UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەربۇركىنافاسو

بۇركىنافاسو

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا غۇرۇر دۆلىتى غەربىي ئافرىقىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. يەر مەيدانى 27 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئۇنىڭ يېرىدە قىزىل ۋولت، ئاۋ ۋولت، قارا ۋولتتىن ئىبارەت ئۈچ ۋولت دەرياسى بار. دۆلەتنىڭ نامىنى 1960 - يىلى 8 -ئاينىڭ 5 - كۈنى شۇ دۆلەتتىكى ئاساسىي دەريا نامىغا ۋولت جۇمھۇرىيىتى دەپ نام بەرگەن. <ۋولت> ئەگرى - توقاي يۆنىلىش بويىچە ئاققان دەريا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 1984 - يىلى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى دۆلەت نامى بۇركىنا فاسوغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇركىنا فاسونىڭ كۆپ جايلىرىنىڭ ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 200 مېتردىن 500 مېترغىچە بولۇپ، ئومۇمىي يەر ۋەزىيىتى بىر قەدەر تەكشى، دۆلەتنىڭ غەربىي تەرىپىدە ئېگىزلىكى 500 مېتردىن ئوشۇق بولغان سۇ بۆلگۈچ تاغلار بار. بۇ جايدىكى ئەڭ ئېگىز ناكورو چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 749 مېترغا يېتىدۇ. بۇركىنا فاسونىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى ساۋاننا ئىقلىم بەلبېغىغا، شىمالىي تەرىپى تروپىك چۆللۈك ئىقىلىم بەلبېغىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃27 قا يېتىدۇ. پايتەختى ئۇۋاگادوگونىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41℃ قا يېتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 800-1200 مىللىمېترغا ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇركىنا فاسونىڭ ئاھالىسى 6 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ كۆپىنى موشى خەلقلىرى، ئۇنىڭدىن قالسا گودوشى، فولىبى قاتارلىق خەلقلەر ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ % 65 ى ئىپتىدائىي دىنلارغا، % 20 ى ئىسلام دىنىغا، % 10 ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. فرانسۇز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. يەرلىك خەلق ئۆز تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇركىنا فاسو يېزا ئىگىلىك دۆلىتى بولۇپ، ئاھالىنىڭ % 90 ى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 75 (1984) نى تەشكىل قىلىدۇ، يېرىنىڭ % 90 دە تېرىق، قوناق، كۆممىقوناق، شال قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ. ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن كېۋەز، كوفې، چاي، خاسىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. پاختا ئاساسىي ئېكسپورت ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كال، قوي بېقىلىدۇ. چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. سانائىتى تەرەققىي قىلمىغان. ئۇ جايدا 1972 - يىلى 16 زاۋۇت - فابرىكا بار ئىدى. 1982 - يىلى كۆپىيىپ 60 تىن ئاشتى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ ئاران 7% نى تەشكىل قىلىدۇ (1984)، بۇركىنا فاسو دۇنيادىكى ئەڭ ئارقىدا قالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 1982 - يىلى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى كىشى بېشىغا ئاران 260 ئامېرىكا دوللىرى تەقسىم قىلىنغان. بۇركىنافاسو غەربىي ئافرىقىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىغا جايلاشقان، ئۇ ئەسلى <يۇقىرى ۋولت جۇمھۇرىيىتى> دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ ۋولت دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. 1984 - يىلى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، دۆلەت باشلىقى ساككارا يۇقىرى ۋولت نامىنىڭ 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن ئىتبارەن بۇركىنافاسوغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىغان. <بۇركىنا> بۇ دۆلەتنىڭ تىلى موئور تىلىدىن ئېلىنغان بولۇپ، مەنىسى <غۇرۇر يېرى>، <فاسو> بولسا بۇ دۆلەتتىكى دىرا شىۋىسىدە <دۆلەت> دەپ چۈشەندۈرىلىدۇ. بۇ دۆلەتتە مىلادى 9 - ئەسىردە مورسىيلارنى ئاساس قىلغان پادىشاھلىق قۇرۇلغان. 1896 - فىرانسىيە تاجاۋۇز قىلىشنى باشلاپ، 1909 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. 1958 - يىلى 12 - ئايدا فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى قارمىقىدىكى <ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت> بولۇپ، 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. بۇركىنافاسونىڭ يەر مەيدانى 274.2 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 9 مىليون 788 مىڭ. فرانسۇز تىلى قوللىنىلىدۇ. پايتەختى ۋاگادۇگۇ، پۇل بىرلىكى ئافرىقا پۇل مۇئامىلە ئورتاق گەۋدىسى فرانكى. غەربىي ئافرىقىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بۇركىنىا فاسو 1896 - يىلى فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، 1909 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسگە ئايلانغان. 1959 - يىلىدىن باشلاپ قارا، ئاق ۋە قىزىل رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن، بۇ ئۈچ خىل رەڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا دۆلەت زېمىنىدىن ئۆتىدىغان ۋولىنا دەرياسىنىڭ ئۈچ تارماق ئېقىنىغاۋەكىللىك قىلىنغان. 1960 - يىلى مۇستەقىل بولغاندا دۆلەت نامىنى يۇقىرى ۋولتا دەپ بېكىتكەن. قۇياش نۇرىغا پۈركۈنگەن ۋولتا دەرياسى بۇركىنىافاسو خەلقىنىڭ ئانا دەرياسى بولۇپ، ئاۋام - خەلقىنى ئۆزىگە تەلپۈندۈرگەن، ھەقىقەت ۋە ھايات شۇنىڭدىن ھاسىل بولغان. 1984 - يىلى ئاۋغۇسىتتا بۇ ماكان يەنە يېڭى دۆلەت نامى - بۇركىنافاسو دەپ ئاتالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىزىل ۋە كۆك رەڭدىكى بەش بۇرجەكلىك ئالتۇن يۇلتۇزلۇق يېڭى دۆلەت بايرىقىنىمۇ تۈزۈپ چىققان. قىزىل رەڭ بىلە بەشيۇلتۇز ئىنقىلاب ۋە ئالغابېسىشقا سىمۋول قىلنغان. كۆك رەڭ ئالتۇن رەڭلىك بايرىقىنىڭ ئارىسىدا يېزا ئىگىلىك ۋە يەرنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقان. ئاققۇناق بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلق زىرائىتى بولغاچقا، دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنىغا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سىمۋولى بولغان چىشلىق چاقنى ئوراپ تۇرغان ئىككى ئاققۇناقنىڭ رەسىمى سىزىلغان. چىشلىق چاقنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر ئاپتومات بىلەن بىر ئوتىغۇچ گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلۇپ، قوراللىق كۈچى بىلەن دېھقانلارنىڭ زىچ بىرلەشكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئۈستىدىكى قىزىل بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز ئالغا بېسىش يولىنى كۆرسەتكەن. سېرىق يۇمىلاق گېربىنىڭ ئاستىغا مەڭگۈ ئېچىلىپ تۇرغان بىر كىتاب سىزىلغان بولۇپ، بىلىمىگە بولغان تەشنالىقى ۋە مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا: < ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلىمىز، جەزمەن غەلىبە قىلىمىز> دېگەن قەسىمى يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر
بۇركىنافاسو | UyghurWiki | UyghurWiki