمى ئىتالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيە ئىتالىيە ئىگىلىگەن ئورۇنلارنى ئىگىلىۋالغان. 1949 - يىلى ب د ت نىڭ قارارى بويىچە بۇرۇن ئىتالىيە ئىگىلىگەن ئورۇنلارنى ئىتالىيىنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. 1960 - يىلىغا كەلگەندە سومالىنىڭ ئەنگلىيە ئىگىلىگەن قىسمى بىلەن ئىتالىيە ئىگىلىگەن قىسىملىرى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان. شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئىككىسى بىرلىشىپ سومالى جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1969 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سومالى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. سومالى ئىقتىسادىدا چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ ئافرىقا بويىچە مۇھىم چارۋىچىلىق دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ% 50 ى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 4/3 قىسمىنى، چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتنىڭ% 50 دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ (1983). شۇڭا دۆلەتنىڭ نامىمۇ سومالى تىلىدا <سومار> (سۈتلۈك كالا ياكى ئۆچكە سۈتى دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ) دېگەن سۆزگە ئاساسەن سومالى دەپ ئاتالغان. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق تۆگە، كالا، ئۆچكە قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. 1983 - يىللىق ئومۇمىي چارۋىسى 47 مىليوندىن ئاشقان. سومالىنىڭ دېھقانچىلىقى تەرەققىي قىلمىغان. دېھقانچىلىق مەھسۇلات قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %8 نى تەشكىكل قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىداق ئاساسەن ئاپېلسىن، بانان، شېكەر قومۇشى، كېۋەز، قوناق، كۈنجۈت، كۆممىقوناق، كەندىر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. سومالىنىڭ سانائىتىمۇ ئانچە تەرەققىي قىلمىغان، ھازىر پۈتۈن دۆلەتتىكى چوڭ - كىچىك زاۋۇت - فابرىكا 300 دىن، ئىشچىسى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. زاۋۇتلارنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك بولۇپ، توقۇمىچىلىق، ئۇن، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، بېلىق گۆشى كونسېرۋاسى ئىشلەش، سەرەڭگە، تاماكا، سېمونت، نەشرىيات، پولات - تۆمۈر قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سومالىنىڭ تولۇق نامى <سومالى جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقاچوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى سومالى يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان، دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھەر خىل قاراشلار بار: بىرىنچى، <سومار> سۆزىدىن پەيدا بولغان. ئۆتمۈشتە، سومالىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئاساسىي جەھەتتىن يايلاق ۋە سۇ قوغلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كۆچمەن چارۋىچى بولۇپ، كالا، قوي سۈتلىرىنى ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق قىلغان. سومالى تىلىدا <سومار> نىڭ مەنىسى <سۈت كالىسى> ياكى <ئۆچكىنىڭ سۈتى>؛ ئىككىنچى، بىر قەبىلىنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان. قەدىمكى مىسىر مەدەنىيىتى تازا گۈللەنگەن دەۋرلەردە، ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان سومالى خەلقلىرى، ئەڭ دەسلەپ باشقىلار تەرىپىدىن <قارا رەڭلىك> قەبىلە دەپ ئاتالغان. ئەينى چاغدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان نوبىيلىكلەر ئۇلارنى سومالى <قارا تەنلىك> دەپ ئاتىغان، كېيىن بۇ نام ھەم ئۇلارنىڭ مىللەت نامى، ھەم بىر جاي نامى بولغان؛ ئۈچىنچى، <سومالى> ئۇلارنىڭ بىر ئەجدادىنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ كىشى بىر باي سودىگەرنىڭ ۋارىسى بولۇپ، لەقىمى <زومالې> ئىكەن. <زومالې> سۆزىنىڭ ئەرەبچىدىكى مەنىسى <باي، دۆلەتمەن> ئىكەن؛ تۆتىنچى، سومالى نامى ئەڭ دەسلەپ 1415 - يىلىدىكى بىر مسىرا شېئردا كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى <بار، ماڭغىن> ۋە <كالا سۈتى> سۆزلىرىنىڭ بىرلەشمىسى ئىكەن. مېھمانلار سومالىلىقلارنىڭ تۇرالغۇسىغا كەلگەندە، ئەڭ بۇرۇن ئاڭلايدىغىنى مۇشۇ ئىككى سۆز بولۇپ، ئۇ مىھماندوست ساھىبخانىنىڭ باشقىلارنى سۈت ئېلىپ كېلىپ مېھماننى كۈتۈشكە بۇيرىغىنى ئىكەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1700 - يىلى سومالى تەۋەسىدە خۇشپۇراق بويۇملار ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مەشھۇر بولغان <بانت دۆلىتى> قۇرۇلغان. مىلادى يەتتىنچى ئەسىردە ئەرەبلەر كۆچۈپ كىرىپ، بىر قانچە سۇلتانلىق قۇرغان. 16 - ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىلەر ئىز بېسىپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1887 - يىلى شىمالىي قىسمى ئەنگلىيىنىڭ ھامىلىقىدىكى جايغا ئايلانغان، 1925 - يىلى ئىتالىيە ئۇنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلارنى بېسىۋالغان. 1960 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ۋە 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەسلى ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى سومالى ۋە ئىتالىيە تەۋەلىكىدىكى سومالى ئايرىم - ئايرىم مۇستەقىل بولۇپ، شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى بىرلىشىپ <سومالى جۇمھۇرىيىتى> نى ھاسىل قىلغان. 1969 - يىلى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى <سومالى دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن. 1981 - يىلى 2 - ئايدا ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. سومالىنىڭ يەر مەيدانى 637.6 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 8 مىليون 900 مىڭ. سامار مىللىتى %80نى تەشكىل قىلىدۇ. سومالى ۋە ئەرەب تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، ئىنگلىز ۋە ئىتالىيان تىللىرىمۇ مەلۇم تەسىرگە ئىگە. ئاھالىسىنىڭ %95ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى مۇقدىشو، پۇل بىرلىكى سومالى شىللىڭى. سومالى ئۇرۇش مالمانچىلىقىنى يەتكۈچە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن دۆلەت. 1960 - يىلى 6 - ۋە 7 - ئايدا، ئەنگلىيە بىلەن ئىتالىيىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى سومالىنىڭ ئىككى بۆلەك زېمىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇستەقىل بولغان ھەمدە كېيىنرەك بىرلىشىپ، سومالى جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان؛ 1969 - يىلى سومالى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. دۆلەت بايرىقى سۇس ھاۋارەك بايراق بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا بىر ئاق بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز سىزىلغان. سۇس ھاۋا رەڭ ب د ت بايرىقىنىڭ رەڭگىدۇر، ب د ت سومالىنى ۋاسىيلىق قىلىشقا ۋە مۇستەقىل بولۇشقا تەشەببۇس قىلغۇچى بولغاچقا،ب د ت نىڭ تۆھپىسىنى مەڭگۈ خاتىرىلەش ئۈچۈن، سومالى دۇنيا تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولغان ھاۋا رەڭنى دۆلەت بايرىقىغا ئىشلەتكەن. بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بەش بۇرجەكىلىك يۇلتۇز ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ، مىللەت ۋە دۆلەت زېمىننى بىرلىككە كېلىدىغانلىقىنى بىشارەت قىلغان؛ يۇلتۇزنىڭ بەش بۇرجىكى ئايرىم - ئايرىم ئەينى چاغدا ئىتالىيىگە تەۋە سومالى ( ھازىرقى < جەنۇبىي رايونى > ) ، ئەنگلىيىگە تەۋە سومالى ( ھازىرقى < شىمالىي رايونى> ) فرانسىيىگە تەۋە سومالى ( ھازىر مۇستەقىل بولغان جىبۇتى ) ۋە ھازىرقى كېنىيە بىلەن ئېفئوپىيىنىڭ بىر قىسىمىنى بىلدۈرگەن. ئىككى ئافرىقا قاپلىنىنىڭ بىر قالقاننى ئىككى يېنىدا تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنىشى، سومال دۆلەت گېربىنىڭ ئاساسىي نۇسخىسىنى شەكىللەندۈرگەن. قالقان يۈزى دۆلەت بايرىقىنىڭ رەڭگى ۋە لايھىسى بىلەن ئوخشاش. قالقاننىڭ ئۈستىگە سىزىلغان قەدىمكى ئېفئوپىيە خاندانلىقىنىڭ خان تاجىسى مۇستەقىللىق بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ سىمۋولى بولغان. ئافرىقا قاپلىنى شجائەت ۋە كۈچىنىڭ سىمۋولدۇر. قالقاننىڭ ئاستىدىكى گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان نەيزە، سومالى خەلقىنىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قورال كۈچىنى ئىشلىتىدىغان ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. نەيزىگە گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان ئىككى پالما يوپۇرمىقى دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق زىرائىتىنى بىلدۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر