UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرچاد

چاد

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا كەڭ كەتكەن سۇ ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان دۆلەت، دېڭىز بىلەن ئەڭ يېقىن ئارىلىقى 1500 كىلومېتردىن ئاشىدۇ. ئەتراپىدا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، دۇدان، لىۋىيە، نىگېرىيە، كامېرون قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى بىر مىليون 284 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 4 مىليون 680 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982)، بۇنىڭ ئاساسلىقىنى ئەرەب، باكىرمىي، مابا قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى ئىسلام دىنى بىلەن ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئەرەب تىلى بىلەن فرانسۇز تىلىنى ئىشلىتىدۇ. پايتەختى نجامېنا شەھىرى. چادنىڭ كۆپ قىسىم جايىنى دېڭىز يۈزىدىن 250-400 مېتر ئېگىز بولغان چاد ئويمانلىقى ئىگىلەيدۇ، بۇ جايلاردا سازلىقلار، ئويپات جايلار خېلى كۆپ. دۆلەتنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىدا دېڭىز يۈزىدىن 1000-1500 مېتر ئېگىز بولغان تاغلار، سەھرايى كەبىر قۇملۇقى دائىرىسىدە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3415 مېتر كېلىدىغان ئەڭ ئېگىز كوسسى چوققىسى بار. دۆلەتنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق بولۇپ، دائىم شەرقىي شىمال پاسسات شاماللىرى سوقۇپ تۇرىدۇ. ھۆل - يېغىن مىقدارى جەنۇبىي قىسمىدىكى 900 مىللىمېتردىن شىمالغا قاراپ تەدرىجىي ئازىيىپ 50 مىللىمتېرغا چۈشىدۇ. شىمالىنى سەھرايى كەبىر قۇملۇقى، جەنۇبىنى تروپىك ساۋاننا بەلبېغى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. شارى، لوگون دەريا باسسىنلىرى چادنىڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك رايونلىرى ھېسابلىنىدۇ. چاد مىلادى 9 - ئەسىردىن باشلاپ قەبىلىلەرنى ئاساس قىلغان كىنەزلىكلەر شەكىللەنگەن. 9 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپ فرانسىيىلىكلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1910 - يىلى فرانسىيىگە قاراشلىق ئېكۋاتور ئافرىقىسىغا قوشۇلغان. 1958 - يىلى فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى دائىرىسىدىكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولغان. 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشىپ دۆلەت نامىنى چاد جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. چاد يېزا ئىگىلىك دۆلەت. ئاھالىنىڭ 90% تى (1984) دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كۆپ قىسىم دېھقانچىلىق رايونلىرىدا تېرىق، قۇناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن پاختا، ئۇنىڭدىن قالسا خاسىڭ، ئەرەب كاۋچۇكى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىق، تاتلىق سۇلۇق بېلىقچىلىق مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بېقىلىۋاتقان ھەرخىل چارۋا 10 مىليوندىن ئاشىدۇ، چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ 25% نى تەشكىل قىلىدۇ. سانائىتى يېمەك - ئىچمەك سانائىتى بىلەن چىگىت ئايرىش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تۇز، شۇلتا ئېلىش، ۋولفرام، تىتان، تورىي قاتارلىق كان بايلىقلىرىنى قېزىش سانائەتلىرى بار. چاد چەت ئەللەرگە پاختا (ئېكسپورت قىممىتىنىڭ% 70 نى ئىگىلەيدۇ) گۆش، چارۋا، تېرە، ئەرەب كاۋچۇكى قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ، ماشىنا، يېمەك ـ ئىچمەك، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، مېتال بۇيۇملارنى ئىمپورت قىلىدۇ. چادنىڭ تولۇق نامى <چاد جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، دۆلەت نامى زېمىنىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى - چاد كۆلىدىن ئېلىنغان. چاد يەرلىك شىۋىدىكى tsade ياكى ssaghi سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <سۇ>. بۇ يەنە ئېھتىمال بورنو تىلىدىكى سۆز بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەنىسى <كەڭ كەتكەن سۇ>. مىلادى توققۇزىنچى ئەسىردىن باشلاپ چادتا ئىلگىرى - كېيىن بەزى مۇسۇلمان پادىشاھلىقلىرى قۇرۇلغان. 19 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرى بېسىپ كىرىپ، 1910 - يىلى بۇ رايوننى <فرانسىيىگە قاراشلىق ئېكۋاتور ئافرىقىسى> غا قوشۇۋالغان، ئىككىنچى دۇنيا ئورۇشى ۋاقتىدا <چاد كۆلى رايونى> دەپ ئاتالغاچقا ۋە چاد كۆلى ھەم چاد ئويمانلىقىنىڭ زور قىسىم رايونلىرى يەنە ئۇنىڭ زېمىن تەۋەلىكى ئىچىدە بولغاچقا، بۇ رايون 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن، دۆلەت نامىنى <چاد جۇمھۇرىيىتى> قىلىپ بېكىتكەن. چادنىڭ يەر مەيدانى 1.284 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 6 مىليون 280 مىڭ، يېرىمىدىن كۆپرەكى ئەرەبلەشكەن چادلىقلار، قالغىنى سۇدان نېگىرلىرى بولۇپ،% 52ى ئىسلام دىنىغا،% 10ى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. فرانسۇز ۋە ئەرەب تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ.پايتەختى نجامېنا، پۇل بىرلىكى ئافرىقا پۇل مۇئامىلە ئورتاق گەۋدىسى فرانكى. چاد دېگەن بۇ نام چادا كۆلىدىن كەلگەن، ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىدىكى بۇ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت ئۇزاق تارىخقا ئىگە. 9 - ئەسىردە چادتا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەبىلە پادىشاھلقى شەكىللەنگەن؛ 19 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، چاد خەلقى ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە قالغان. 1960 - يىلى ئاۋغۇسىتتا چاد فرانسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭى تارىخىي سەھىپىنى ئاچقان. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن چاد دۆلەت بايرىقىغا كۆك، سېرىق ۋە قىزىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭدىكى تىك يوللۇق بايراق نۇسخىسىنى قوللانغان. بۇ بىر تەرەپتىن فرانسىيە مەدەنىيىتىنىڭ چادقا بولغان تەسىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. كۆك ئاسماندىن ئۈمىد ئايان بولۇپ، ئۇ چادنىڭ جەنۇبىي رايونىنى بىلدۈرگەن؛ سېرىق رەڭ قۇياش نۇرى ھەم بايلىق بولۇپ، شىمالىي ئېگىزلىكىنىمۇ بىلدۈرگەن؛ قىزىل رەڭ ئالغا بېسىش، ئىتتىپاقىلىشىش ۋە ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلىشقا رازى بولۇشتەك مىللىي روھىغا سىمۋول قىلىنغان. چاد جۇمھۇرىيىتى 1975 - يىلى دۆلەت گېربىنى تۈزۈپ چىققان، ئوتتۇرىسىدىكى قالقان سېرىق ۋە كۆك رەڭلىك دولقۇنسىمان توغرا سىزقىقتىن تەركىب تاپقان گۈزەل ۋە تىنىچ چاد كۆلى، مول قېزىلما بايلىقى چادقا ۋەكىللىك قىلىندىغان ئەڭ ئاساسلىق تەبىئىي بەلگىسىدۇر. قالقاننىڭ سول يېنغا سىزىلغان بىر سېرىق ئۆچكە چادنىڭ چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ ئوڭ يېنىدىكى بۈركۈت شۇ جاينىڭ ئالاھىدە ياۋايى ھايۋاناتىغا ۋەكىللىك قىلىنىغان. قىزىل قۇياش قالقاننىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرلۈپ، چادنىڭ ئالغا بېسىش يوىنى يۇرتۇپ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن بۇ دۆلەتنىڭ چوقۇم كۈندىن - كۈنگە ئۆرلەپ، گۈللەپ ياشنايدىغانلىقىنى ئالدىن بىلدۈرگەن. قالقاننىڭ ئاستىدىكى سېرىق لېنتىغا چادلار ياقتۇرىدىغان ھېكىمەت سۆزى: < ئىتتىپاق - ئەمگەك - ئالغا> دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر