UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرسىپروس

سىپروس

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا مىس دۆلىتى ئاسىيانىڭ غەربىدىكى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىچىگە جايلاشقان ئارال دۆلەت. ئۇ خەلقئارا قاتناش ۋە ستراتېگىيە جەھەتتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يەر مەيدانى 9251 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 653 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). ئاھالىنىڭ% 80 نى گرېكلار،% 18 نى تۈركلەر، قالغىنىنى ئەرمەن، ئەرەب قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. گرېكلار پراۋوسلاۋىيە دىنىغا، تۈركلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. گرېك ۋە تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدۇ. پايتەختى نىكوزىيە شەھىرى. سىپرۇس مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 16 - ئەسىردىن باشلاپ ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى مۇھىم سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1400 -، 1500 - يىللار ئارىلىقىدا گرېكلار بۇ جايغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان. 1571 - يىلدىن 1874 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1878 - يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1925 - يىلى رەسمىي ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن، بىراق ئۇ يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. 1971 - يىلى 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. سىپرۇس ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك يېرى پۈتۈن يېرىنىڭ 50%-60% نى تەشكىل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن ماندارىن، ئۈزۈم، زەيتۇن دەرىخى قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا بۇغداي، ئارپا، ياڭيۇ قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. سىپرۇس ئېكسپورتىنىڭ% 80 نى يېزا ئىگىلىك ۋە كان مەھسۇلاتلىرى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ 60% نى مىس تەشكىل قىلىدۇ. مىس كېنىنىڭ ئېچىلىش تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، بىرنەچچە يۈز يىلغا يېتىدۇ، سىپرۇس تارىختا مىس رۇدىسى ئېلىش، مىستىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا داڭلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ جاي <سىپرۇس مىس كانى> دەپ ئاتالغان. سىپروسنىڭ تولۇق نامى <سىپروس جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋرۇپا قىتئەلىرى ئارىسىدىكى مۇھىم دېڭىز قاتنىشى تۈگىنىگە جايلاشقان. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىنچى، گىرېكچە Kypros تىن پەيدا بولغان. بۇنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى <گىپروس> بولۇپ، گىپروس لاتىن تىلىدىكى <مىس> سۆزىدىن پەيدا بولغان. بۇنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى <گىپروس> بولۇپ، گىپروس لاتىن تىلىدىكى <مس> سۆزىدىن پەيدا بولغان. تارىخنامىلەردە خاتىرىلىنىشچە، مىلادىدىن بورۇنقى 3000 - يىللار ئەتراپىدىلا ئارالدا مىس بايقالغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاللىبۇرۇن 5000 يىلغا يېقىن كان ئېچىش تارىخى بار. كىشلەر ئەينى چاغدا مىسنى ئاز ئۇچرايدىغان گۆھەر دەپ بىلگەچكە، <مىس> ئارالنىڭ نامىغا ئايلانغان؛ ئىككىنچى، ھازىرقى لىۋاندىن كىرگۈزۈلگەن بىر خىل ئۆسۈملۈك -- <يىپەك قارىغىيى> دىن پەيدا بولغان. قەدىمكى سىپروستا بۇ خىل قارىغاي ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ياغىچى قاتتىق، سۈركىلىش ۋە چىرىشكە چىداملىق؛ پۇرىقى مېزىلىك بولۇپ، قەدىمكى سىپروسنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتى ئىكەن. شۇڭا ئارالنىڭ نامى شۇ قارىغاينىڭ ئىسمىدىن پەيدا بولغان؛ ئۈچىنچى، بىر يۇنان ئەپسانىسىدىن پەيدا بولغان. قەدىمكى يۇنانلىقلار 12 بۈيۈك ئىلاھقا چوقۇنىدىغان بولۇپ، مۇھەببەت ۋە گۈزەللىكنى باشقۇرغۇچى سەنەم (ئايال ئىلاھ) ئافرودىت شۇلارنىڭ بىرى ئىكەن.ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ سىپروستا توغۇلغان بولۇپ، باشقا ئىسمى <كېپروس> ئىكەن، بۇنى يەنە <سىپروس> دەپمۇ تەرجىمە قىلغىلى بولىدىكەن، بۇ نام ئارالنىڭ نامىغا ئۆزگەرگەنىكەن. شۇڭا، بۇ ئارالنىڭ <مۇھەببەت ئىلاھى رۇجىكى> دېگەن نامىمۇ بار، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1500 ~ 1400 - يىللىرى گرېكلار بۇ جايغا كۆچۈشكە باشلىغان، مىلادى 1571 - يىلىدىن باشلاپ تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1878 - يىلى ئەنىگلىيە بېسىۋالغان. 1925 - يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكسىگە ئايلانغان، 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، سىپروس جۇمھۇرىيتىنى قۇرغان. 1974 - يىلى 3 - ئايدا ئارالدىكى گرېكلار گرېتسىيىگە قوشۇلۇپ كېتىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، نۇرغۇن تۈركلەرنى قىرغىن قىلغاچقا، تۈركىيە 30 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىپ ئارالنىڭ % 29 ىنى ئىگىلەيدىغان شىمالىي قىسمىنى كونترول قىلغان. 1983 - يىلى بۇ يەردە <شىمالىي سىپروس تۈرك جۇمھۇرىيىتى> قۇرۇلغان. سىپروسنىڭ يەر مەيدانى 9251 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 725 مىڭ. گرېكلار پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى نىكوزىيە، پۇل بىرلىكى فوند. سىپرۇس ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئۈچىنچى چوڭ ئارال بولۇپ، ئاسىيا. ياۋرۇپا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەنىڭ دېڭىز ئۈستىدىكى قاتناشنى بوغۇپ تۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن. ئوتتۇرادېڭىزنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بۇ ئارالدا مىس كان كۆپ بولۇش، مىس مەھسۇلاتلىرى كۆپ بولۇش بىلەن قەدىمكى غەربكە مەشھۇر بولغاچقا " مىس ئارال" دەپ تەرپلەنگەن. ئارالدىكى ئاھاللەر گرېكلار بىلەن تۈركلەردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مىللەتكە ئايرىلغان، گرېكلار 80پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، گرېكلار پرۋوسلاۋىيە دىنىغا، تۈركلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇزاقتىن بويان سپرۇستا مىللەتلەر ۋە دىن ئوتتۇرسىدا زىددىيەت مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. 1878- يىلى ئەنگىليە بۇ يەردە مۇستەملىكىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىغان، 1960- يىلى ئاۋغۇستتا سىپرۇس مۇستەقىللىققا ئېرشكەن. سپرۇسنىڭ دۆلەت بايرىقى ئاق بولۇپ، ئاچا شەكىلدە قويغان ئىككى تال زەيتۇن شېخى تىنچلق ۋە گۈللىنىشنىڭ سمۋۇلى بولغان. سىپرۇسنىڭ دۆلەت گېربى قالقان شەكىلدىكى سېرىق گېرب بولۇپ، قالقان يۈزىگە زەيتۇن شېخى ئېلىپ كەلگەن بىر ئاق كەپتەر سىزىلغان، خۇددى تىنچلىق ئەلچىسى يىراقتىن پەرۋاز قىلغانغا ئوخشايدۇ، ئاستىغا سىپرۇسنىڭ مۇستەقىل بولغان ۋاقتى يېزىلغان بولۇپ، تىچلىقنىڭ شۇنىڭدىن ئېتبارەن باشلانغانلىقىنى كۆرسەتكەن. قالقانلىق گېرىب يېشىل زەيتۇن شېخىدىن ئۆرۈلگەن چەمبىرەك ئارىسىغا ئېلىنغان. دۆلەت گېربىدىكى رەسىملەر سىپرۇستىكى گرېكىلار بىلەن تۈركلەرنىڭ تىنچلىقتا بىللە بولۇشتەك ئورتاق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر