تۈركىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
باتۇرلار دۆلىتى
ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئەڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 781 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، بۇنىڭ % 97 نى كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىغا (ئانا تولىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، % 3 ى ياۋروپادىكى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. ئۇ، دۇنيادىكى ئىككى قىتئەگە بۆلۈنگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ياۋروپا - ئاسىيا ئارىلىقىنى بوسفور بوغۇزى، مەرمەر دېڭىز، داردانىل بوغۇزلىرى ئايرىپ تۇرىدۇ. تۈركىيە تۆت ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان دۆلەت. يەر ۋەزىيىتىنىڭ شەرقىي قىسمى ئېگىز بولۇپ، غەربكە قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ، ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپىنى ئەرمەن تاغ ئومۇرتقىسىنىڭ بىر قىسمى، جەنۇبىنى تاۋار تاغلىرى، شىمالىنى كېروگلو تېغى بىلەن شەرقىي كادنىز تېغى، غەربىنى دېڭىز قىرغاق تاغلىرى قورشاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ مەركىزى قىسمى ئاناتولى ئېگىز تەكشىلىكى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئېگىزلىكنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 800-1200 مېتر كېلىدۇ. تۈركىيىنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىنىڭ ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمى بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 600-1000 مىللىمېتر، ئايرىم جايلىرىدا 1000 مىللىمېتردىنمۇ ئاشىدۇ. قىشلىقى يىللىق، كۆپ يامغۇرلۇق كېلىدۇ. ئاناتولى ئېگىزلىكىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل ئوتلاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 200-600 مىللىمېتر كېلىدۇ. تۈركىيىنىڭ ئاھالىسى 53 مىليوندىن ئاشىدۇ (1985). غەربىي ئاسىيا بويىچە ئاھالىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىنىڭ % 70 تىن كۆپرەكىنى تۈركلەر ئىگىلەيدۇ. تۈركلەردىن قالسا كۇرد (10 مىليونغا يېتىدۇ)، ئەرەب، ئەرمەن، گىرېك قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدۇ. پايتەختى ئەنقەرە شەھەر، تۈركىيىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000 - يىللار ئەتراپىدا شەھەرلىك دۆلەتلەر قۇرۇلغان. 11 - ئەسىردە تۈرك خەلقلىرى كۆچۈپ كەلگەن. 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئوسمان ئىمپېرىيىسى چۈشكۈنلىشىشكە باشلىغان. تۈركىيە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقچىلار بىلەن بىللە ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىمپېرىيە ۋەيران بولغان. 1919 - يىلى بۇرژۇئا دېمۇكراتىك ئىنقىلابى پارتلاپ 1923 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. تۈركىيە ئىقتىسادتا سانائەت، يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ سانائەت ئاساسى خېلى كۈچلۈك، يېزا ئىگىلىكىمۇ خەلق ئىگىلىكىدە خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. % 60 ئەمگەك كۈچى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى پۈتۈن ئېكسپورت قىممىتىنىڭ % 65 نى تەشكىل قىلىدۇ. تۈركىيە سانائەتتە يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، تاماكا، كان سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇندىن باشقا 60 - يىلدىن بۇيان تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان نېفىت خىمىيە، پولات - تۆمۈر، خىمىيە، ماشىنىسازلىق، سېمونت قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىمۇ خېلى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. يېزا ئىگىلىكى خەلق ئىگىلىكىدە خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. دېھقانچىلىقى تارماق دېھقان ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. تېرىلغۇ يېرىنىڭ% 65 تىن كۆپرەكى تراكتور ئارقىلىق تېرىلىدۇ. ماشىنىلىشىش سەۋىيىسى خېلى يۇقىرى. دېھقانچىلىقىدا بۇغداينى ئاساس قىلغان تېرىلغۇ مەيدانى پۈتۈن تېرىلغۇ مەيدانىنىڭ % 90 نى ئىگىلەيدۇ. بۇغدايدىن باشقا ئارپا، كۆممىقوناق، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر، ياڭيۇ، سەي، زەيتۇن، كېۋەز، تاماكا قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەپ سىرتقا چىقىرىلىدۇ. ئېكسپورتىدا پاختا، تامكا ھۆل مېۋە (ئاساسلىق ئۈزۈم) نى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ 3/2 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. چارۋىچىلىقىدا قوي، ئۆچكە، كالا ئاساس قىلىنىدۇ. تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قىلغان ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنى تەشكىل قىلىدۇ. تۈركىيىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى مۇناسىۋىتى يېقىن. تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتە نۇرغۇن قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.
تۈركىيىنىڭ تولۇق نامى <تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئاسىيانىڭ غەربىگە جايلاشقان، زېمىنى ئاسىيا، ياۋرۇپا قاتارلىق ئىككى قىتئەگە تۇتاشقان. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن كېلىپ چىققان. مىللەت نامى <تۈرك دوپپىسى> دىن پەيدا بولغان، تۈركلەرنىڭ مۇنداق بىر خىل ئۆرپ - ئادىتى بولۇپ، ئۇلار دائىم دوپپا كىيىدىكەن، ھەم دوپپىنىڭ رەڭگى ياكى شەكلىگە قاراپ توغرا ھالدا قايسى قەبىلىدىن ئكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرەلەيدىكەن، <تۈرك> ئەسلى <تۈرك دوپپىسى كەيگەن مىللەت> دېگەن مەنىدە بولۇپ كېيىنچە ئاندىن مىللەت نامىغا ئۆزگەرگەن. تۈركلەر غەربىي تۈركلەرنىڭ باشقا مىللەت - ئىرقلارنى ئاسمىلياتسىيە قىلىپ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن. تۈكچىدە <تۈرك> سۆزى <كۈچلۈك>، <كۈچتۈڭگۈر> دېگەن مەنىدە، تاتارچىدا بولسا <باتۇر> دېگەن مەنىدە بولىدۇ، 1300 - يىلى تۈركلەرنىڭ يولباشچىسى ئوسمان ( 1326 -- 1259) كىچىك ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى بويسۇندۇرۇپ مۇستەقىل بىر بەگلىك قۇرۇپ، ئۆزىنى سۇلتان دەپ ئاتىغان. 1326 - يىلى تۈركلەر ۋىزانتىيە ئىمپېرىيسىنىڭ قولىدىن بۇدسا شەھىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى ئۆزىگە پايتەخىت قىلغان، يېڭى دۆلەت ئوسماننىڭ نامىدا ئوسمان ئىمپېرىيسى دەپ ئاتىلىپ، زېمىنى ئاسىيا، ياۋرۇپا ۋە ئافرىقا قاتارلىق ئۈچ چوڭ قىتئەگە سوزۇلغان، 12 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنى بار ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. ئىمپېرىيە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئاجىزلاشقان. 1918 - يىلى ئىمپېرىيە رەسمىي پارچىلانغان. تۈركىيە سۆزى 19 - ئەسىردىلا ئاندىن كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن. 1923 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندا، رەسمىي ھالدا <تۈركىيە> نى دۆلەت نامى قىلىپ قوللانغان.
تۈركىيىنىڭ يەر مەيدانى 780 مىڭ 675 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 61 مىليون 800 مىڭ. تۈركلەرنىڭ % 98تىن ئارتۇقراقىنى ئىگىللەيدۇ. قالغىنى كوردلار، ئەرەبلەر، ئەرمەنلەر، گرېكلار ۋە گروزنىلار ئىگىلەيدۇ، تۈرك تىلى دۆلەت تىلى بولوپ،% 98 ئاھالىسى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدۇ، % 98 ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، پايتەختى ئەنقەرە، پۇل بىرلىكى لىرا.
14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركلەر ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەلىرىدىن ھالقىپ ئۆتكەن ئوسمان ئىمپېرىيسىنى قۇرۇپ، 15 -، 16 - ئەسىرلەردە ئومۇميۇزلۈك گۈللىنىپ، كېيىن خارابىلىشىشقاباشلىغان. تۈركىيلىكلەر غەربىي تۈرك بىلەن باشقا ئىرقىتىكىلەر تەرىپىدىن ئاسامىلياتسىيە بولغانلارنىڭ ئەۋلادى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوسمان ئىمپېرىيىسى گومران بۇلۇپ، 1923 - يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.
تۈركىيە ئىسلام دۆلىتى بولۇپ، دۆلەت بايرىقى قويۇق ئىسلام تۈسىگە ئىگە ھىلال ئاي بىلەن بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزدىن تەركىب تاپقان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىمپېرىيە ماكېدون دەۋرىدە، ماكېدونىيىلىكلەر ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ، قاراڭغۇ كېچىدىن پايدىلىنىپ قولغا چۈشۈرمەكچى بولغان، بىراق ئاسماندا تۇيۇقسىز ھىلال ئاي پەيدا بولۇپ، ئاينىڭ يورۇقىدا ماكېدونىيە قىسمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى پۈتۈنلەي ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، ۋىزانىتىيلىكلەر دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىپ، قەلئەنى ساقلاپ قالغانىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ۋىزانتىيلىكلەر ھىلال ئاينى قەلئەنىڭ بەلگىسى قىلۋالغانىكەن. 1453 - يىلى مۇھەممەد Ⅱ بۇ شەھەرنى بېسىۋالغانىكەن. شۇ كۈنى كېچىدە ئۇ چۈشىدە ھىلال ئاينىڭ شەرقتىن غەربكىچە ئەرشنى توغرا كېسىپ تۇرغانلىقنى، بۈيۈك ئىمپېرىيىدە پات ئارىدا پەيدا بولىدىغان ئالامەتنى ئالدىن بېشارەت قىلغانلىقنى كۆرۈپ، ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇزنى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ بەلگىسى قىلغان ھەمدە ئۇنى قىزىل بايراققا سىزىپ، دۆلەت بايرىقى ئورنىدا ئېمپېرىيە يوقالغانغا قەدەر ئىشلەتكەن.
تۈركىيە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندا، جومھۇرىيەت ئاتىسى مۇستافا كامال مۇشۇ بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان ھەمدە ھىلال ئاي بىلەن بەش بۇرجەكلىك بىر يۇلتۇزنى دۆلەت گېربى قىلغان. ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز ھەم تۈركىيىنىڭ ئېتقاد قىلىش بەلگىسى، ھەم خەيرلىك ۋە بەخىتلىكنىڭ سمۋولى بولغان، ھىلال ئاينىڭ يۇلتۇزنى ئارىغا ئېلىپ تۇرۇشى تەرەققىياتنىڭ سىمۋولى بولۇپ، بارلىق تۈركىيە خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇستەقىللىقنى بىلدۈرگەن.