UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرماداغاسقار

ماداغاسقار

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا - مالاگاسلارنىڭ دۆلىتى ھىندى ئوكياننىڭ غەربىگە، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىزغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. يەر مەيدانى 627 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، موزامبىك بوغۇزى ئارقىلىق چوڭ قۇرۇلۇقتىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان ئارىلىقى 386 كىلومېتىر كېلىدۇ. ماداغاسقار ئەسلى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بىر تۇتاش بولۇپ، كېيىنكى يەر پوستى ھەرىكىتى نەتىجىسىدە قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلغان. پۈتۈن ئارالنى ۋولقان جىنسلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمى تاغلىق بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1200-400 مېتىر كېلىدۇ. دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇب قىرغاقلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. ئەڭ ئېگىز چاراتانانا چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2880 مېتىر كېلىدۇ، دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرىنىڭ كەڭلىكى 10-20 كىلومېتىر كېلىدۇ. ماداغاسقارنىڭ كۆپ قىسمى تروپىك بەلباغقا جايلاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ شەرقىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمىنىڭ ئىقلىمى پەرقلىنىدۇ. شەرقىي تەرىپى ھىندى ئوكيان يىللىق نەم ھاۋاسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمى شەكىللەنگەن، بۇ جايلارنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. غەربىي قىسىمنىڭ ئىقلىمى ترپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، بۇ جايلارنىڭ قۇرغاق پەسلى بىلەن ھۆلچىلىك پەسلى ئېنىق بولىدۇ. دۆلەتنىڭ مەركىزىي قىسىملىرىدىكى تاغلىقلارنىڭ ئىقلىمى يىللىق نەم كېلىدۇ. ماداغاسقارنىڭ يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ، قىش پەسلى بولمايدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ 1/6 قىسىم يېرىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. ماداغاسقارنىڭ ئاھالىسى 9 مىليون 729 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982)، ئاھالىسىنىڭ% 98 نى مالگاشلار تەشكىل قىلىدۇ، مالگاش خەلقلىرى يەتتە قەبىلىگە بۆلۈنىدۇ. مالگاشلاردىن باشقا يەنە فرانسۇزلار، كومورولىقلار، ھىندىلار، خەنزۇلار بار. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنى بىلەن ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىنىدۇ، مالگاش تىلى بىلەن فرانسۇز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. ماداغاسقار ئارىلىغا 16 - ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى ئارقا - ئارقىدىن بسىپ كىرگەن. 1896 - يىلىدىن باشلاپ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1958 - يىلى فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى دائىرىسىدە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولغان. 1960 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، مالگاش جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1975 - يىلى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى دۆلەت نامىنى ماداغاسقار جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن، ماداغاسقار ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ 90% ى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 40% نى، ئېكسپورتىنىڭ 80% نى ئىگىلەيدۇ، دېھقانچىلىقىدا شال، مانىخوت، كۆممىقوناق، كوفى، شېكەر قومۇشى، كېۋەز، قەلەمپۇر ۋە خانىدا (پۇراقلىق ماتېرىيال بولۇپ، مەھسۇلاتى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق كالا، چوشقا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. ماداغاسقارنىڭ سانائەت ئاساسى ئاجىز، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاران% 15 نى تەشكىل قىلىدۇ ، ئاساسلىق يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، مېتالچىلىق، نېفىت ئايرىش، كانچىلىق، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق چوڭ - كىچىك 400 دىن ئارتۇق (1983) سانائەت ئورۇنلىرى بار. كوفى، گۆش، پۇراقلىق ماتېرىياللار، شېكەر ئېكسپورت قىلىدۇ، ماشىنا - ئۈسكۈنە، ئاپتوموبىل، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ. ماداغاسقارنىڭ تولۇق نامى <ماداغاسقار دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ھىندى ئوكياننىڭ غەربىگە جايلاشقان، دۇنيادىكى تۆتىنچى چوڭ ئارال. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مالاگاس مىللىتى ئاھالىنىڭ 97%تىنى ئىگلىگەچكە شۇنداق ئاتالغان. مىلادى 10 - ئەسىردىلا ئەرەب دېڭىزچىلىرى بۇ چوڭ ئارالنىڭ بارلىقىنى بايقىغان، ئەينى چاغدا بۇ ئارالنىڭ نۇرغۇن نامى بولغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى Komr ياكى Qomr بولۇپ، مەنىسى <ئاي>. 14 - ئەسىردە ئىتالىيە ساياھەتچىسى ماركو . پولو ئەڭ بۇرۇن ماداغاسقار ئارىلىنى تىلغا ئالغان، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزى بۇ ئارالغا ھەقىقىي كېلىپ باقمىغان بولۇپ، پەقەت تارقىلىپ يۈرگەن پاراڭلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ خاتىرە قالدۇرغان، 1500 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى پورتۇگالىيە دېڭىزچىسى دېئوك . دىئاس تۇنجى قېتىم بۇ ئارالغا يېتىپ كەلگەن، ئۇ كۈنى دەل سائىنىت لاۋرېنىس ئارىلى دەپ نام قويغان، دىئوك . دىئاس دۆلىتىگە قايتىپ پورتۇگالىيە پادىشاھىغا مەلۇم قىلغاندا، پادىشاھ بۇ ئارالنى ماركو . پولونىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە تىلغا ئېلىنغان، ئافرىقىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان موگادىشو پادىشاھلىقى <ھازىرقى سومالى> دەپ ئويلاپ قېلىپ، خاتا ئاھاڭ ئوقۇلۇشى ۋە يېزىلىشى سەۋەبىدىن بۇ ئارال <ساداغاسقار ئارىلى> دەپ ئاتىلىپ قالغان. بەزىلەر Malagasi سۆزىنىڭ خاتا تارقىلىشىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، نېگىر قەبىلىلېرىدىكى بىر خىل تىلدا بۇنىڭ مەنىسى <مالايلىقلار )مالايسىيەلىكلەر(> دېگەنلىك بولىدۇ دېيىشىدۇ. 14 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە مارنالار ئارالدا ئىمالنا دۆلىتىنى قۇرۇپ، 1794 - يىلىغا كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ، ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن فېئوداللىق پادىشاھلىق بولغان. 1896 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. 1958 - يىلى 10 - ئايدا بۇ ئارال <فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى> قارمىقىدىكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ، <مالاگاس جۇمھۇرىيىتى> دەپ ئاتالغان. 1960 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق ئاتالغان. <مالاگاس سۆزى> فرانسۇزچە Malgacge سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، فرانسۇز تىلىدا ئۇ <ماداغاسقار> سۆزىنىڭ سۈپەت شەكلى. 1975 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى دۆلەت نامى <ماداغاسقار دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى> قىلىپ بېكىتىلگەن. ماداغاسقارنىڭ يەر مەيدانى 627 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 12 مىليون. ماداغاسقارلىقلار ئافرىقىدىكى بىرىدىن بىر ئاسىيالىقلار قان تىپىدىكى خەلق بولۇپ، ماداغاسقار تىلى قوللىنىلىدۇ، فرانسۇز تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. % 55ى ئىپتىدائىي دىنلارغا،% 40ى كاتولىك ۋە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى تانانارىۋ، پۇل بىرلىكى ماداغاسقار فرانكى. ماداغاسقار 1896 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان، 1958 - يىلى ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان. 1960 - يىلى ئىيۇندا مۇستەقىل بولۇپ، ئاق تىك يوللۇق ۋە قىزىل، يېشىل توغرا بەلدەملىك ئۈچ خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان، قىزىل ۋە ئاق رەڭ ئىلگىرى دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مېلىنا خاندانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىنغان. ئۆتكەن بىر قانچە ئەسىردە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيالىقلار زور تۈركۈمدە يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، بۇ ئارالغان كېلىپ ياشىغان، قىزىل ۋە ئاق رەڭ دەل ئۇلار ئۆز يۇرتىدا دائىم كۆرىدىغان يېشىل رەڭ ھىندى ئوكيان قىرغىقىدىكى يەرلىك قەبىللەرنىڭ بەلگىسىدۇار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قىزىل رەڭدە باتۇرلۇقنى، ئاق رەڭدە سەمىمىيلىكنى، يېشىل رەڭدە ئۈمىدنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىدە ئىتتىپاقلاشقان، مۇل ھوسۇل ئېلىنغان ۋە جۇشقۇنلۇقنى ئۇرغۇپ تۇرغان مەنزىرە نامايان قىلىنىپ، كىشىنى گويا جاراڭلىق ئالغا مارىشى خەلقىنى تېخىمۇ گۈللەپ - ياشنىغان كېلەچەككە يېتەكلەۋاتقاندەك قىلدۇرىدۇ. دۈگلەكسىمان دۆلەت گېربى دېڭىز يۈزىدىن كۆتۈرلۈۋاتقان بىر قۇياشنى يادرولۇق كۆرۈنۈش قىلىپ، دۆلەت ئىستىقبالىنىڭ پارلاقلىقىنى ئالدىن بىلدۈرگەن. چىشلىق چاق سانائەتكە ۋەكىللىك قىلىنغان؛ دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مىلتىق، تۆمۈ كۈرەك ۋە پولات قەلەم ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەسكەر، جىسمانىي ئەمگەكچى ۋە ئەقلىي ئەمگەكچىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەمدە قورال ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى، ھالال ئەمگەك ئارقىلىق ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت - مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن. گېربىنىڭ تۆت ئەتراپى ئاساسلىق زىرائەت مەھسۇلاتلىرى - شال ۋەقەھۋەدىن تەركىب تاپقان دۈگلەكسىمان كەڭ يولغا ئورالغان بولۇپ، كىشىنى ئىللىق تەپتى قولغا ئۇرۇلۇپ تۇرغاندەك ھالدا دېھقانلار، ئەمگەكچىلەر، ئەسكەرلەر، ياشلار ۋە ئاياللارنى كۆرسىتىپ، خەلقىنىڭ كېلەچەككە بولغان ئىنتىلىشىنى ۋە ئۈمىدى تەنتەنىلىك كەيپىيات بىلەن قاپلانغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى كەڭ ئورۇنغا شۇ جاينىڭ يېزىقىدا< ۋەتەن، ئىقىلاب، ئەركىنلىك > دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر