بېنىن
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
قۇل قىرغىقى
غەربىي ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا جايلاشقان دۆلەت. ئىلگىرى ئۇ <داخومېىي> دەپ ئاتالغان. بېنىن قۇرۇقلۇقتا نېگىرىيە، نېگىر، بۈگىنا سوفا -(يۇقىرى ۋولت)، توگولار بىلەن چېگرىلىنىدۇ. جەنۇبتا گۋىنىيە قولتۇق سۈيى بىلەن يۇيۇلۇۇپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 112 مىڭ 622 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 3 مىليون 720 مىڭدىن ئوشۇق (1983) بولۇپ، كۆپ قىسمىنى ئېۋې، ئاجا، يورۇبا، سومبا خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ 65% ى ئىتپىدائىي دىنلارغا، قالغانلىرى ئىسلام دىنى (%15) بىلەن كاتولىك دىنى (%12) گە ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى ئىشلىتىدۇ. پايتەختى پورتو — نوۋو شەھىرى. بېنىن شىمالىدىن جەنۇبقا ئۇزۇن سوزۇلغان دۆلەت. ئۇنىڭ جەنۇبىي قىسمى دېڭىز قىرغاقلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر، كۆل ھەم سازلىقلار بار، ئوتتۇرا ۋە شىمالىدا دېڭىز يۈزىدىن 200-500 مېتر ئېگىز كېلىدىغان دولقۇنسىمان ئېگىزلىكلەر، غەربىي شىمالىدا تاغلىقلار بار. بۇ جايدا ئاتاكورا تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايى 641 مېتر كېلىدۇ. ئېگىزلىك ۋە تاغلىق رايونلاردا خروم، تۆمۈر، ئالماس، تىتان، ئالتۇن قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. بېنىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃22-℃ 32 بولىدۇ، ھۆل - يېغىن مىقدارى 900-1400 مىللىمېترغا يېتىدۇ. پۈتۈن دۆلەت يېزىنىڭ %38 نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. بېنىن دېڭىز قىرغاق رايونلىرىغا 15 - ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيىلىكلەر بېسىپ كىرىپ قۇل سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. 17 - ئەسىردىن باشلاپ جەنۇبىي قىسىملىرىدا بېنىن قاتارلىق كىنەزلىكلەر قۇرۇلغان. 1851 - يىلدىن باشلاپ فرانسىيە تەدرىجىي ئىگىلەشكە باشلىغان، 1894 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1904 - يىلى فرانسىيىگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1958 - يىلى فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى دائىرىسىدىكى ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1960 - يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى داخومېي (بېنىن) جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغان. 1975 - يىلى 11 - ئايدا دۆلەت نامى بېنىن جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. بېنىن ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ % 90ى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن پالما دەرىخى، خاسىڭ، كېۋەز، كوكۇس پالمىسى، كوفې، مانىخوت، كۆممىقوناق، قۇناق، تېرىق تىپىدىكى زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائىتىدە ياغ چىقىرىش، ياغاچچىلىق، توقۇمىچىلىق، تاغار توقۇش، يېمەك - ئىچمەك، كۈندىلىك خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، كان مەھسۇلاتلىرىنى قېزىش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. چەت ئەللەرگە ياغلىق پالما مەھسۇلاتى ( 70% نى ئىگەللەيدۇ)، پاختا،خاسىڭ، كوفې، پالما قېقى، ئالماس قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ. توقىمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، ئاشلىق، ماشىنا، يېقىلغۇ قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ.
بېنىننىڭ تولۇق نامى <بېنىن جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، غەربىي ئافرىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى 17 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە غەربىي ئافرىقا نىگىر دەرياسى تۆۋەن ئېقىنى دېلتىسىدا قۇرۇلغان، بېنىن شەھىرىنى پايتەخت قلغان <بېنىن پادىشاھلىقى> نىڭ نامىدىن پەيدا بولغان، بېنىن يەرلىك تىلدا <قۇل> دېگەن مەنىدە، 1580 - يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر ئەڭ بورۇن بېنىن دېڭىز بويىدىكى ۋېتا شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، جىنايەتلىك قۇل سودىسى ھەركىتىنى باشلىغان. 1894 - يىلى فرانسيە مۇستەملىكچىلىرى پۈتكۈل بېنىننى قوراللىق بېسىۋېلىپ، ئەسلى ئاپولمېي پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ ھاملىقىدىكى فرانسىيىگە قاراشلىق بېنىن قولتۇقى يېرىنى قوشۇپ، نامىنى بىراقلا <داخومېي يېرى> دەپ ئۆزگەرتكەن. <داخومېي> نىڭ مەنىسى توغرىسىدا: بىرىنچى، <دائون> سۆزى داخومېي پادىشاھلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى قەبىلە باشلىقى ۋاقتىدا ئىشلەتكەن مىراس نام، <خومېي> بولسا فان تىلىدا <ئۆي> دېگەن مەنىدە، بۇ ئىككى سۆز بىرىكىپ، <داخومېي> بولۇپ، <قەبىلە باشلىقىنىڭ ئۆيىدە> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئىككىنچى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلادى 1645 - يىلى بىر پادىشاھنىڭ ئوغلى قوشنا دۆلەتنىڭ پادىشاھىدىن بىر پارچە يەر تەلەپ قىلىپتۇ، دائۇن غەزەپلەنگەن ھالدا: <ياش شاھزادەم، سىز ئاچكۆزلۈكنى تولىمۇ ئاشۇرۋەتتىڭىز. ناۋادا مەن سىزدىن پەخەس بولمايدىغان بولسام، سىز ئۆينى قورسىقىمنىڭ ئۈستىگە سېلىۋالدىغان ئوخشايسىز>دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. كېيىن دائون يېڭىلىپ، شاھزادە ئۇ كۆمۈلگەن جاينىڭ ئۈستىگە بىر ئېغىز كەپە سېلىپ Houegbe Danhome دەپ ئاتاپتۇ، بۇنىڭ مەنىسى <دائوننىڭ قورسىقى ئۈستىدىكى ئۆي> بولۇپ، كېيىن بۇ نام پۈتكۈل رايونغا تارقىلىپ كېتىپتۇ. Danhame سۆزىمۇ داخومېي < Dahomey> غا ئۆزگىرىپ قېلىپتۇ. 16 - ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە بۇ جايدا نۇرغۇن كىچىك پادىشاھلىق ۋە بەگلىكلەر قۇرۇلغان. 1580 - يىللىرى ئەتراپىدا پورتۇگالىيە مۇستەملىكچىلىرى بېنىنغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىغان. 1626 - يىلى فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى تاجاۋۇز قىلغان، 1913 - يىلى پۈتۈنلەي فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1958 - يىلى 12 - ئايدا فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى قارمىقىدىكى <ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت> بولغان. 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ <داخومېي> جۇمھۇرىيىتى< نى قۇرغان. 1975 - يىلى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى >بېنىن خەلق جۇمھۇرىيىتى< گە ئۆزگەرتىلگەن. 1990 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نامىنى >بېنىن جۇمھۇرىيىتى< قىلىپ بېكىتكەن.
بېنىننىڭ يەر مەيدانى 112.622 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 5 مىليون 100 مىڭ. فان تىلى ئۇمۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدۇ. فرانسۇز تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىنىڭ %65 ى ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. قالغىنى ئىسلام دىنى ۋە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى پورتونوۋو، پۇل بىرلىكى ئافرىقا پۇل مۇئامىلە ئورتاق گەۋدىسى فرانكى.
بېنىنىڭ ئەسلى نامى داھومېيە بولۇپ، نىگېر دەرياسى بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئارلىقىغا جايلاشقان، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى بويىچە ئەك كىچىك كۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر، پورتۇگالىيە بىلەن فرانسىيە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ يەردە مۇستەملىكىلىك يۈرگۈزگەن. 1960 - يىلى بېنىن خەلقى چىداملىق، جاسارەت ۋە قىزغىنلىقىغا تايىنىپ، ئىسسىق قان تۆكۈش بەدىلىگە فرانسىيىنىڭ كونترولۇقىدىن ئاخىر قۇتۇلۇپ، تولۇق مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ داھومېيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1975 - يىلى نويابىردا داھومېيە بېنىنغا ئۆزگەرتىلىپ، قىزىل يۇلتۇزلۇق يېشىل دۆلەت بايرىقى تۈزۈپ چىققان . 1990 - يىلى بېنىن داھومېيە جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدىكى دۆلەت بايرىقى بىلەن دۆلەت گېربىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بېنىنىڭ دۆلەت بايرىقى پان ئافرىقا تۈسكە ئىگە يېشىل، سېرىق ۋە قىزىل رەڭدىن تەركىب تاپقان، بايراقنىڭ سول يېنىغا بىر يېشىل تىك بەلدەم، ئوڭ يېنىغا سېرىق ۋ قىزىل رەڭدىكى ئىككى توغرا بەلدەم تارتىلغان. بېنىن خەلقى يېشىل رەڭدىن بۈك - باراقسانلىقىنى ۋە كەك زېمىننى، باھار ۋە ئۈمىدىنى كۆرگەن؛ ئاتا - بوۋىسىدىن قالغان بايلىق قۇياش نۇرى ئاستىدا نۇر چاچقان؛ قىزىل رەڭ يەنە ئۇلارنى ئاتا - بوۋىلىرى تۆككەن ئىسسىق قاننى ئەسلەتكەن.
دۆلەت گېربى قالقانسىمان بولۇپ، قىزىل كرېسىت ئۇنى تۆت بۆلەككە ئايرىغان: سول تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن رەڭلىك قەدىمكى قەلئە قەدىمكى بېنىننىڭ پارلاق مەدەنىيتىنى نامايان قىلغان: سول تەرەپنىڭ ئاستىدىكى رامكىغا بىر تۈپ ياپيېشىل ياغلىق پالما دەرىخى سىزىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ داڭلىق < ياغلىق پالما دۆلىتى > ئىكەنلىكىنى ۋە يېشىل بايلىقنىڭ ئىنتايىن مول ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز ئافرىقا خەلقىنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىغا سىمۋول قىلىنغان؛ ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى دولقۇن يېرىپ ئالغا بېسىۋاتقان قەدىمكى بىر يەلكەنلىك كېمە، كىشىلەرنى بېنىننىڭ دېڭىز ساياھەت تارىخىغا بولغان سېغىنىشىنى قوزغايدۇ؛ ئالتۇن رەڭلىك كۆممقۇناق چىقىرۋاتقان قالقان ئۈستىدىكى ئىككى مۈڭگۈز بېنىننىڭ تۈگىمەس - پۈتمەس بايلىقىغا سىمۋول قىلىنغان، ئىككى يېنىدىكى قىزىل تىلىنى چىقىرىپ تۇرغان قاپلان بېنىن خەلقىنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس خاراكتىرىنى كۆرسىتپ بەرگەن. قالقاننىڭ ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا <مۇھەببەت، ھەققانىيەت، ئەمگەك > دېگەن سۆز يېزىلغان.