UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرگابون

گابون

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا كىيىم نامىدىن ئېلىنغان ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىغا، ئاتلانتىك ئوكيان بويىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ شىمالىي، شەرقىي، جەنۇبىي قىسىملىرىنى ئېگىزلىكلەر ئىگىلەپ تۇرىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 500-1000 مېتىرغىچە كېلىدۇ، گابوننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئېكۋاتور سىزىقى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئىقلىمى نەم بولۇپ، تىپىك ئېكۋاتور ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ئىقلىمنىڭ يىللىق پەرقى ناھايىتى كىچىك. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 26℃ ئەتراپىدا بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا 2500-3000 مىللىمېتىر، ئىچكى قۇرۇقلۇق قىسمىدا1500 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ يېرىدە ئۇششاق دەريا تورلىرى كۆپ بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئوگۇۋى دەريا سۇ سىستېمىسىغا كىرىدۇ. پۈتۈن گابوننىڭ %85 يېرىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. ئورمان بىلەن قاپلىنىش جگھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. گابوننىڭ يەر مەيدانى 267 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 1 مىليون 230 مىڭ (1981) بولۇپ، بۇنىڭ %31 نى فان مىللىتى، % 30نى باكېللى بىلەن بانيابى مىللەتلىرى تەشكىل قىلىدۇ، قالغىنىنى ھىلاۋ، بالىنتا قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ 2/3 قىسمى كاتولىك ھەم خرىستىئان دىنلىرىغا قالغىنى ئىپتىدائىي دىنلار بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. شىمالىدا ئولتۇراقلاشقان خەلقلەر فان تىلىنى، جەنۇبتىكى خەلقلەر بانتو تىلىنى، دېڭىز قىرغاقلىرىدا ئولتۇراقلاشقان خەلقلەر مىنئان تىلىنى قوللىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. گابوندا ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن باشلاپلا قەبىلىلەرنى ئاساس قىلغان دۆلەتلەر قۇرۇلغان. 18 - ئەسىردىن باشلاپ، فرانسىيىلىكلەر بېسىپ كىرگەن. 1862 -، 1891 - يىللار ئارىلىقىدا پۈتۈنلەي فرانسىيە مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1910 - يىلى فرانسىيىگە قاراشلىق ئېكۋاتور ئافرىقىسىغا قوشۇلغان، ئىككىنچى يىلى گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قايتا فرانسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن. 1958 - يىلى فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى دائىرىسىدە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1974 - يىلى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. گابون ئىقتىسادتا كان سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. نېفىت، ئورمان، ئۇران، مارگانتېس ئۇنىڭ تۆت چوڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. كان سانائىتىدىن باشقا يەنە ياغاچ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، خىمىيە، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، سېمونت، ئېلېكتر ئېنىرگىيىسى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىمۇ بار. ئاھالىنىڭ 2/3 قىسمى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە بانان، كاكائو، كوفى، پالما مېغىزى، مانىخوت، شال، كۆممىقوناق ئاساس قىلىنىدۇ. گابوننىڭ تولۇق نامى <گابون جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى غەربىي دېڭىز بويىغا جايلاشقان، نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچى، گابون دەرياسىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان. 1473 - يىلى پورتۇگالىيە مۇستەملىكچىلىرى تۇنجى قېتىم گابون دېڭىز قىرغىقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، كومو دەرياسى (گابون دەرياسىنىڭ تارمىقى) نىڭ كەڭ كەتكەن ئېغىزىنى بايقايدۇ، دەريا ئېغىزىنىڭ شەكلى شۇ چاغدا پورتۇگالىيە ماتروسلىرى كېيىۋاتقان بىر خىل < Caban> دەپ ئاتىلىدىغان كىيىمى (ماتروسلار پىلاشى) گە ئوخشاشپ كەتكەچكە دەريا ئېغىزىنى Gabao دەپ ئاتاشقان، بۇ كېيىنچە <گابون> غا ئۆزگىرىپ قالغان. ئەينى چاغدا گابون پەقەت كومو دەرياسى ئېغىزىنىڭ ئىككى قىرغىقى ۋە بىروۋېل ئەتراپلىرىنىلا كۆرسەتكەن بولۇپ، كېيىنچە تەدرىجىي ھالدا پۈتكۈل گابوننىڭ نامى بولغان؛ ئىككىنچى، گابون سۆزى پورتۇگال تىلىدىكى gabao (سىرت كىيىم) ۋە ئىسپان تىلىدىكى gaban (سىرت كىيىم) سۆزلىرىدىن ئۆزگەرگەن. چۈنكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كىيىمى پورتۇگالىيە ماتروسلىرىنىڭ سىرتقى كىيمى بىلەن بەك ئوخشىشىپ كەتكەچكە شۇ نامنى قويغان. گابونغا 15 - ئەسىردە پورتۇگالىيە بېسىپ كىرگەن. 1876 - يىلى فرانسىيە پۈتكۈل زېمىننى بېسىۋالغان. 1911 - يىلى فرانسىيە گېرمانىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يەنە فرانسىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، 1958 - يىلى 11 - ئايدا فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى قارمىقىدىكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولغان. 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، پەنىلا فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى ئىچىدە قالغان. گابوننىڭ يەر مەيدانى 267 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 1 مىليون 320 مىڭ. ھەممىسىلا بانتۇ تىل سىستېمىسىدىكى قېرىنداش خەلقلەر، فرانسۇز تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. %70ى كاتولىك دىنىغا، %10 ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى لىبرېۋىل، پۇل بىرلىكى ئافرىقا پۇل مۇئامىلە ئورتاق گەۋدىسى فرانكى. -15 ئەسىردىن كېيىن پورتۇگالىيە، فرانسىيە قاتارلىق مۇستەملىكچىلەر ئارقا- ئارقىدىن گابونغا بېسىپ كىردى، بىرنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گابون فرانسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ، فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسىدىكى < ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيەت> بولۇپ قالغان. ئەينى چاغدىكى گابوننىڭ دۆلەت بايرىقى سول بۇرجىكىدە فرانسىيە بايرىقى سىزىلغان بايراق ئىدى. 1960 - يىلى ئاۋغۇسىتتا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن گابون خەلقى يېشىل، سىېرىق، كۆك رەڭلىك بايرقنى دۆلەت قىلىپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنى نامايان قىلغان. گابون < ياغاچ ماتىرياللىرى دۆلىتى > ، < يېشىل، ئالتۇن ماكان > دەپ ئاتالغان. يېشىل ئورمان گابوننىڭ بايلىق خەزىنىسى، سېرىق رەڭ گابوندىن كېسىپ ئۆتىدىغان ئېكۋاتور بىلەن قۇياشنىڭ كەڭ زېمىننى يۇرۇتۇپ تۇرغان نۇرنى، كۆك رەڭ گاىوننىڭ غەربىدىكى ئاتلانتىك ئوكياننى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربى 1963 - يىلى تۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا شۋېتسارىيە گېرن لايھىلەش مۇتەخەسىسى لۇئىس مىلمەننڭ ئىدىيسى ئىپادىلەنگەن: چوققىدىكى قويۇق شاخ - يۇپۇرماقلار قالقاننى قوغداپ تۇرغان. قالقاننىڭ ئىچىدىكى بىر قارا كېمە سەھەردىكى قۇياشقا قاراپ، كۆپكوپ ئاتلانتىك ئوكياندا پەرۋاز قىلماقتا، كېمىنىڭ ئارقا تەرىپىدە دۆلەت بايرىقى لەپىلدىمەكتە، بۇ رەسىم گابوننىڭ دېڭىز ئۈستىدىكى سودىسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنى ئوبرازلىق ھالدا ئىپادىلەپ بەرگەن. يەلكەنلىك كېمىنىڭ ئۈستىدە ئۈچ ئالتۇن رەڭلىك توپ بولۇپ، ئۇلار دۆلەتنىڭ مول قېزىلما بايلىقىنى بىلدۈرگەن؛ قالقاننىڭ ئىككى يېنىدىكى قارا يىلپىز گابون پالۋانلىرىغا سىمۋول قىلىنغان. بېزەك لېنتىغا لاتىنچە< ئىتتىپاقلىق بىزنى ئالغا باستۇرىدۇ> دېگەن خەت يېزىلغان، قالقاننىڭ ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا ئىتتىپاقلىق، تىرىشچانلىق، ھەققانىيەت< دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر
گابون | UyghurWiki | UyghurWiki