UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەركومورو

كومورو

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا ھىلال ئاي تاقىم ئاراللىرى ھىندى ئوكياننىڭ غەربىگە جايلاشقان ئارال دۆلەت. ئۇ موزامبىك بوغۇزىنىڭ شىمالىدىكى كومورو تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان، ماداغاسقار بىلەن بولغان ئارىلىقى 500 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ چوڭ كومورو، ئانجوئان، موئېلى ۋە مايتى قاتارلىق تۆت چوڭ ئارال ھەم ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر مەيدانى 2236 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 346 مىڭ 992 (1982)، ئاھالىنىڭ كۆپىنى يەرلىك ماداغاسقار خەلقلىرى ئىگىلەيدۇ، ئۇلاردىن باشقا ئەرەبلەر، پېرسىيىلىكلەر، بانتو تىل سىستېمىسىدىكى نېگىرلار، مالگاشلار، مالايالىقلار، ھىندىستانلىقلا ئولتۇراقلاشقان، ئاھالىنىڭ% 95 ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ، يەرلىك خەلق سۋاخىلى تىلى بىلەن ئەرەب تىلىنى ئىشلىتىلىدۇ. كومورو ئاراللىرىدا قەدىمدىن تارتىپ ئانتالائوترا خەلقلىرى تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇ جايغا بىرىنچى قېتىم 1598 - يىلى گوللاندىيىلىك خوتمان كەلگەن، 1841 - يىلى فرانسىيىلىكلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىغان، 1912 - يىلىغا كەلگەندە فرانسىيىنىڭ مسۇتەملىكىسىگە ئايلانغان. 1961 - يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغائ ىگە بولغان، 1975 - يىلى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى فرانسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، كومورو ئىسلام بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1975 - يىلى 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، كومورو ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ% 80 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاساسلىق كوكۇس پالمىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاندىن باشقا تالالىق ئاگاۋدى، ئاپېلسىن، كوفې، كاكائو ۋە ھەرخىل دورا ماتېرىياللىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. كومورو ئىلەن - ئىلەن ۋە خوۋنىڭ ئۆستۈرۈشتە دۇنياغا مەشھۇر، ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن شال، كۆممىقوناق قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. كومورونىڭ تولۇق نامى <كومورو ئىسلام فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي، موزامبىك دېڭىز بوغۇزىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان بىر توپ يانار تاغ ئاراللىرىدىن تۈزۈلگەن. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھەر خىل قاراشلار بار: بىرىنچى، مىلادى ئىككىنچى ئەسىردە، قەدىمكى يۇنان جۇغراپىيە ئالىمى پتولىمېي (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 90 - 168 - يىللىرى) بۇ جاينى Orseleniae دەپ ئاتىغان بولۇپ، مەنىسى <ئاي تېغى>، بۇنى ئەرەبچە Jebel Komr - el - (ئەرەبچە ئاي مەنىسىدە) دەپ تەرجىمە قىلغان بولۇپ، ھازىرقى نامى كېيىنكى خەتتىن ئۆزگىرىپ كەلگەن؛ ئىككىنچى، ئەرەب تىلىدىن پورتۇگال تىلىغا خاتا ئۆزگىرىپ پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <ھىلال ئاي تاقىم ئاراللىرى>. بۇئارال خەلقنىڭ ھازىرغىچە ئايغا چوقۇندىغان ئادىتى بار. ياۋرۇپالىقلار كېلىشتىن ئىلگىرى، بۇ ئارالغا ئەرەب سۇلتانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان، 1841 - يىلى فرانسىيە ئەڭ دەسلەپ بۇ تاقىم ئارالدىكى مائويت ئارىلىغا بېسىپ كىرگەن. 1912 - يىلى بۇ تاقىم ئارال فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1975 - يىلى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، كومورو جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1978 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللانغان ۋە دۆلەت نامى <كومورو ئىسلام فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى> قىلىپ بېكىتىلگەن. كومورونىڭ يەر مەيدانى 2235 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 510 مىڭ، 95%ى كومورولۇق بولۇپ، ھەممىسىلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.فرانسۇز تىلى دۆلەت تىلى، پايتەختى مورونى. پۇل بىرلىكى كومورو فرانكى. ھىندى ئوكيانغا جايلاشقان كومورى تاقىم ئارىلى بىر خىيالىي دۇنيادۇر. مىلادىيىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئەرەبلەر بىلەن ماداغاسقارلىقلار بۇ ئارالغا كۆچۈپ كەلگەن؛ 10 - ئەسىرىدن 11 - ئەسىرگىچە سۋاخېرې مەدەنىيەت رايونىنىڭ تەركىنىي قىسىمىغا ئايلانغان.13 - ئەسىردىن كېين بانتوللار ئارقا - ئارقىدىن كۆچۈپ كىرگەن. كېيىن ئەرەبلەر بۇ تاقىم ئارالغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى كەڭ تارقالغان. 15 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇ تۇنجى قېتىم ھازىرقى دۇنيا خەرىتىسىدە پەيدا بولغان، كومورى دېگەن بۇ نام ئەرەبچىدە < ئاي ئارىلى > دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 1841 - يىلى فرانسىيىلىكلەر ئەرەبلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بۇ ماكانغا بېسىپ كىرگەن ھەمدە مۇستەملىكلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن. 1946 - ىلى ئۇ فرانسىيىنىڭ < چەت ئەلدىكى ئۆلكىسى> گە ئايلانغان. 1975 - يىلى ئىيۇلدا كومورو مۇستەقىللىق خىيابنامىسىنى ئېلان قىلىپ، جۇمھۇرىيەت بولغان. كومورونىڭ دۆلەت بايرىقى يېشىل بولۇپ، ئۈستىگە ئاق ھىلال ئاي بىلەن بەش بۇرجەكلىك تۆت ئاق يۇلتۇز سىزىلغان، كومورو ئىسلام دىنى دۆلىتى بولۇپ،ھىلال ئاي بىلەن يېشىل رەڭ تەۋەلىكىدىكى ئەرەبلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ تۆت يۇلتۇز كومورودىكى چوڭ كۆمۈر ئارىلى ، ئانجوئان ئارىلى، مايوت ئارىلى ۋە مۇخېلى ئارىلىدىن ئىبارەت تۆت ئاساسلىق ئارالنى كۆرسەتكەن. بۇ تۆت ئارالنىڭ ھەممىسى يانار تاغلىق ئاراك بولۇپ، ئورمانلىرى قويۇق، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل،ھىندى ئوكيانغا چېچىلغان جۇلالىق تۆت مەرۋايىتتۇر.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر