سۇدان
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
قارا تەنلىكلەر دۆلىتى
ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 2 مىليون 550 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يەر مەيدانىنىڭ چوڭلۇقى جەھەتتە ئافرىقا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ شىمالىي كەڭلىك° 4 بىلەن° 22 ئارىلىقىدىكى تروپىك بەلباغقا جايلاxقان. ئۇنىڭ شەرق، جەنۇب غەرب تەرەپلىرىنى تاغلار، ئېگىز تەكشىلىكلەر ئىگىلەپ تۇرىدۇ، ئوتتۇرا قىسمىدىن نىل دەرياسىنىڭ نۇرغۇن تارماقلىرى كېسىپ ئۆتىدۇ. دۆلەتنىڭ شىمالىغا قۇملۇقلار، قىزىل دېڭىز بويىغا تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان. بۇ جايلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃38دىن ئاشىدۇ. دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. شىمالدىكى قۇملۇقلار، تروپىك قۇرغاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 25 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ. خارتومنىڭ جەنۇبى تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا، ئەڭ جەنۇبى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، بۇ جايلاردا يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1400 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. سۇداننىڭ ئاھالىسى 23 مىليون 250 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). ئاھالىنىڭ مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، 570 دىن ئوشۇق قەبىلە ۋە مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەتنىڭ شىمالىي، ئوتتۇرا قىسىملىرىغا ئەرەبلەر (ئاھالىنىڭ% 39 نى تەشكىل قىلىدۇ)، جەنۇبىغا نېگىرلار (ئاھالىنىڭ% 30نى تەشكىل قىلىدۇ)، شەرقىي شىمال تەرەپلىرىگە بېرجان خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان. ئاھالىنىڭ كۆپى ئىسلام دىنىغا، بىر قىسمى خرىستىئان، كاتولىك دىنلىرىغا، يەرلىك خەلق ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. سۇدان قەدىمىي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8 - ئەسىرلەردىلا شىمالدىكى نومىيىلىكلەر قۇللۇق تۈزۈمىدىكى دۆلەت قۇرغان. 7 - ئەسىرگە كەلگەندە شىمالدىكى ئەرەبلەر يۆتكىلىپ كېلىشكە باشلىغان. 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا (1504 - يىلى) مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتىنى قۇرغان. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 19 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى ئەنگلىيىلىكلەر شىمالدىن بېسىپ كىرگەن. 1956 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ سۇدان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1959 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. سۇدان ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ% 80 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئۇزۇن تالالىق ئاگاۋى، پاختا، ئەرەب كاۋچۇكى، كۆممىقوناق، قۇناق، خاسىڭ، كۈنجۈت، چاي، خورما، بۇغداي، تېرىق ئۆستۈرۈلىدۇ. پاختا ئېكسپورتى سىرتقى كىرىمىنىڭ 70% نى ئىگىلەيدۇ. چارۋىچىلىقىدا قوي، كالا، تۆگە بېقىلىدۇ. چارۋىچىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تارمىقى ھېسابلىنىدۇ. سانائەتتە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى بىلەن توقۇمىچىلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نېفىت ئايرىش، شېكەر، توقۇمىچىلىق، تېرە - خۇرۇم، تاماكا، سېمونت، سۇلياۋ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
سۇداننىڭ تولۇق نامى <سۇدان جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان.دۆلەت نامى رايون نامىدىن پەيدا بولغان. مىلادى يەتتىنچى ئەسىردە ئەرەبلەر ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا بېىسپ كىرىپ، ئۇرۇش سەپىرىدە تېرىسى تۇم قارا كەلگەن ساپ ئافرىقىلىقلارنى يولاتقان، بۇ جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى تىن يۇقىرى بولغاچقا، كىشلەر <ئۇچاق دۆلىتى> دەپ ئاتىغان. بۇ جايدا ياشايدىغان كىشلەرنىڭ تېرىسى قارا ياكى قوڭۇر رەڭدە، سۇدان دېگەن نام شۇنىڭدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <قارا تەنلىكلەر دۆلىتى>، <قارا ئىرق كىشىلىرى>. ئوتتۇرا ئەسىردە ئەرەبلەر غەربتە ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرى، شەرقتە ئېفىئوپىيە ئېگىزلىكى، شىمالدا سەھرايى كەبىر چۆللۈكى ۋە جەنۇبتا گۋىنىيە قولتۇقىغىچە بولغان رايونلارنى <سۇدان> دەپ ئاتىغان. 1504 - يىلى فېنگى ئىسلام پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. 19 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 19 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى ئەنگلىيە بېسىۋالغان. 1885 - يىلى ئەنگلىيىگە قارشى خەلقلەر مەھدى (قۇتقازغۇچى) دۆلىتىنى قۇرغان. 1956 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، رايون نامىنى دۆلەت نامى قىلىپ، سۇدان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.
سۇداننىڭ يەر مەيدانى 2.50558 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 28 مىليون 280 مىڭ. بۇنىڭ% 40ى ئەرەبلەر، % 30ى جەنۇبىي سۇدان نېگىرلىرى، يەنە باشقا يەرلىك خەلقلەر بار. ئاھالىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب ۋە ئىنگلىز تىللىرى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. پايتەختى خارتۇم (پىلنىڭ خارتۇمى)، پۇل بىرلىكى سۇدان پوندى.
سۇدان ئەرەب تىلىدا < نىگېرلار دۆلىتى > دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. سۇداننى 1899 - يىلى ئەنگلىيىلىكلەر ئىگىلىۋالغان، 1956 - يىلى يانىۋاردا مۇستەقىل بولۇپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان ھەمدە كۆك، سېرىق ، يېشىل رەڭدىكى توغرا بەلدەملىك بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان. 1969 - يىلى مايدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ ئىلگرىكى ئاساسىي قانۇن بىكار قىلىنغان، دۆلەت نامى بىلەن دۆلەت بايرىقىمۇ ئۆزگەرتىلگەن. يېڭدىن قورۇلغان دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتنىڭ دۆلەت بايرىقى سول تەرىپى بىر يېشىل ئۈچبۇلۇڭ، ئوڭ تەرىپى مىسىرنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ئوخشايدىغان قىزىل، ئاق ۋە قارا ئۈچ خىل رەڭدىكى توغرا بەلدەمدىن تەركىب تاپقان، ئۇ سۇداننىڭ يېڭى ھاكىمىيتى يۈرگۈزىۋاتقان پان ئەرەب سىياسىتىنى ئىپادىلىگەن. قىزىل رەڭ - سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە تەرەققىياتنىڭ بەلگىسى بولغان، ئاق رەڭ - كەڭ زېمىندا پەيدا بولغان تىنىچلىق، ئۈمىد ۋە شان - شۆھرىتىنى بىلدۈرگەن، قارا رەڭ - ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئىسلام دىنىنى ۋە گۈللىنىش، بەخىت - سائادەتنى بىلدۈرگەن.
سۇداننىڭ دۆلەت گېربى ئاددىي ھەم كۆركەم بولۇپ، سول تەرەپەك نەزەر سېلىۋاتقان بىر سۇدان شۇڭقارى ئاساسلىق كۆرۈنۈش بولغان. شۇڭقارنىڭ ئىككى قانىتى بىلەن تېنى ئالتە بۆلەككە ئايرىلىپ، دەل سۇداننىڭ ئالتە چوڭ مەمۇرىي رايونىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستى ۋە ئاستىدا بىردىن ئاق لېنتا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەبچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا < غەلىبە بىزگە مەنسۇپ> دېگەن خەت بىلەن < سۇدان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى > دېگەن خەت يېزىلغان ( 1984 - يىلى ئاپرېلدا نىمايلى ھاكىميىتى ئاغدۇرۇلغاندن كېيىن دۆلەت نامى سۇدان جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن). ھەر قانداق جاپا - مۇشەققەتكە چىدايدىغان، شان - شۆھرەت ئۈچۈن ھاياتنى ئايىمايدىغان سۇدانلىقلار چوقۇم ئىككى قولى، غەيرەت، شىجائىتى ۋە ئىشەنچى ئارقىلىق دۆلىتىى ئەبەدىلئەبەد روناق تاپقۇزىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.